ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن
مۇھەممەتجان راشىدىن
ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
قايسىڭ ئىشقا كىچىكسەڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
كىچىكمەمسەن خىزمەتكە ، يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ ،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
جان يېرى بار ئادەمنىڭ ، ئوخشار ئاڭا مائاشمۇ ،
ئوندىن قۇسۇر تېپىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
بۇندىن ئۆزگە تەدبىرنىڭ ، ئانىسىنى تۈمەنمىڭ ...!
مېنىڭ بىلەن ئېيتىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىنتىزامىڭ بولمىسا كۈندە كېسەل بولمامسەن ؟!.
بالنېستتا يېتىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
ئىدارىگە يولاتما ، ئەمدى بالا-چاقاڭنى ،
بۇندا بالا بېقىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
چىقىپ كەتسەڭ كىرمەيسەن ، خالا جايدىن بىر سائەت .
يىغىن ئاچسام قېچىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قېشىڭدىكى ئوسمىنى قاچان قويدۇڭ ، ئېيتمىدىڭ ،
ئەمدى خېنە يېقىشساڭ ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
گەپنى ئۇچۇق دەپ قوياي ! مېنى كۆرسەڭ پىچىرلاپ ،
قۇلىقىڭنى يېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
بارالايدۇ پىقىرمۇ ، بارغان يەرگە ھەر قايسىڭ ،
رەھبەرلىككە چېقىشساڭ ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛بىلىم-كۈچ بىلۇگى copyright by www.iz.la