ئانامغا يىزىلغان خەت

ۋاقتى:2010-07-20 12:23مەنبە: يوللىغۇچى: نەسىردىن چېكىلىشى:قىتىم
  

  ئانامغا يىزىلغان خەت ئىز تورى بەك ياخشى

 
ئاپتۇرى؛ بۇمەريەم ئابابەكرى            (نەسىر)  copyright by www.iz.la

ئاھ!   قەدىرلىك ئانا،جىمى مەۋجۇداتنىڭ يۈرىكى ئانا دەپ سوقدۇ، بۇنىڭغا ئىشنەمسەن ؟

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

قەدىرلىك مۇئەللىم،بور توزانلىرى ئارىسىدا پۈتكۈل ئەقلى جىسمىنى بىزگە ئاتا قىلىپ ، يۈرىكى بىلەن دەرىس سۆزلەۋاتقان ۋاقتىدا،سىنىڭ مېھرىبان سىمايىڭ كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەيدۇ.خىيال قۇشلىرىمنى سەن تەرەپكە ئۇچۇرىۋىتىدۇ.كۆرىمەن،ئاڭلايمەن،مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرنى، سىنى ئەسلەيمەن.سەنمۇ ئاشۇ مېھرىبان سۆيۈملۈك جىسمىڭ بىلەن سەبىي دىللارغا بىلىم مەرىپەت ئۇرۇقى چېچۋاتقانسەن ھە!مەن ئىشنىمەن،سەن بىر ۋايسىماس باغۋەن . ئاخشاملىرى گۆدەك ئوقۇغۇچلىرىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلارنى پۈتكۈل زىھنىڭنى سەرپ قىلىپ تەكشۈرىسەن،تۈزىتىسەن.بەزىدە شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ.بىر قېتىم مەن تەكشۈرۈپ بېرەي دېسەم،كۆزلىرىڭ كۆزلىرىم بىلەن يالت قىلىپ ئۇچراشتى-دە يەنىلا تەكشۈرىۋەردىڭ . ئارتۇق گەپ قىلمىدىڭ.بىلمەن ئاشۇ ئوقۇغۇچلىرىڭنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلغىنىڭ كەلمىدى.ئاشۇ كونا يولدا مەكتەپكە بېرىپ كىلپ،20 يىللىق مۇساپەڭنى ئۆتكۈزدۈڭ.مەيلى كۈز،مەيلى قىش،مەيلى ياز،مەيلى ئەتىياز،بۇ 20يىلدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر ئۆزگەردى ، ئۆزگىرۋاتدۇ . پەقەت سېنىڭ ئىرادەڭ،قەلبىڭ ئۆزگەرمىدى.ياشلىق باھارىڭنىڭ تۇنجى نوتىلىرى كۆكلىمەس چېغىدىلا بۇ ئۇزۇن سەپەرگە قېتىلدىڭ.بۇ ئۇزۇن سەپەردە نۇرغۇنلىغان بوران -چاپقۇن ، ئەگرى توقايلىقلارغا ئۇچۇردۇڭ.ھاياتلىق يولۇڭدا ساڭا قىلىن داشقاللار كۆپ ئۇچرىدى . بەزىلىرنى ئېلۋەتتىڭ، بەزىلىرنى كىشلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇردۇڭ.بەزىلىرى بولسا سېنىڭ پۇتلىرىڭغا پۇتلىشىپ سىنى يىقتىشقا،بەل پۈكتۈرۈشكە ئۇرۇندى،سەن بەرداشلىق بەردىڭ.قۇياش كۈندىلا سېخى نۇرىنى چېچىۋەرمەيدىكەن ، لېكىن،مەن ساڭا قايىل،قەيسەر ئانا! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۆز پەرزەنتلىرىڭنىڭ ئىشقىدىمۇ ئوت بولۇپ ياندىڭ.ئۇلارنى پۈتكۈل مېھرىڭ،ئەقلى قۇۋۋىتىڭ بىلەن تەربىيلەۋاتسەن.ئۇلارمۇ مەرىپەت باغچىسدا ئۆز غايىلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

سەن نەقەدەر ئۇلۇغ-ھە!ئەلنىڭ بەختى سىنىڭ بەختىڭ،ئەلنىڭ خۇشاللىقى سىنىڭ خۇشاللىقىڭ،ئامانلىقى تەختىڭ.ئانا تاغلارنى يۈكسەك دەپ تەرىپلەيمىز،لېكىن سىنىىڭ يۈكسەكلىكىڭ ئالدىدا تاغ ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ.

copyright by www.iz.la

ئۇزۇن يىللارنىڭ،ئۇزۇن سەپەرنىڭ ھاياتلىق يالدامىسى يۈزلىرىڭدىن كۆزلىرىڭدىن ئورۇن ئاپتۇ.چاچلىرىڭغا ئاقلار كىرىشكە باشلاپتۇ.ماڭا بەرگەن ئانىلىق مېھرىڭگە تېخى جاۋاب قايتۇرمىدىم ئانا.خاتىرجەم بول،سىنىڭ ئەجرىڭ ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.سەن بەرگەن تەربىيە،ئەخلاق،مېنىڭ قەلبىمدە مۇقەددەس كىتاب سۈپىتىدە ھەر دائىم ساقلىنىدۇ. بەللىرىڭ ئېگىلمىسۇن،قەددىڭ پۈكۈلمىسۇن،ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن ، قۇياشتەك ئانا!
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • [مۇخەممەس] ئۇيغۇر كاۋاپلىرى

    «كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز، ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز، تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز، ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز، ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ...

  • نېمىشقا ؟!

    يۇرۇپ كەتتىڭ تەنھا نىمىشقا، ھەمشىرەڭدىن چاندىڭمۇ ياكى. ئاھسىراپلا يۇردۇڭ نىمىشقا، ئۆز-ئۆزۇڭدىن تاندىڭمۇ ياكى. ئاچچىق كۇلۇپ كەتتىڭ نىمىشقا، ناشتىلىققا لازا يىگەنمۇ؟ ياكى سىنى ئاچچىق كۇلدۇرگەن، پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنمۇ؟ پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنگە، سەۋەپ بول...

  • سۆيگۈ خاتىىرسى

    مۇھەببەت شەرىت-شارائىت ئارقىلىق ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ...

  • ئىز تورىغا (مەلىكە0996 )

    ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن، مۇھتاجلىقتا ئوتەركەن. قوللىغاچقا ئىز تورى، ئەجىرىمىزدىن گۈل ئۇنەركەن. گۈل ئېچىلسۇن ئىز توردىن، يازغان ھەربىر خەتلەرگە. پۇرسەت كەلسە ئايىماڭ، يېزىپ تۇرۇڭ ئىز تورغا. كەچۇرۇڭلار ياخشى چىقماي قالدى....

  • ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى

    ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى...

  • باتۇرلارچە ياشايلى !

    باتۇرلارچە ياشايلى زۆھرە ئابلىمىت(ئەما قىز) قارا تۇمان توسۇۋالغاچ كۆزۈمنى، ئىزدەپ - ئىزدەپ كۆرەلمىدىم جىسمىڭنى. يا كەلمىدىڭ ئۆزۈڭ ئىزدەپ يېنىمغا، كۈچەپ - كۈچەپ توۋلىساممۇ ئىسمىڭنى. يۈرىكىمىز پىچىرلاشقان شۇ چاغدا دېدىڭ:ماڭا دەسسەش نېسىپ ئەمەسكەن. كەچۈر،بېر...

  • نۇرۇز ھىكىمىتى

    نۇرۇز ھىكىمىتى ۋارىسىجان تۇردى(سەۋدا) مۇقەددىمە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشسە نۇرۇز بۈگۈن قالامىدىكىن كۆڭۈللەردە ئارمان تۈگۈن؟ 1 قانداق سېھىرى ھىكىمەت بار؟ نۇرۇز بوۋامدا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگەئۇلاپ كەلگەندەك. ياشرار ھەريىلى، يىشىل باھاردا. كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكە...

  • مۇھەببەت يىغلايدۇ

    مۇھەببەت يىغلايدۇ ئابلەت مۇھەممەت سادائىي قۇرىدى كۆزياشلار پۈتمىدى پىغان، كۆزياشلار مەۋجىدە ياسالدى قىيان، ئاشىقنىڭ مەشۇقنىڭ چىرايى سامان، ئەجەبكى بىركۆرۈم بولدى بەك يامان، مۇھەببەت يىغلايدۇ ،يىغلايدۇ جاھان. كۆيمەكلىك كۆڭۈلنىڭ رايىكەن ھامان، سۆيگەنگە يۈرە...

  • ئىكەن

    بۇ شىئىرنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان، شۇڭا تورداشلىرىمغا ئەۋەتتىم....

  • خىيال ظذنچىلىرى

    مۇھەببەت ۋە ئادەم بولۇش ھەققىدە...