ئوتۇڭ تۇتىشىپ قالدىغۇ جانان ،
سېنى كۆرگەن شۇ كۈندىن بىرى .
ھېچ كەتمەيدۇ گۈزەل رۇخسارىڭ ،
مىسكىن قەلبىم تۆرىدىن نېرى .
www.iz.la
قېينىمىغىن ئەي جانان مېنى ،
چېكىۋەتتىڭ يۈرەك تارىمنى .
ئوتۇڭ تۇتۇپ قالغاندىن بۇيان ،
يوقاپ كەتتى شوخلۇق ھېسلىرىم .
ئىز تورى بەك ياخشى
سېنى كۆرۈپ ،ئۇچرىشىپ قالسام ،
دۇدۇقلايدۇ مېنىڭ تىللىرىم .
قېينىمىغىن ئەي جانان مېنى ،
چىن قەلبىمدىن سۆيگەنتىم سېنى .
كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق ماڭا ،
سەن جانانغا كۆيگەندىن باشلاپ .
گەر پېقىردىن سۇئال سورىساڭ ،
تىڭىرقايمەن بېشىمنى قاشلاپ .
قېينىمىغىن ئەي جانان مېنى ،
تەقدىم قىلاي ساڭا بارىمنى .
چىن يۈرەكتىن چىقتى بۇ سۆزلەر ،
www.iz.la
تىكىلمەكتە ئوتلۇق بۇ كۆزلەر .
چاپتۇرايلى سۆيگۈ تۇلپارى ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كۈلۈپ باقسۇن مەندىكى يۈزلەر.
قېينىمىغىن ئەي جانان مېنى ،
سۈرەيلى بىز ھايات پەيزىنى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چولپان كەبى خۇمار كۆزلىرىڭ ،
چاقناپ يۇرار ئايدەك يۈزلىرىڭ .
چىن سۆيگۈگە تەشنا قەلبىمگە،
داۋا ئىكەن سېنىڭ سۆزلىرىڭ .
ئىز تورى بەك ياخشى
قېينىمىغىن ئەي جانان مېنى ،
كۆرسىتەيمۇ ئوتلۇق يۈرىكىمنى !؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەن جاناننى كۆرگەندىن باشلاپ ،
ئىز تورى بەك ياخشى
رۇخسارىڭغا بولغانتىم ئەسىر .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغ يولىدا ،
قۇرايلى بىز سۆيگۈگە قەسىر .
قېينىمىغىن ئەي جانان مېنى ،
سۆيەلەيمەن بىر ئۆمۈر سېنى .
... ...
2005-يىلى 2 –دېكابىر ، (نەنچاڭ)
مەنبە : ئۆز قەلىمىم ...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورى بەك ياخشى