مەيخانىغا بىر كىرسە كەتمەيدىغان ھاراقكەش
قۇرۇقدالسا يانچۇقى سەزمەيدىغان ھاراقكەش.
بالام ،ئۆيۈم، ئايالىم...دىمەيدىغان ھاراقكەش،
تۇرمۇشنىڭ ھېچ غىمىنى يىمەيدىغان ھاراقكەش،
ئۆز ئۆيىگە تۈنگىچە كىرمەيدىغان ھاراقكەش. copyright by www.iz.la
ئۈلپەتلىرىڭ ئايرىلماس ئىكەن ساڭا «يار-يۆلەك»،
گەرچە ئۇلار قويسىمۇ يوللىرىڭغا ھۆل-كىسەك،
ئەزىزلەيسەن سەن تېخى ئۇلارنى بىر «خىزىردەك»،
ھاراق ئۈچۈن ئىكەنسەن ئۆزۈڭ چاكار قۇل-دىدەك،
كەيىپلىكتىن باشقىغا كۆيمەيدىغان ھاراقكەش. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر كۈنىڭمۇ ئۆتمەيدۇ مەيخانىغا چاپالماي،
ئەخلەتلىكتە ياتىسەن ئۆز-ئۆزىڭنى تاپالماي،
بىرەر-ئىككى كۈنگىچە يەڭلىرىڭنى ساپالماي،
خىجىل بولماي يۈرىسەن شۇ ھاراقتىن قاچالماي.
ئادەملىككە ئەزەلدىن كۆنمەيدىغان ھاراقكەش.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
نىمە راھەت تاپتىڭسەن كوچىلاردا مەست بولۇپ،
ئەل-ئاۋامنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ چۈشۈپ، پەس بولۇپ،
بەتتەرلەشتىڭ مەي ئىچىپ كۈن ئالمىقىڭ تەس بولۇپ،
نەسھەتكە كۆنمەستىن كوچىلاردا نەس بولۇپ،
بىر كۈن جەڭگە-جىدەلسىز ئۆتمەيدىغان ھاراقكەش.
دوست-يارەنلەر ساڭا ھىچ ئۆتكۈزەلمەي سۆزىنى،
ئاتا-ئاناڭ يۈرمەكتە كۆتۈرەلمەي يۈزىنى،
قاچانغىچە يۈرىسەن ئەركەك چاغلاپ ئۆزۈڭنى،
دەيسەن: خەقنىڭ نە كارى توقىۋەرسۇن بۆزىنى،
قاۋاقلاردا، بۇلۇڭدا تۈنەيدىغان ھاراقكەش. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بەس، بولدى قىل، ھاراقكەش، خەقلەر سۆكۈپ يۈرمىسۇن،
ئوقۇشسىز قېپ باللىرىڭ ھەسرەت يۇتۇپ يۈرمىسۇن،
قېرىندىشىڭ نومۇستا سەندىن مۆكۈپ يۈرمىسۇن،
ئەل-جامائەت كەينىڭدىن لەنەت ئوقۇپ يۈرمىسۇن،
ھاراق تاشلا، بوتكىدىن كۆچمەيدىغان ھاراقكەش.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەسكەرتىش؛......... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپتۇرىنىڭ كىملىكىنى بىلەللمىدىم .خىلى ياخشى يىزىلغان شىئىر ئىكەن شۇڭا بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم......... ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبەسى ؛ http://tarim68.blogbus.com ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!