سىزگە ئاشىق بىچارە يۈرەك ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سىزگە ئاشىق بىچارە يۈرەك، بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
سوقۇپ تۇرارئارماندا ئەنسىز.
قىينار جاننى ۋىسالسىز سۆيگۈ،
ياۋا بىر ئوق تەككەندەك چەنسىز.
سىزگە ئاشىق بىچارە يۈرەك،
نېرى بولماس ھەسرەتتىن، غەمدىن.
يانار تاغلار بولىدۇ ھاسىل،
كۆيۈپ چىققان نەپەستىن،دەمدىن.
سىزگە ئاشىق بىچارە يۈرەك،
غېرىپ قۇشتەك ئۆرتىنەر باغدا.
ئۇچۇپ چىقار پىغانلىق ئاھىم،
بۇلبۇل دەردلىك سايرىغان چاغدا.
سىزگە ئاشىق بىچارە يۈرەك،
مۇڭلۇق كۈيگە ئايلىنار سازدا.
شەيدا قىلار تۈمەنمىڭ جاننى،
ھايات ئىشقى يامرىغان يازدا.
سىزگە ئاشىق بىچارە يۈرەك،
ۋىل-ۋىل قۇمدەك ئۆتەرمۇ كۆيۈپ؟
ياكى بىر كۈن بولارمۇ نىسىپ،
ئارزۇ بىلەن ياشاشقا سۆيۈپ؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!