ياشنىسۇن گۇللىسۇن ئۇيغۇر تىلى

ۋاقتى:2010-06-18 00:30مەنبە: يوللىغۇچى: زىبا چېكىلىشى:قىتىم
  

(مۇخەممەس ) 
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
 
 
بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى، 
مەڭگۇ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى، 
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ،  ئۈكەر  ئۇيغۇر تىلى، 
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر  ئۇيغۇر تىلى ، 
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر  ئۇيغۇر تىلى.
 
 
ئانا تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ، 
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭۇ- كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ - يۆلىكى، 
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە ، قەلىب ئەينىكى ، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ، 
تارىتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەر قاچان ئەنبەر تىلىم .
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ، 
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
 بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۇ تەم ، 
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ، 
تىل چېچېلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم 
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


خاسىيەتلىك تىل تۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ، 
مەن ئىجات ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ، 
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ، 
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جانجىگەر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
سۇ بىرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ، 
ئۇ - چىراق ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ، 
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتا - ئۇلاق ، 
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىزگە پۇتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى .
 
 
قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ، 
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
ھەر تەرەپتىن ياغدى ئالقىش ، دېگەن سادا،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى، سالدۇق ساما ، 
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ، 
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت ناۋائىي تاپتى شان ،
مۇشۇ تىلغا جان بىرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ، 
مەڭگۇ ئەنگۇشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى .  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
 
 
مۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ، 
مۇشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ، 
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ، 
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگەتتى كەسىپ - ھغنەر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ، 
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخار ، 
ئانا تىلنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۇلباھار ، 
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھاببەت ... ھەممە بار ،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۇردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .  www.iz.la
 
 
بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ، 
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ئاي ، يىلىم ، 
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ، 
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
خىسلىتى يازغانغا پۇتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ، 
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل - يۇرت ئاۋات ، 
كۇنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ، 
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ، 
ئۇتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى .  copyright by www.iz.la
  
 
تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارىنىڭ ، باش قاشلىما ، 
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ، .
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما 
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ، 
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋە ر ئۇيغۇر تىلى . 
 
 
ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ، 
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،  
چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا : 
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي !  دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 
مەنبە:جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • [مۇخەممەس] ئۇيغۇر كاۋاپلىرى

    «كاۋاپچى»دەپ ئاتالغان بىز، كېلىڭ مېھمان، كاۋاپ يەيسىز، ھۈنەر پەمىگە ئۇيغۇرنىڭ بولۇپ ھەيران، كاۋاپ يەيسىز، تېپىپ تەنگە يېڭى قان ھەم قۇۋۋەت- دەرمان، كاۋاپ يەيسىز، ھوزۇرىنى سۈرۈپ گوياكى شاھ - سۇلتان، كاۋاپ يەيسىز، ئېغىز تەگمەكنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ئارمان، كاۋاپ...

  • نېمىشقا ؟!

    يۇرۇپ كەتتىڭ تەنھا نىمىشقا، ھەمشىرەڭدىن چاندىڭمۇ ياكى. ئاھسىراپلا يۇردۇڭ نىمىشقا، ئۆز-ئۆزۇڭدىن تاندىڭمۇ ياكى. ئاچچىق كۇلۇپ كەتتىڭ نىمىشقا، ناشتىلىققا لازا يىگەنمۇ؟ ياكى سىنى ئاچچىق كۇلدۇرگەن، پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنمۇ؟ پۇتلىرىڭغا كىرگەن تىكەنگە، سەۋەپ بول...

  • سۆيگۈ خاتىىرسى

    مۇھەببەت شەرىت-شارائىت ئارقىلىق ئۆز ۋىسالىنى تاپىدۇ...

  • ئىز تورىغا (مەلىكە0996 )

    ھايات دىگەن شۇنداق ئىكەن، مۇھتاجلىقتا ئوتەركەن. قوللىغاچقا ئىز تورى، ئەجىرىمىزدىن گۈل ئۇنەركەن. گۈل ئېچىلسۇن ئىز توردىن، يازغان ھەربىر خەتلەرگە. پۇرسەت كەلسە ئايىماڭ، يېزىپ تۇرۇڭ ئىز تورغا. كەچۇرۇڭلار ياخشى چىقماي قالدى....

  • ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى

    ئەجپ سېغىندىم ئەشۇ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمنى...

  • باتۇرلارچە ياشايلى !

    باتۇرلارچە ياشايلى زۆھرە ئابلىمىت(ئەما قىز) قارا تۇمان توسۇۋالغاچ كۆزۈمنى، ئىزدەپ - ئىزدەپ كۆرەلمىدىم جىسمىڭنى. يا كەلمىدىڭ ئۆزۈڭ ئىزدەپ يېنىمغا، كۈچەپ - كۈچەپ توۋلىساممۇ ئىسمىڭنى. يۈرىكىمىز پىچىرلاشقان شۇ چاغدا دېدىڭ:ماڭا دەسسەش نېسىپ ئەمەسكەن. كەچۈر،بېر...

  • نۇرۇز ھىكىمىتى

    نۇرۇز ھىكىمىتى ۋارىسىجان تۇردى(سەۋدا) مۇقەددىمە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشسە نۇرۇز بۈگۈن قالامىدىكىن كۆڭۈللەردە ئارمان تۈگۈن؟ 1 قانداق سېھىرى ھىكىمەت بار؟ نۇرۇز بوۋامدا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگەئۇلاپ كەلگەندەك. ياشرار ھەريىلى، يىشىل باھاردا. كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكە...

  • مۇھەببەت يىغلايدۇ

    مۇھەببەت يىغلايدۇ ئابلەت مۇھەممەت سادائىي قۇرىدى كۆزياشلار پۈتمىدى پىغان، كۆزياشلار مەۋجىدە ياسالدى قىيان، ئاشىقنىڭ مەشۇقنىڭ چىرايى سامان، ئەجەبكى بىركۆرۈم بولدى بەك يامان، مۇھەببەت يىغلايدۇ ،يىغلايدۇ جاھان. كۆيمەكلىك كۆڭۈلنىڭ رايىكەن ھامان، سۆيگەنگە يۈرە...

  • ئىكەن

    بۇ شىئىرنى مەن بەك ياقتۇرۇپ قالغان، شۇڭا تورداشلىرىمغا ئەۋەتتىم....

  • خىيال ظذنچىلىرى

    مۇھەببەت ۋە ئادەم بولۇش ھەققىدە...