تىلتۇمار قىل يۈرەك سۆزۈمنى(دىلداش) بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش) ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورى www.iz.la
لەھەتتەك زۇلمەتلىك قاراڭغۇ قەلبىم،
نۇر تىلەر ۋەسلىڭدىن ھارغىن كۆزلىرىم.
پايانسىز باغرىڭدىن ئىزلەيدۇ باھار،
مېھرىڭگە تەلمۈرگەن ئۈمۈد گۈللىرىم.
نىگاھىڭ لەيلەيدۇ خىياللىرىمدا،
كۈنلىرىم تەشۋىشلىك كۈتۈشلەر بىلەن.
ھېسسىمدە سۆزلىشىپ ئۈنسىز سەن بىلەن ،
بەزلەيمەن كۆڭلۈمنى دەمدە خىيالەن.
تۈنلەردە تۇلغۇنۇپ كەلمىسە ئۇيقۇم،
باقىمەن يۇلتۇزغا تەلمۈرۈپ ئۇزاق.
ئۈمۈدلىك ھېسلىرىم مەھكۇم غەملەرگە،
گەر قۇتراپ تۇرسىمۇ ئىڭىمدە پىراق. copyright by www.iz.la
ھىجراندىن ناۋادا ئۆلسەم تۇيۇقسىز،
قەلبىڭگە دەپنە قىل يۈرەك سۆزۈمنى.
تىلتۇمار قىلىپ ئاس ئۈمۈدلىرىڭگە، ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سەن ئۈچۈن ئىيتىلغان ئوتلۇق كۆيۈمنى. www.iz.la