ئاھ ئاتىلار
ھەممە شائىر` ئانىلا `دىدى ،
ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە .
ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى ،
نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا .
خەنجەر بۇلۇپ قادىلار ،
بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا .. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كىچىپ ،
كۆردى نى نى دەردۇ بالالار .
ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ ،
كەزمىدىمۇ تاغۇ دالالار . ئىز تورى www.iz.la
نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان ،
قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى .
ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان ،
ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا ،
ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش .
يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا ،
شىر يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش . copyright by www.iz.la
بىز ئاتالدۇق تاڭسىدا يىگىت ،
ئاھ ! ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت ! www.iz.la
يىگتىلەرگە رەھمەت ئۇقۇلدى ،
جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا .
كۆسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى ،
قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا . ئىز تورى www.iz.la
توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن ،
ئەرىك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە .
كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن ،
بايراق بەردى ئاتام زەپەردە .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى ،
ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا .
جاپالاردا راسا تاۋلىدى ،
خارقىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا .
سايىلەردە ئانام ئەللىيى .
مەن قۇچاقتا ،كۆزۈم ئۇيقۇدا ،
خامانلاردا ئاتام لاي -لايى ،
شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا .
چىللاپ كەتتى ئاتامنى چىجدان .
ئانام قالدى ئۆينىڭ غىمىدە .
ئەلنىڭ غىمى ئاتامدا ۋولقان ،
يېشى دەريا ئۆزى كېمىدە .
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مىڭ يىگىتنىڭ ھىممەت لەرزى بار ،
قولىدىكى ھەر بىر قاداقتا .
ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار ،
ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا .
مەن ئاتالدىم بەزمىدە يىگىت ،
ئاھ!جان ئاتام جەڭلەردە شېھىت !
يازغۇچى:
ئابدۇرھىم ئابدۇللا
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!