ئىنسان بول يامان ئىشلاردىن نېرى تۇر ، پەزىلەتسىزلەرنىڭ قىلىقلىرىنى دورىما . زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى قەتئىي چەكمە . چۈنكى ئۇ ئىنساندىكى ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ، مەنمەنچىلىكنىڭ ، نادانلىقنىڭ ، ئەخلاقسىزلىقنىڭ مىسالى . زەھەرلىك ئىچىملىكلەرگە قەتئىي يېقىن يولىما . نادانلار بىلەن قىمارۋاز – شەھۋەتپەرەس ۋە بىكار تەلەپلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولما . ئۇلار بىلەن قەتئىي ئۈزۈڭنى بىر قاتاردا سانىما ۋە يېقىن يولىما . ئۈزۈڭنىڭ بىر ھەقىقىي ئىنسان ئىكەنلىكىڭنى مەڭگۈ ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقىن ... ئاز سۆزلە ، كۆپ ئۈگەن . ئۇستازلىرىڭنى ھۆرمەتلە . ۋاقتىڭ بىكارغا ئۈتۈپ كەتمىسۇن ... بىھۇدە ئىسراپچىل ئادەم بولما ... سەمىمىي ، كەپتەر بول . ئۈزۈڭنىڭ ئۈگەنگىنىڭنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ، ئۈزۈڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، مىللىتىڭگە ئازتۇلا ئىش قىلىپ بىرىش ئۈچۈن دەپ بىل ... ئەۋلاتلىرىڭ سېنىڭ ھەر بىر قىلغان ئىشلىرىڭدىن مەمنۇن بولسۇن ... ھەربىر ئىنسان سېنىڭ نامىڭنى ئاڭلىغاندا تولىمۇ سۈيۈنسۇن .