تۆت كۆزلۈك ئايال
كىشىلەر تانزانىيىنىڭ ھېموگىن دېگەن يېرىدە ئۈچ غەلىتە ئايالنى ئۇچراتقان . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشاش سىممتېرىك ھالدا ئوڭ ۋە سول تەرەپكە جايلاشقان بولماستىن ، بەلكى يۇقرى - تۆۋەن بىر قاتارغا جايلاشقانكەن . ئىز تورى بەك ياخشى
1966 - يىلى 3- ئاينىڭ 21 - كۈنى يۇدا ۋە سگې ئىسىملىك بىر جۇپ ئاشىق - مەشۇق ئۇ يەردە سەيلە قىلىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ ، يۇدا تېيلىپ كېتىپ زەھمىلەنگەن . ئۇلار ئالمان - تالمان يامغۇردىن دالدا بولغۇدەك جاي ئىزلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ يەر ناتۇنۇش بولغانلىقى ھەم يېقىن ئەتراپتا ئۆي بولمىغانلىقى ئۈچۈن گاڭگىراپ قالغان .
copyright by www.iz.la
ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا ، كۆز ئالدىدا تۇرۇقى قورقۇنىچلۇق ، كۆزلىرى يۇقرى - تۆۋەن بىر قاتارغا جايلاشقان بىر ئايال پەيدا بولغان . ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئۇلارغا ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئېيىتقان . تىترەك ئولاشقان بۇ ئاشىق - مەشۇقلار قارشىلىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ئۆڭكۈرگە بارغان . copyright by www.iz.la
ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرىپلا يەنە تۇرقى ئوپمۇ ئوخشاش ئىككى ئايالنى كۆرگەن . بۇ ئاياللار يۇداغا خاتىرجەم دەم ئېلىشنى ئېيىتقان ، سگېغا _ " قورقۇپ كەتمەڭلار ، بىز سىلەرگە زىيان - زەھمەت يەتكۈزمەيمىز ، بىز ئاچا - سىڭىللار بولىمىز ، يېقىندا قازا قىلغان ئاتا - ئانىمىزنىڭ تەرقى - تۇرقىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىدى . بۇنىڭدىن باشقا بىز نۇرمال ئادەملەردىن ھېچقانداق پەرىقلەنمەيمىز " دېگەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كېيىن يۇدانىڭ كېسىلى ساقىيىپ ئۆڭكۈردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ، ئۇلار ئۈچ ئاچا - سىڭىلغا چەكسىز تەشەككۇر ئېيىتقان ... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!