ئايرىلدۇق شۇ ئايدىڭ كېچىدە،
كەتتىڭ ھەتتا خوشمۇ دىيەلمەي.
يۈرىكىمدە پەيدا بولدى داغ،
بۇ زەربىگە بەرداش بېرەلمەي.
قالدى پەقەت ئاچچىق ئەسلىمە،
سۆيگۈمىزنىڭ مەنزىللىرىدە.
مۇھەببەتكە خوش دىدۇق ئاخىر،
بىز سۆيۈشكەن ئايدىڭ كېچىدە.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىمغۇ ئاخىر،
گۇناھسىزغۇ سۆيگۈ ئەسلىدە.
ئۆستۈرمەكچى بولغانتۇق گۈلنى،
خازان قىلدۇق چېچەك پەسلىدە.
بوپتۇ سەنمۇ ماڭغىن يولۇڭغا،
توغرا دېسەڭ تاللاشلىرىڭنى.
بەلكىم بىر كۈن ئۇنتۇپ كېتەرمەن،
ئەشۇ تاتلىق قاراشلىرىڭنى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئايدىڭ كېچە ئايرىلدۇق شۇنداق،
قالمىغاچقا بىزلەرگە پۇرسەت.
خارلىمىغىن ئەمدى سۆيگۈنى،
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كېلىپ قالسا يەنە بىر پۇرسەت
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى بەك ياخشى
www.iz.la