تورداشلارغا مۇراجەت بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
www.iz.la
ئەسسالامۇئەيكۇم تورداشلار!
ئىز تورى www.iz.la
مەن ئىز تورىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن ھەممىڭلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.ھەممىمىزنىڭ مەخسىدى ئۇيغۇر تورچىلىقىنى قوللاپ، ،تور كولۇبى، تور مەھەللىسى....قاتارلىق سورۇندىن ساغلام ئىدىيە بىلەن پايدىلىنىپ،مىللىتىمىز ھۇجۇدىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ناتوغۇرا ئادەت، ئىدىيە،كۆزقاراش،نادانلىق،خۇراپىيلىق...قاتارلىق ئىللەتلەرگە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان تۇرلۇك ژانىردىكى ئەسەرلىرىمىز، يازمىلىرىمىزنى يوللاپ، ئۇ ئىللەتلەرنى تۇزۇتۇشكە تۇرتكە بولۇش ئۇچۇن ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى تور ئەھلىگە سۇنۇپ ئورتاقلىشىش، ئۇنى گۇللەندۇرۇشكە ئاز-تولا ھەسسە قوشۇىش دەپ قارايمەن.دىمەكچى بولغۇنۇم ئىز تورى ئۆزىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرى بىلەن مىللى تور تور دۇنياسىدا كۆكتە چاقىنىغان بىر يۇلتۇز بولۇپ قالدى.كۆپ ساندىكى ئىز تورى ئەھلىنىڭ مەھەللىسى بار،ئۇنى ھەر قايسىمىز مەزمۇنلۇق، رەڭدار، چىرايلىق قىلىپ بېزەپ ئويناپ كىلىۋاتىمىز.تورداشلار ئۆزئارا مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىپ قىممەتلىك پىكىر،تەكلىپ، مەدەتلەرنى قالدۇرۇپ، ئىز تورى مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بىر تۇققان قېرىنداشتەك مىھرىنى ئۆزئارا نامايەن قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.ئەمما بەزىلەر بۇ ئىناقلىقنى كۆرەلمىگەندەك قىتىغورلۇق قىلىپ مەھەللىگە سۆز قالدۇرغاندا قەستەن باشقىلارنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قالدۇرۇۋاتىدۇ.بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە مىنى ھەيران قىلغان بىر مىسالنى ئاڭلاپ
قېنى دەڭا،سىز چە مۇشۇنداق قىلىش نورمال ئىشمۇ؟ مۇشۇنداق مىتىلەرنىڭ كاساپىتىدىن نىمىلەر بولمىدى؟تور تاقىلىپ قىلىپ نىمە بولۇپ كەتتۇق؟،ئەمدى تور نورمال ھالاتكە كەلگەندە يەنە مۇشۇنداق كاللىسىنىڭ دەدى بارلار تور بىكەتلىرىنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا تورداشلاردىن ئۆتۇنىدىغىنىم، مۇنداق نىمىلەرنىڭ قالايمىقان جۆيلۇپ ئىز تورىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىغا يول قويمىساق.ئىز تورىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۇزىدىغان ھەر قانداق ناتوغرا ھەركەت،ساغلام بولمىغان سۆزلەرنىڭ يامىراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالساق .قالدۇرغان سۆزلىرىمىز ئىلمىي بولۇشىغا دىققەت قىلساق.سىزنى بىرسى سۆزقالدۇر دەپ زورلىمىغاندىكىن، تاقا،تۇقا سۆزقالدۇرغاندىن سىۆزقالدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدىكەنغۇ؟، ئاسان بولسۇن دەپ"تېز سۆز قالدۇرۇش "ئىقتىدارىنىمۇ قوشۇپ قويۇپتۇغۇ، بەك سۆزقالدۇرغىڭىز كەپ كەتسە شۇنىڭدىن ئۆزىڭىز مۇۋاپىق كۆرگەن سۆزنى بىسىپلا قويسىڭىز بولىدىكەنغۇ؟ بەلكىم مەن ئارتۇقچە كىچىك بىر ئىشقا ئېسىلىۋالغاندىمەن. ئوشۇق سۆزلەپ قويغان بولسام تورداشلارنىڭ كەچۇرۇشىنى، مۇشۇنداق كىچىك، ئاددى ئىشلارنىڭ ئەكس تەسىرىنى ئويلۇشۇپ بېقىشنى ئۇمىد قىلىمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورى بەك ياخشى
ئىز تورى بەك ياخشى
copyright by www.iz.la
بېقىڭلار؛" abduwayt " دىگەن تورداش مەھەللەمگە كىرىپ"تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك"لا مۇنداق سۆز قالدسۇرۇپتۇ؛"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەھۋالغا قارىغاندا سىز بوددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟".ما گەپنى كۆرۇڭ،مەن ھەيران قالدىم،ھەجەپ بۇ گەپنى دەپ قاپتا؟ دەپ مەھەللەمدە شۇنداق تەسرات قالدۇرۇدىغان بۇت، نوم،بۇتخانە،راھىپلارنىڭ رەسىملىرىنى ئۇقۇشماي ساقلاپ قالمىغاندىمەن دەپ ھەممە يەرنى ئىزدەپ قاراپ چىقتىم. بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەستى.بەك ئاچچىغىم كەلدى،بۇ سۆزنى قالدۇرغان ساراڭمۇدۇ يا ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيدىغان نىمىمىدۇ بۇ "توۋا"دەپ ھەيران قالدىم.چۇنكى بۇ ماڭا قىلىنغان ھاقارەت ئىدى.مەن يەنە بۇ"دوستۇم"نىڭ مەھەللىسىگە كىرىپ"نىمە ئۈچۈن بۇنداق دىدىڭىز؟،ماڭا چۇشەنچە بېرەمسىز؟" دەپ سۆز قالدۇرۇپ چۇشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلسام مانا ھازىرغىچە جاۋاپ يوق.توردا ئۆزىمىز مۇشۇنداق سالپا،سىياق گەپنى قىلىپ يۇرسەك، ئۆزىمىزنىڭ ساپاسى مۇشۇنچىلىك تۇرسا يەنە نىمە دەپ باشقىلارنى ئۇنداق قىلما، مۇنداق قىلما دەپ دالدلەت قىلالايمىز.