ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر قىزى !

ۋاقتى:2010-07-12 22:12مەنبە: يوللىغۇچى: تۇسۇنجان چېكىلىشى:قىتىم
         ھايات مۇرەككەپ ۋە ئېھتىمال شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم سىرلىق، جەزبىداردۇر. راھىلە ئاپپاي بۇنىڭدىن يېرىم يۈزيىل مۇقەددەم تەقدىر تەقەززاسى بىلەن شەھرى ئۈرۈمچىدىن ئاھەنگەرانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ چاغدا راھىلە ئاپپاي 26 يېشىدا بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، شۇ ئالىيگاھدا دەرس بەرگەن ۋە «تارىم سۆزى » ، «باھار سۆيگۈسى » ناملىق توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇشقا ئۈلگۈرگەن ئەدىبە ئىدى.

         ئاھەنگەرانغا كەلگەندىن كېيىن راھىلە ھافىز ئۆز ئىجادىنى داۋام ئەتتۈردى، شېئىر ۋە ماقالىلىرىنى ناھىيە، ۋىلايەت ، جۇمھۇرىيەت گېزىت-ژۇرناللارىدا ئېلان قىلىپ تۇردى. بۇ مەزگىلدە نىزامىي نامىدىكى تاشكەنت دۆلەت پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ فلولىگىيە فاكۇلتېتىدا سىرتتىن ئوقۇدى ۋە شەھەرلىك 5-مەكتەبتە دەرس بېرىشكە باشلىدى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئىجادكار قەلبى ھەمىشە ئىلھام دەردى بىلەن يانىدۇ. راھىلە ھافىزوۋا ئۆزى ئىجاد قىلىپلا قالماي ئاھەنگەرانلىق ئىجادكار ياشلارنى «ئىلھام»كۇلۇبى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ.
           ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى راھىلە ھافىزوۋا ئۆزبېكىستاندا ياشاپ شۇ زېمىنگە سادىق پەرزەنت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ ئىجاد قىلدى. «كىملىكىمنى سورىماڭ»،« پەرزەنتلىكىمنى ئادا قىلىپ» كەبى شېئىرلىرى بۇنىڭغا يارقىن مىسالدۇر. راھىلە ئاپپاينىڭ گۈزەل مىسرالىرى ئىنساننىڭ يۈرەك - يۈرەگىگە كىرىپ بارىدۇ، دىل تارلىرىنى چېكىپ تۇرىدۇ.
مەن بىراۋنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشكە تۇغۇلمىدىم ،
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەن بىراۋنىڭ دەستىدىن ئۆلۈشكە تۇغۇلمىدىم.
تۇغۇلدۇم يەر - جاھاننى چىمەن قىلىپ گۈللەشكە،
مەن تۇغۇلدۇم ئىنساننى يىقىلغاندا يۆلەشكە.
دەپ يازىدۇ شائىرە. راھىلە ئاپپاي بىر ئۆمۈر ئۆزىنىڭ بۇ سەترلىرىگە سادىق بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئادەملەر ئارىسىدا مېھر-ئوقۇبەت، ساداقەت-مۇھەببەت  رىشتىلىرىنى باغلاشقا خىزمەت قىلىدۇ.

سىزدىدۇر ئىشەنچىم ، ئەزىز ئادەملەر،
مېھنەتىم، ئىخلاسىم قەدرىگە يەتكەن .
ۋىسالغا زار بولۇپ ئۆتكەندە دەملەر،
سىز ماڭا شادلىغۇ،بەخت ئىنئام ئەتكەن.

راھىلە ھافىز قىزى شېئىريەتىدە ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى ھەمىشە يېتەكچى مەزمۇن بولۇپ كەلگەن:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!



تاشتەك چۈشۈپ باغىڭىزدا بىر گۈل بولۇپ ئاچىلدىم،
ھەۋزى كەۋسەر چەشمەسىدە تەشنالىغىم قاندۇرۇپ .
ئاھەنگەران گۈلزارىدىن خۇش ھىد بولۇپ ساچىلدىم،
ئۇيغۇر ، ئۆزبېك قەلب قەرىدىن ئۆچمەس چىراق ياندۇرۇپ.
قەلبى ئاتەش، مېھرى دەريا، باغرى ئاسمان ئۆزبېگىم،
يۇرتىڭىزدا ئەتىۋارلاندىم، قەدىر تېپىپ ئۆزلىگىم.

        راھىلە ھافىز قىزىنىڭ كېيىچە بىرقانچە كىتابلىرى نەشر قىلىندى.«قەلەم ۋە بالام »، «دىل ئارامى » ، «ھايات شۇنداق » كىتابلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «باھار سۆيگۈسى»، «چىنار شاخلىرى» ،«ئانىلار ئاۋازى» ، «شېئىرلار » ۋە «قىزىل شەپەق»، «ئاھەنگەران ئىلھاملىرى» توپلاملىرىغا ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. www.iz.la
          راھىلە ئاپپاي ئۆمۈر يولداشى ئەبدۇراززاق توختايېۋ ئاكا بىلەن ئۈچ پەرزەنتىنى ۋايىغا يەتكۈزدى. شائىرە ھازىر ئەينى ئىجادىي كامالەت پەللىسىدە تۇرماقتا. بىز ئىستەدادىل قەلەم ساھىبىغا ئۇزۇن ئۆمۈر، بەخت - سائادەت ۋە ئىجادىي ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز .
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...