ئەسكەرتىش؛ مەزكۇر تېمىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن، ئادرېسمۇ ئېنىق دىيىلمىگەن، تېما ھېچقانداق بىر كىشىگە دارىتمىلانغان ئەمەس، شۇڭا قورسىقى ئاغرىمايدىغانلار تاۋۇز يىيىشتىن قورقمىسۇن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
باشلىق، نۇمۇس قىلمىغىن
ئىز تورى www.iz.la
نۆۋەتتە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خىلى كۆپ جايلىرىدا يازلىق يېغىم ئىشلىرى ئاياقلاشقىنى يوق. بۇ يىل ھاۋا رايىنىڭ يىللاردىكىدىن تۇراقسىز بولىشى، ھۆل-يېغىننىڭ كۆپ بولىشى دېھقانلارنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى.
پېقىر ئاددىيغىنە بىر تۆمۈر تاۋاقنىڭ ئىگىسى بولساممۇ خىزمەت ۋە تۇرمۇشۇم سەھرا يېرى بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقان خوتۇننىڭ ئېرى بولغانلىقىم ئۈچۈن خىزمەتتىن سېرت يەنە 3-4 مو يەرنىڭ دېھقىنى.
گەرچە يېزا ئىگىلىگى ئاساسەن ماشىنىلىشىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق خىلى بىر قىسىم دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرى يەنىلا قول سېلىپ قىلىنىدىغان جىسمانىي ئەمگەكتىن ئايرىلالمايدۇ. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى كەچقۇرۇن ئىشتىن كېلىپ، ئىككى چاقلىق، تۆمۈردىن ياساتقان، ئىشەك ھارۋىسى شەكلىدىكى ھارۋامنى ئىككى چاقلىق موتوسېكىلىتىمغا چىتىپ، تۆت چاقلىق موتوسېكىلىت(四轮车) قىلىپ ئۆزگەرتىپ، خاماندىن سامان توشۇۋاتاتتىم. ئۈستى-بېشىم توپا-چاڭ، يۈز-كۆزۈم چاڭ-توزان ۋە تەر ئارىلىشىپ، ھېلىلا گۆردىن چىققان ئادەمدەك، <<ماغدۇر كەتكەندە>> ھېكايىسىدىكى باقىدىنمۇ بەتتەر ھالەتتە تۆت چاقلىق ھارۋام(四轮车)غا 8-10 تاغار ساماننى بېسىپ، خاماندىن كېلىۋىتىپ، چوڭ يولغا بۇرۇلىشىمغا <<يازنىڭ ئۈچ ئىشى>> مۇناسىۋىتى بىلەن دېھقانلاردىن ھال سورىغاچ يازلىق يېغىم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا كەنتىمىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر گورۇپپا يېزىلىق ھۆكۈمەت <<خەلق چاكىرى>> ئەزالىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم. ئالدىمغىلا ئەينى چاغدا ئوتتىرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، ھازىر يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، يېزا باشلىغى _ ئوبول شاڭجاڭ چىقىپ قالدى. مەن ئەدەپ، توغرىسىنى ئېيتقاندا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھارۋام 四轮车نى بىر چەتكە تارتتىم-دە ھارۋام 四轮车 دىن چۈشۈپ، ئادەت بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەسسەلامۇئەلەيكۇم دەپ ئوبول شاڭجاڭغا قول ئۇزارتتىم. بەك ئەپسۇس؛ ئەسسەلامۇئەلەيكۇم دەپ قولۇمنى ئۇزارتىشىمغا ئوبول شاڭجاڭنىڭ چىرايى غەلىتە تۈس ئېلىپ، ئالاقزادىلىك بىلەن – ئاداش، بىز بەك ئالدىراش، سەنمۇ شۇنداق ئالدىراش ئىكەنسەن، ماڭە، ماڭ، ماڭ...، دەپ يولنى ئىچىپ بەردى. مېنىڭ ئەسسەلامۇئەلەيكۇم دەپ بەرگەن قولۇم بولسا ھاۋادىلا قالدى. ئەشۇ دەقىقىدىكى ئوبول شاڭجاڭنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تەسۋېرلەپ بىرىشكە ھەقىقەتەن تىلىم ئاجىزلىق قىلدى. ئەمما شۇ تەرىپى ناھايىتى ئېنىقكى؛ ئوبول شاڭجاڭ مىنىڭ ئەشۇ ۋاقتتىكى تۇرقۇم، مەينەت، چاڭ-توزان ئۈستىبېشىمنى كۆرۈپلا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى خىزمەتداشلىرى ئالدىدا موشۇ تۇرقتىكى مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنى نۇمۇس دەپ قاراپ، بەرگەن سالىمىمنى ئىلىك ئالمىغان ئىدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىر قانچە كۈندىن بېرى بۇ ئىش كاللامغا كېرىپلاۋىلىپ، مانا بۈگۈن مەزكۇر تېمىنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولماقتا. شاڭجاڭ ساۋاقدىشىم: بۇ قىلىقىڭ ھەقىقەتەن <<خەلق چاكىرى>>غا خاس قىلىق بولمىدى. سەنمۇ بىر دېھقان پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭنى، <<جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق>>لىقىنى ئۇنۇتمىغان بولساڭ شاڭجاڭلىق سالاپىتىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى. ئەشۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشتا ئەسلى نۇمۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئادەم _ ئۆلۈكنىڭ قولىدىن ئۆتنە ئالىدىغان موشۇ نەچچە كۈندە دېھقان ئاتا-ئانىسىغا ياردەملەشمەي كۈندىزى ئاتالمىش خىزمەت بىلەن، كەچقۇرۇن يەپ-ئىچىش بىلەن يۇرگەن، قوللىرى خېنىملارنىڭ قولىدىن پەرقسىز دەل سەن. تەكلىۋىم: ۋاقت چىقىرىپ تېلىۋىزىيە تەرجىمە فېلىمى _ <<ئادىل ئەمەلدار باۋگۇڭ>>نى كۆرۈپ قوي. ئەتىگىنى كوچىدا سەتلىشىپ كالتا ئىشتان بىلەن يۈگۈرۈش پەرھىز ئەمەس، ئانچە-مۇنچە شاڭجاڭلىق كېبىرىڭنى تاشلاپ دەم ئىلىش كۈنلىرى ۋە ئەتىگەن-كەچتە ئاتا-ئاناڭغا يارلىشىپ جىسمانىي ئەمگەك قىلىپ تۇر، بۇنداق قىلساڭ ھازىرقىدەك پور كۆتەك بولمايسەن، ھە دىسىلا ئوكۇل سالدۇراتتىم دەپ دوختۇرخانىغا يۇگرەپ يۈرمەيسەن، گەرچە مەندەك ئورۇقراق بولساڭمۇ تېنىڭ ساغلام بولىدۇ. <<باشلىق كېلىدۇ>> دېگەن ناخشىنىڭ قانداق ئاتالمىش <<خەلق چاكىرى>>لىرىغا ئاتاپ چىققانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈپ باق.................
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەنبە؛ ئاچچىق رېئاللىق بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن