دۇستلار مەن سىلەرگە بىر ئېشنى سۆزلەپ بىرەي.دادىسى كىچىك ۋاقتىدېلا تۈگەپ كەتكەن بىر بالىنى ئانىسى ئارزۇلاپ باقتى ھەم مېڭ جاپالار بىلەن ئۆي-ئوچاقلىق قىلدى.ئۇ بالا ھەر دائىم كەيپ-ساپا بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى.بىچارە ئانا بۇلسا ئۇنىڭغا يىغلاپ،بۇنىڭغا يالۋۇرۇپ بۇ ئۆينى باقاتتى.كېلىن ئۆيدە بار بۇلسا خۇشخۇي ،يۇق بۇلسا جىدەل ماجرا باشلىناتتى.شۇ يۇسۇندا 2-3يىل ئۆتتى.بىر كۈنى ئانا باللىرىنىڭ گۆش-مايسىز تاماق يەۋاتقىنىغا چىدىماي بىر تۇغقىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كەلدى.ئانا تۈزۈكرەك بىرەر نەرسە ئەكىلەلمىگىنىگە خىجىل بۇلغان ھالدا ئۆيگە كىردى.كېلىن قېيىنئانىسى بىلەن تىچلىق -ئامانلىق سۇرېشىشنىڭ ئورنىغا قېيېنئانىسى ئەكەلگەن سۇمكىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.ھىچنەرسە يۇق .يەنە جېدەل باشلاندى.بىچارە ئانا خۇددى جىنايەتچىلەردەك مۆلدۈرلەپ ئولتۇردى،كېلىن ئۇرىدىغان نەرسە بۇلسا ئۇردى.چاقىدىغىنى چاقتى.ئاخىر ئانا مىڭ تەسلىكتە يىغقان نەرسىلىرىگە چىدىمىدى بۇلغاي كېلىنگە گەپ قايتۇردى.شۇنىڭ بىلەن جېدەل-ماجرا تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.كېلىن قېيىنئانىسى بىلەن تەڭ تۇرالماي يۈگۈرۈپ كىلىپ ئانىسىنى قەستەندىن ئىتتىرۋەتتى.ئانا ئوڭدىسىغا يېقىلدى.دۈمبىسى خېشنىڭ گېرۋىكىگە تىگىپ قان ئېقىشقا باشلىدى.ئەتىۋارلاپ باققان بالىسى ھەممە ئېشلارنى كۆرگەن بۇلسىمۇ،ئايالىدىن قۇرقۇپ زۇۋان سۈرمەي ئولتۇردى. ئىز تورى بەك ياخشى
دۇستلار مۇشۇنداق ئېشلارنى كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن بۇلۇشىڭلار مۇمكىن.سىز كېلىن ياكى كېلىن بۇلۇش ئالدىدا تۇرسىڭىز؛قېيىنئانا-قېيىنئاتىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ.ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىدەك گەپ ياكى ئېش قىلماڭ.ئەتىگەن ئورنىڭىز دىن تۇرۇپ تەرىتىگە سۇ قۇيۇپ ،ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم دادا-ئانا ،قانداقراق تۇردىڭلار دەپ قۇيۇڭ.ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭ .يەنە سىزنى ئاتا-ئانىڭىز بىر ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان.9ئاي9كۈن قۇرساق كۆتۈرگەن.كېچە -كېچىلەپ ئۇخلىماي سىزنى ئۇخلاتقان.ھەر قېتىم ئاغرىپ قالغاندا ئېسسىق -سۇغۇق دېمەي دۇختۇرخانىغا ئاپارغان ۋاقېتلارنى ئەسلەڭ دۇستۇم .خەير-خۇش بەك كۆپ سۆزلەپ قۇيدۇم.
copyright by www.iz.la