«قۇم باسقان شەھەر » رۇمانىدىن روھىيتىمىزگە نەزەر
ئاتاقلىق يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ بۇ رۇمانى 1995-يىلى تۇنجى ئېلان قىلىنپ ، جەمىيئەتتە زور تەسىر قوزغىغان.2003-يىلى قايتا تۇزىتىلگەن،نىمىشقا ،قانداق تۇزىتىلگەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن تۇنجى نۇسخىسىنى ئۇقۇپ باقمىدىم ،لىكىن كىيىنكى نەشىرىنى بىر قىتىم ئەمەس بىر قانچە قىتىم ئۇقۇپ چىقتىم.مىنىڭچە بۇ رۇماننى بىر قىتىم ئۇقىغان ئادەم چۇقۇم قايتىلاپ ئۇقۇپ قالىدۇ،چۇنكى رۇمان تىلىنىڭ راۋانلىقى،يۇمۇرىستكلىقى،ئىپادىلەش شەكىلنىڭ ئۆزگىچىلىكى بۇ رۇماننىڭ جەلىپ قىلىش كۇچىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاشۇرۋەتكەن.
ماتېرياللاردىن كۆرگىنم ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە بۇ رۇماننىڭ ئۇسلۇبى ياۋرۇپا –ئامېرىكىلاردا باش كۇتۇرگەن مۇدىرنىزىم ۋەياكى باشقا ئىزىملار ئىكەن .ئاپتۇرنىڭ يازغاندا شۇ ئىزىملارنى ئويلاشقانلىقى ياكى ئۇنداق ئەمەسلىكى ئۆزىگە مەلۇم.لىكىن شەخسەن مەن باشقىچە قاراشتا.يەنى بۇ رۇماننىڭ ئۇسلۇپ يىلتىزى يەنىلا قەدىم شەرىق ئەدىبىياتىدۇر،قاراڭ بايان تىللىردا «مىڭ بىر كىچە»،«كەلىلەۋە دېمىنە»ۋە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ بايان قىلىنىشغا ئۇخشاپ كىتىدىغان تەرەپلىرى بار ئەمەسمۇ! بىزنىڭ ھازىرقى رۇمانلىرىمزنىڭ قىلپلاشقان ئۇسلۇبى بىرى 40-يىللاردىكى سۇۋىت ئەدەبىياتى يەنە بىرى 80يىللاردىن كىيىنكى شەرىق شامىلىنىڭ تەسىردە شەكىللەنگەن بۇلۇپ ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىن زور دەرىجىدە ياتلاشقان،ئۇ رۇمانلاردا ساپلا باشقىلارنىڭ قىلپى ئىشلتىلگەن.«قەدىمكىنى ھازىر ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرۇش»كەمچىل بولغان.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
رۇماندا ئۇيغۇر مىللي روھىيتىمىزگە خاس ئالاھىلىكنىڭ بىرى بولغان ناخشا-ئۇسسولغا بولغان ھەددىدىن ئارتۇق ئامراقلىق ناھايىتتى ئۇستىلىق بىلەن ئىچىپ بېرىلگەن
.رۇماننىڭ 7-بابى يەنى جاھانكەزدى سۇپۇرگە يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە بۇ يۇرىتتا كۇندە كەچتە بۇلىدىغان بەزمە –مەشرەپلەر تۇغۇرلۇق بىر بەتتىن ئارتۇقراق سۆزلىنىدۇ.«ھەركۇنى ،قۇياش غەرىپكە قىيسىيىپ سايىلەر ئۇزراشقا باشلىغاندا،شەھەرگە يىراق –يىقىندىن سودا- سىتىققاكىرگەن ئادەملەر ئالىدىغىننى ئىلىپ ساتىدىغىننى سىتىپ بولۇپ ،شەھەر سىرتىدىكى ھاۋالىق جايلارغا كىلىپ ئارام ئىلشقايىغىلاتتى.بۇيەردە ناخشا –ئۇسسۇل، نەغمىلەر ئەۋجىگە چىقاتتى.»،«ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازى كانىيىدىن ئەمەس،نەق يۇرىكىنىڭ قات-قىتىدىن ئۇرغۇپ چىقاتتى.ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھەممە ئۇگىلىرى ھەركەتكە كىلىپ گويا شۇ نەغمە ساداسى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېرىپ يۇمشاپ كېتۋاتقاندەك قىلاتتى.»،« بەزى كۇنلىرى مۇنداق بەزمىلەر قاراڭغۇ چۇشۇپ تاكى تاڭ يورىغىچە داۋام قىلاتتى.» ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئونىنچى باپتا مۇنداق بايانلار بار« ھەركۇنى يەنە بەزمىچىلەرنىڭ نەغمىلىرى داۋام قىلاتتى. نەغمە –ناۋا ئىچىدە ئۇسسۇلچىلار ئۆزلىرىنى ھەرتەرەپكە تاشلىشىاتتى.ھاپىزلار ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا تۈگىمەس ناخشىلىرنى توۋلايتتى.كىشىنى مەسىت قىلىدىغان قىلىدىغان بۇ شاۋقۇن ئىچىدە دۈشمەن نىمە ،جەڭ نىمە؟ھايات نىمە،مامات نىمە؟...ھەممىسى ئۇنتۇلاتتى» مانا بۇ «بىغەملەر شەھىرى» دە تۇنجى جەڭ بۇلۇپ ئۇزاق ئۇتمىگەن ۋاقىت . رۇماننىڭ ئاخىرقى بابىدا بۇ شەھەرنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.«يىراقتا بىر توپ ئادەم نەغمە-ناۋا قىلىشماقتا ئىدى.بۆرىنىڭ ھوۋلىشى، كېچىدە چىققان بوراننىڭ گۈركىرىشى ،ئانىنىڭ پەريادى،نارسىدىلەرنىڭ يىغىسى ، نائىلاجلارنىڭ نالىسىگە ئۇخشاپ كىتىدىغان بۇ كۇينىڭ لەرزىدە ئادەملەر ئەسەبىلەرچە سەكرىشىپ ،باشلىرىنى كەينىگە تاشلاپ ،ياقىلىرنى يىرتىشاتتى.شۇ تاپتا ئۇلار ئۇچۇن نە قۇياش ،نە يۇلتۇز، نە ئالەم ،نە ئۆزلىرىنىڭ ھايات ماماتلقى ھەممە نەرسە ئۇنتۇلغاندەك قىلاتتى.ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا بولسا رەھىمسىز قۇم ئىقىنى قاينامدەك پىرقىرايتتى.» يۇقىرقىلار بۇشەھەر خەلقىنىڭ ئۇچ خىل شارائىتتىكى ئۇخشاشلا ناخشا-ئۇسسۇل مەپتۇنلىقىنى تاشلىمىغانلىقىنى روشەن ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.
قۇم باسقان بۇ شەھەر ناھايىتى روشەنكى بىزنىڭ تەكلىماكان بويلىردىكى يۇتلىرىمىزنىڭ بىرى ، بۇ شەھەرنىڭ بىغەم پۇقرالىرى نەق 21-ئەسىردىمۇ ئۇتتۇرا ئەسىردىكى كاللىسى بىلەن ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز. بەزىدە بىزگە مۇشۇ بەزمە- مەشرەپ بولسىلابۇلدىغاندەك ھىس قىلىمەن، ئۇسسۇل ئۇينايدىغان ، مەشرەپ ئوينايدىغان پۇرسەت ،سەھنە ئىزدەپ ئارانلا تۇرغان .شۇڭا ھەرخىل باھانە –سەۋەپلەر بىلەن ئۇتكۇزۇلۋاتقان ئولتۇرۇشلار تۇلا، ئۇيغۇر بار شەھەردە رېستۇران تۇلا، رەسىمگە چۇشسە يىگەن –ئىچكەن ،ئوينىغاننى تارىتقان،گويا باشقا نەرسىسى يوقتەك.ھەتتا تىلۋىزوردا ناخشا –ئۇسسۇلغا مۇناسىۋەتلىك پىرۇگىراممىلار بەك كۆپ. ئۆزۈم ناخشا مۇزىكىغا ئۆچ ئەمەس،بىراق بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكەندەك بىلىندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن