مەغلۇبىيەتنىڭ 12 تۈرلۈك سىنىقى ئىز تورى بەك ياخشى
كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور تىراگىدىيە مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىپ ، ئەڭ ئاخرىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتۇر . مېنىڭ نەچچە ئون يىللىق كىشىلىك تۇرمۇش تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا ، كىشىلىك تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇشتىكى ساۋاقلار ئاساسەن مۇنداق بولىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-
باللىق دەۋرىدە يامان مۇھىت ۋە ناچار ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ھەمدە چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ تۈزۈتىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، نەتىجىدە بىرەر ئىش بىلەن شۇغۇللانغان چاغدا قايتا ئاشكارىلىنىپ چىقىش .
-
ئىرادىسى قەتئىي بولماسلىق . بۇ خىل كىشىلەر ئىشنى ياخشى باشلىغۇچىلاردىن بولسىمۇ ، لېكىن ياخشى تاماملىغۇچىلاردىن بولالمايدۇ . ئۇلار « قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ ...» دېگەن سۆزلەرنى پەقەت شوئار قىلىۋالىدۇ . خالاس .
-
ئارقىغا سۇزۇش ، كۈتۈپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قېلىش . ئۇلار خۇددى ئەڭ ياخشى بىر پەيىتنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، لېكىن ئۆمۈر بويى دېگەندەك مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزىدۇ . چۈنكى ، زىيادە ئېھتىياتچان ئادەم پەقەت باشقىلار تاللاپ ئېشىپ قالغان بىر ئاز پۇرسەتنىلا تۇتالايدۇ .
-
ئۆزىنى باشقۇرۇش كۈچى كەمچىل بولۇش . بىر ئادەم ئۈزىدىكى پاسسىپ ئامىللارنى كونتىرول قىلاشى كېرەك . سەن مۇھىتنى كونتىرول قىلىشتىن بورۇن ، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى كونتىرول قىلىشىڭ شەرىت . ئەگەر ئۆزۈڭنى يېڭەلىسەڭ ، ئۇنداقتا سەن ئۆزۈڭ تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنىسەن . مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەجەللىك يارسى مانا شۇ .
-
بېرىلىش روھى كەمچىل بولۇش . ھەرقانداق ئىشقا ماھىر كەلگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر خىل كەسىپكە ئۇنچىۋالا پىششىق بولۇپ كېتەلمەيدۇ . شۇڭا ، نېمە ياخشى كۆرۈنسىلا شۇنىڭغا قىزىقماستىن ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئاساسىي نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشى لازىم .
-
سەمىمىي بولماسلىق . سەمىمىيەتسىز ئادەم ئاخىرىقى ھېسابتا پۈتۈن ئابرويىنى تۆكۈپلا قالماستىن ، ئۇنىڭ ئىشلىرىمۇ ئۆزى تەرپىدىن ھامان دەپنە قىلىنىدۇ .
-
مۆلچەرىنى مۇلاھىيزە ئورنىغا دەسسىتىش . خالىغانچە قىياس قىلىپ ، ھاپلا - شاپلا ھۆكۈم چىقىرىش يولى بىلەن ئۆز ھەركىتىنى بەلگىلەيدىغان كىشىلەرنىڭ 80 ، 90 پىرۇسەنتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ .
-
باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشماسلىق . بەزىلەر ناھايىتى تالانىتلىق ، ئىقتىدارى خېلى يۇقرى بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلىقى ياكى دوستانە ھېستاينىڭ كەملىكىدىن باشقىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا ئامالسىز قالىدۇ - دە ، نەتىجىدە مۇۋەپپەقىيەت قازنىش پۇرسىتىنى قولدىن كەتكۈزىۋېتىدۇ .
-
ئۆز تىرىشچانلىقىدىن كەلمىگەن تەييار ھوقۇق ۋە كۈچتىن بەھرىمەن بولۇش . ئالدىنقىلاردىن قالغان ئورۇن ۋە مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش كۆپ ھاللاردا ئادەمنى بىكار تەلەپ ، خىيالپەرەسلەردىن قىلىپ قويىدۇ ، يەنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىدىكى تۇسالغۇغا ئايلىنىدۇ .
-
ئىشلاردا ھەمكارلاشقۇچىنى خاتا تاللاش .
-
كەسىپنى خاتا تاللاش . ئۆزى خالىمايدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئالاھىيدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم بولغان ئەمەس . مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۆزى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشنى خالايدىغان ئىستەكنى توغرا تاللاش .
-
جورىنى خاتا تاللاش . ماسلاشقان نىكاھ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى . ئەپلەشمىگەن نىكاھ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى پۇتلىكاشاڭدۇر .