بىر كۈنى ئەتتىگەندە ھاۋا يىگەچ ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرغانىدىم. مەندىن تۆت بەش مىتىر يىراقتا ئەللىك ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاكاش،ئون يەتتە ،ئون سەككىز ياشلار ئەتىراپىدا بىر قىز تۇراتتى.[ئۇ قىز ھىجاپلىق ئىكەن]مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بىر توپ بالا چۇرقىراشقىنىچە بىزنىڭ ئالدىمىزدىن ئۆتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىسى كۆزگە ئالاھىدە چىلىقىپ تۇراتتى.چۈنكى ئۇلار ھەقىقى مىللىيچە كىيىنگەن بۇلۇپ بىرى ئون ئون بىر ياشلار ئەتىراپىدىكى ئوغۇل ،يەنە بىرى يەتتە سەككىز ياشلاردىكى قىز ئىدى.ئوغۇل بادام دوپپا ،كەشتىلەنگەن كانۋار كۆڭلەك كىيگەن،قىز بولسا چىمەن دوپپا ۋە ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەك كىيىگەنىدى.ئۇلارنىڭ كىيىمى بەك ياراشقان بۇلۇپ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھەۋىسى كىلەتتى.كىيىمى چىرايلىقمۇ ياكى باشقا ئىش بولدىمۇ ئۇلارنى كۆرۇش بىلەن تەڭ يۇرىكىم ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سوقۇپ كەتتى.ئۇلار كۆزۇمگە بەكمۇ يېقىملىق كۆرۈندى.بۇلۇپمۇ يەتتە سەككىز بالىنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن.ئۇلار مېڭىپ ھېلىقى ئاكاشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ،ئۇ ئاكاشمۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش،ئۇلارغا ئاجايىپ زوقلىنىش ۋە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتتى.بەلكىم ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ھاياجانلىنىۋاتقان بولسا كىرەك.خۇددى ماڭا ئوخشاش ئىچ ئىچدىن ئۆكسۈۋاتقان خۇشاللىقىنى يۇشىرىۋاتقان،ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان مىللىيچە كىيىملىرىمىزنىڭ ،ئۇيغۇر تەنلىرىدە قايتىدىن جۇلالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تىلسىز ھالدا ئاشۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ ئاتا ئانىسىغا تەشەككۈرلەر ئېيتىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن.مانا قاراڭلار مەنمۇ شۇ ئاكاشمۇ شۇ بالىلار كۆزدىن يۈتكىچە قاراپ تۇردۇق.بۇلۇپمۇ ھېلىقى ئاكاش بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال قىلىپ كەتتى ۋە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ يېنىدىكى قىزغا؛ھەممە ئۇيغۇر ،بالىللىرىنى مۇشۇنداق تەربىيەلىگەن،مۇشۇنداق كىيىندۈرۈپ ئۈگەتكەن ،ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئاساسىغا ئىگە قىلغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە،دىدى.باشقا پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرمەپتۇ.بىراق شۇۋاقىتتا چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى،شۇ ئاكاشقا ئوخشاش ئاتا ئانىلار ،چوڭلار ھەقىقى ئۇيغۇر بالىللىرىنى بەكمۇ سېغىنىپتۇ.ھەقىقى پەرزەنتلىرىنى سېغىنىپتۇ.سىلەرمۇ مۇنۇ ئىككى خىل مەنزىرىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.ھەقىقى مىللىيچە كىيىنگەن بىر بالا بىلەن چاچلىرىنى بويىمىسىمۇ ھەرخىل پاسوندا تارىۋالغان ، ئۆز ئەنئەنىسىگە يات كىيىنگەن بالا.سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا قايسسى يېقىملىق ،چىرايلىق كۆرۈنىدۇ؟مىنىڭچە سىلەرمۇ بادام دوپپا ،كەشتىلەنگەن كۆڭلەكلەرنى ،قىزلار چىرايلىق ياغلىق ۋە ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى سېغىندىڭلار. ؟؟ھەرگىزمۇ كىيىنىشكە سەل قارىماڭلار.چۈنكى دىلدىكى؛ ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدۇ.ياغلىق چىگكەن ،ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن كىشى چوقۇم باشلىرىغا ،بەدەنلىرىگە باشقىلار نىڭ قارىشىدىن ئۇيىلىپ شۇنداق كىيىنگەن بولىدۇ. مىللىيچە كىيىملىرىمىزدىن ۋە[...........]دىن باشقا كۆزگە سىغقۇدەك ،بەدەننى يۆگىگىدەك كىيىملەرنى كۆرۈپ باقمىدىم.[باشقا مىللەت نىمىشقا بىزنى دورىمايدىغاندۇ؟بىزلەر نىمىشقا ئۇلارنى دورايدىغاندىمىز؟؟؟؟]
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق