يېقىنقى بىر زامانلارنىڭ كېلىمات تەسىرىنى تەھلىل قىلىۋاتقان ئالىملار ھاۋارايىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەرنى ئزدەپ مۇنداق ماقالىلارنى يازماقتا : يەر شارىبىر -
نىڭ ئىللىپ كېتىشى ، ئانتىراكتىكا مۇز قاتلىمىنىڭ پارچىلىنىش سەۋەبى ،ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىنىڭ كېلىماتقا بولغان تەسىرى.......قاتارلىق تېمىلاردا.مېنىڭچە بۇ تېما بۇنداق ئىككى ئېغىز سۈز بىلان ئاددىلام شېشىلىدىغان مەسىلىدەك قىلمايدۇ :(1) بۇرۇندىن ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات - تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىنسان ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەپلىك يىمەكلىكلەرنى خام يىيىشتىن پىششىق يىيىشكە يۈزلۈنۈش، (2) تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلا مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن قەبىلە ۋە ئۇرۇقداشلىق سەۋەپلىك كېلىپ چىققان قەبىلە ۋە ئۇرۇقداشلىقنى قوغداش ئۇرۇشى، (3) ئىنسانلار تەرەققى قىلىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن قۇللۇق ۋە يانچىلىق دەۋرىدىكى بۇلاڭ- تالاڭ ۋە ئوت قويۇش ، (4) كاپتالىزىمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدىكى زاۋۇت -كان كارخانىلىنىڭ تەرەققى قىلىشى سەۋەپلىك ھەددىدىن زىيادە چىقىرلىۋاتقان ئىس تۈتەك ،(5) يېقىنقى 100يىلدىن بۇيانقى ھەددىدىن زىيادە تىز تەرەققى قىلىش سەۋەپلىك مەيدانغا كەلگەن ئاتوم ، ۋودرۇد ،باشقۇرلىدىغان بمبا، ئالەم ئايرۇىلانى ،ئالەم كېمىسى، سۇنھى ھەمرا....دىگەندەك دۇنيا خاراكتىرلىك قۇراللار....ۋە ھىددىدىن زىيادە چوڭ ئۇرۇشلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مۇنداق ئۈچ نەرسە پەيدا بولىدۇ 1-دىن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھاۋا رايىدا كۆپ مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىدى ، 2-دىن يەرگە سىڭگەن قاننىڭ كۆپىيىشى،3-دىن يەر پوستىنىڭ كۆيىشى سەۋەپلىك شەكىللەنگەن قۇرغاقلىق،ھارارەت.كېيىنكى ئىككىسىدە يەردىن ئىسسىقلىق تارايدۇ ،ئالدىنقىسى بۇ ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلان يەر قاتلىمى ۋە ھاۋا قاتلىمى كۈندىن- كۈنگە ئىسسىسە ئىسسيدوۋكى سۇۋۇمايدۇ.قان بىلان يەرنىڭ كۆيىشى سەۋەپلىك يەر يۈزىدە كۆپلەپ ئوتۇن چاۋا كۈللىرى ۋە يەر توپا كۈللىرى بارلىققا كېلىدۇ.بۇلار يەر يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق ئىككى خىل ھادىسىنى شەكىللەندۈرۈشى مۈمكىن 1-دىن ھاۋانىڭ ھەددىدىن زىيادە قويۇقلىقىنى ئاشۇرۋېتىپ كاربون تۆت ئوكىسىدىنىڭ نورمال تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2-دىن ئىنسانلاردا غەيرى كېسەللەرنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن كېلىمات(ئاتوم ،ۋودۇرود، ھەر خىل قىرغۇچى ۋە زەھەرلىگۈچى قوراللارنىڭ ئىنسان سىرتقى شەكلى ۋە ئىچكى توقۇلمىللىرىدا پەيدا قىلغان كېسەللەر)
(6) سانائەت، قاتناش،يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرىنىڭ چىقىرىۋاتقان ماي گازى سەۋەپلىك . (7) ئىگىز- ئىگىز سېلىنغان بىنالارۋە مەرمەر تاشلاردىن چىققان ئىسسىقلىقلار.
(8)ھەر خىل تۈردىكى ئەينەك،ئىسسىغلىق قوبۇل قىلغۇچى ئەينەكلەر،تۆمۈر ۋە باشقا كان ئاستى بايلىقلىرىنىڭ يەر ئۈستىدە ئەمىلى ئىشلىتىلىشى قاتارلىق ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن
كېلىماتتا ئۆزگۈرۈش بولىۋاتقان بولىشى مۈمكىن.يانا ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل سەۋەپلەرنى كۆرسەتكىلى بولۇشى مۈمكىن، لېكىن بەزىلەر ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى دەپ بۇنداق سەۋەپلەر-نى دەيدۇ يا دىمەيدۇ . يېقىندا مەن پىنگىۋىنلارنىڭ مۇزتاققا ئولتۇرۇپ يېڭى بىر قىتتە قۇرۇش ئۈچۈن ساياھەتكە چىققالىغىنى كۆرۈپ قالدىم ، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭمۇ كۈنى تەس ئوخشايدۇ.
دىمەك يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە زادى نىمە سەۋەپچى بولغان ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى تەرەققىيات ۋە ئۇرۇش،تەرەققىيات ئىلغار ماشىنىلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئۇرۇش ئۇنى ئەمىلىي سىناق قىلىدىغان بازا. تەرەققىيات ئىنسانلارنى بىر بىرى بىلان بەسلەشتۈرىدۇ،ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئەمىلىي كۈچىنى سىنايدۇ، تەرەققى قىلغانلار ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدۇ،
دىمەككى مۇشۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ ئۇرۇشنىڭ كۆپىيىشى، تەرەققى قىلغانلارنىڭ كۆپىيىشى يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە تەسىر قىلىۋاتقان بولىشى مۈمكىن .
(سالام تەھرىر ئەپەندى سىزنىڭ مېنىڭ يازغان بىر نەچچە شېرىمنى تور بېتىڭىزدە بەرگەنلىگىڭىزگە رەخمەت، بۇرۇن يازغان نۇرغۇن نەرسىللىرىم خاتىرلەردە تاشلاغلىق پېتى قالغان ئىدى، بۇمۇ شۇلارنىڭ بىرسى .ئانچە مۇنچە يەرلىرىنى تۈزۈتۈپ ،ھازىرىغا ماسلاشتۇرۇپ سۇندۇم، مۇۋاپىق بولسا بېسىشىڭىزنى بولمىسا باسماسلىغىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،قەلىمىم ئاجىز كۆپرەك ياردەم قىلارسىز.مەندىن سىزگە دۇايى سالام . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!