بۇ بىزنىڭ ئويلاپ بىقىشىمىزغا ئەرزىدۇ، ھە شۇنداق قۇربىمىز يەتسە ئۇلارغا تەربىيە قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتەلىسەك بۇ بىزنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىمىز بولۇپ قالغۇسى!
بىر بالىنىڭ ئاپىسىغا ئىيىتقانلىرى:
ئسىمدە قىلىشچە مەن تۆت ياشقا كىرگەن چىغىمدا سىز مىنى« دىسكۇخانا» دەيدىغان بىر جايغا ئاپارغان، ئۇ جايغا كىرگەندە ماڭا پەقەتلا ياقمىدى، نىمە ئۈچۈن ياقمىدى؟ چۈنكى ئۇ جايغا ھاراق ئىچىدىغالارمۇ، ئوينايدىغانلارمۇ كىرىدىكەن. مەن ھازىر يەتتە ياشقا كىردىم، شۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئەقلىم بولسا ئۇ جايغا ھەرگىزمۇ ئاياغ باسمايتىم، چۈنكى ئۇ جايدا مەسلەرنىڭ ئالا- تاغل ۋارقىراشلىرى، ئۇنى ئاز دىگەندەك تاماكۇ چىكىدىغانلارنىڭ توختىماي تاماكا چىكىپ، ئىچىنى ئىسقا توشقۇرۈۋىتىشلىرى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشتۇرغۇدەك ئاچچىق قاڭسىق ھاراقنىڭ پۇرۇقى، مەسلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قوشۇلغان قۇلاقنى يىرىۋەتكىدەك يۇقىرى ئاۋازدىكى جاز مۇزىكىلىرى، يەنە ئۇ يەرگە كىرگەن قىز-ئوغۇللارنىڭ« دېسكۇ» دەپ قاملاشمىغا بىر نەرسىلەرنى ئويناشلىرى، تىخى ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمىگەن پاسۇندا ئەرلەرنىڭ ھېسىياتىنى قوزغىدەك ھىم، مەيدىسى ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ، بەللىرىنى تولغاپ، كاسىلىرىنى ئىتىپ «دېسكۇ» ئويناشلىرى، باشلىرىنى توختىماي چايقاشلىرى......
ئىز تورى www.iz.la
سىزنى ئىلىپ ئىيىتساق، مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئاشۇ « گىلدىڭباشلار دىسكۇخانىسى»غا ھەر ھەپتىدە بولمىغاندىمۇ بىر قىتىم بارمىسڭىز سەپرا مىجەزىڭىز قوزغىلىپ دادام بىلەن ئۇرۇشىسىز مەن ئاراڭلارغا كىرسەم ماڭىمۇ ۋارقىرايسىز، سىزدىن شۇنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ:
سىز ئاشۇ « گىلدىڭباشلار دىسكۇخانىسى»غا بىرىپ قانچىلىك پايدا تاپتىڭىز، قانچىلىك بەختلىك بولۇپ كەتتىڭىز؟ دادام بىلەن ئاجىرشىپ كۆڭلىڭىز قانچىلىك خۇش بولدى؟ مەندەك بىر يۈرەك پارىڭىزنى تاشلاپ كىتىشكە يۈرۈكىڭىز قانداق چىدىدى؟ سىز مىنى بىر قىتىم بولسىمۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئىلگىركى ئىللىق ئائىلىڭىزنى، بەختلىك كۈنلىرىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
مىنىڭچە ئويلىدىڭىز، ھەرقىتىم ئويلىغاندا يۈرۈگىڭىز چەكسىز ئازاب ئىچىدە ئۆرتەندى، مەن بۇنى ھىس قىلالايمەن. چۈنكى سىز تاش يۈرەك ئەمەس. بىلىمەن، سىز دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ئاپا.
ئاخىردا سىزگە شۇنى دىمەكچى :
سىز ئاشۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان « گىلدىڭباشلار دىسكۇخانىسى»دىن قايتىپ چىقىڭ، بىزنىڭ قىشىمىزغا ئىلگىركى بەختلىك ئائىلىڭىزگە قايتىپ كىلىڭ!
مەن سىزنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقىڭىزنى ئىشىنىمەن، سىزنىڭ قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتۈپ :
ئوماق پەرزەنتىڭىز، يۈرەك پارىڭىز.
يالقۇن
2010-يىلى 8-ئاينىڭ10-كۈنى پوسكام ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى