مۇۋەپپىقيەتنىڭ سىرى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ياپۇنىيەنىڭ چىڭيىڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى بىر كۆپەيتىپ بېسىش دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار ناھايتى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئەتراپتىكى كۆپەيتىپ بېسىش دۇكانلىرى بولسا چۆلدەرەپ تۇراتتى. بۇنىڭغا قىززىققان كىشىلەر:
-ئەجەبا بۇ دۇكان ھەقسىز كۆپەيتىپ بىرەمدىكىنە؟ دەپ سورىشاتتى.
copyright by www.iz.la
دېمىسىمۇ بۇ دۇكان ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيتتى. بۇ دۇكانغا كەلگۈچىلەر پەقەت كۆپەيتمەكچى بولغان قەغەزنى نۇسخا ئالغۇ ئۈستىگە قويۇپلا كۇنۇپكىنى بېسىپ، قانچىلىك كۆپەيتمەكچى بولسا شۇنچىلىك كۆپەيتسە بولاتتى. دۇنيادا نەدىمۇ بىكارلىق تاماق بولسۇن؟ بۇنىڭ بىرەر شەرتى بارمۇقانداق؟ شۇنداق قوشۇمچە شەرتى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، سىز چوقۇم مۇشۇ دۇكان تەمنىلىگەن ھەقىسز قەغەزنى ئىشلىتىشىڭىز لازىم. ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا، ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۈرلۈك ماتېرىياللارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل كىتىدۇ. بۇنداق بىكارلىق تاماق تۇرغان يەردە، ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم پايدىلىنىشنى خالايدۇ دە، ئەمما سىز بۇ دۇكاننىڭ خوجايىنىنى ھەرگىزمۇ ساخاۋەتچى دەپ قالماڭ، ئۇمۇ ئەسلىدە چىڭيىڭ ئونۋېرسىتتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە يىللىق كىرىمى 400مىليون ياپۇنىيە يىنىغا يېتىدىغان، يۈز مەكتەپتە ھەقسىز كۆپەيتىپ بېسىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان شېركەت خوجايىنى.
ھېكايىنى 2005-يىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بىر كۈنى چىڭيىڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى يۇڭ زىشيۇڭ كوچىدا ئايلىنىپ كىتىۋاتقاندا، بىرى تۇيۇقسىزلا ئۇنڭىغا بىر ۋاراق تەشۋىقات ۋارىقىنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. يۇڭ زىشيۇڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى بىر ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىدۇ، ھەمدە، ئەخلەت ساندۇقىغا مۇشۇندا تەشۋىقات ۋارىقىنىڭ توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇ مەزگىللەردە يۇڭ زىشيۇڭ سودا ئېلانى كەسپىنى تاللاپ ئوقۇۋاتقان بولۇپ، تەشۋىقات ۋارىقنىڭ تاۋار ئۈچۈن ئوينايدىغان مۇھىم رولىنى ئوبدان چۈشىنەتتى، ئەمما شۇنداق چىرايلىق قەغەز قولدىن-قولغا ئۆتۈپلا ئەخلەتكە ئايلىنىپ كەتسە، بۇ ھەقىقەتەن ئىسراپچىللىق دە. بۇ ئىش شۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىدۇ، بىر قېتىملىق ئىمتىھان ۋاقتىدىكى كىچىك بىر ئىش يۇڭ زىشيۇڭنىڭ كاللىسىغا تەسىر قىلىدۇ. شۇ كۈنى ئۇ بىر قۇچاق ئۆگىنىش ماتېرىيالنى ئېلىپ كۆپەيتىپ بېسىش دۇكىنىغا كېلىدۇ، خوجايىن ئۇنىڭغا ھەر بىر ۋاراق كۆپەيتىش ھەققىنىڭ 10 يىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يۇڭ زىشيۇڭ 200 ۋاراق ماتېرىيال كۆپەيتمەكچى ئىدى. بۇنىڭغا 2مىڭ يىن كىتەتتى، دېمىسىمۇ بۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كېلەتتى. يۇڭ زىشيۇڭ مەكتەپ قورۇسىدىكى ئېلان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كۆرۈپ، ئاشۇ قەغەزلەرنىڭ سۈپىتى شۇنداق ياخشى، ئەپسۇس ھەممىسى ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇلاردىن پايدىلانغىلى بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلايدۇ. 2005-يىلى كۈزدە مەكتەپ «ئېگىلىك تىكلەش پىلانى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ. يۇڭ زىشيۇڭ بىر قانچە يېقىن دوستلىرى بىلەن بىللە ئىجادىيلىققا ئىگە تەدبىر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىدۇ. بىر قانچە ساۋاقدىشى چاقچاق قىلىپ؛ -مۇكاپاتقا ئېرىشىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم ھەممىنى ھەيران قالدۇردىغان تەسەۋۋۇر بولۇش كېرەك. ئەگەر بىز بىكارلىق تاماقتىن بىرنى ئىجاد قىلالىساق باھالىغۇچىلار چوقۇم قىزىقىپ قالىدۇ. –دەيدۇ. يۇڭ زىشيۇڭنىڭ كاللىسى ۋاللىدە يۇرۇپ، نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان مەن بىر ئىشنى ئويلاۋاتقان، بىز بىر ئامال قىلىپ سودىگەرلەرنىڭ ئېلان قەغىزىنى كۆپەيتىش قەغىزى قىلىپ، سودىگەرلەرنى بىزنىڭ كۆپەيتىش ھەققىمىزنى ئۈستىگە ئېلشىقا ماقۇل قىلالىساقچۇ؟ مەسىلەن، سودىگەرلەرنى ئېلاننى A4قەغىزىنىڭ بىر تەرپىگە بېسىپ، يەنە بىر تەرپىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىشىگە قالدۇرۇشقا ماقۇل كەلتۈرەلىسەك، بىر چالمىدا ئىككى پەختەك سوققان بولمامدۇق؟ مەن ھېسابلاپ كۆردۈم، ئەگەر بىز 10مىڭ پارچە ئېلان ئىشلىسەك، سودىگەرلەردىن 200مىڭ يىن ھەق ئالالايمىز، ئاندىن بۇ پۇللارنى كۆپەيتىش دۇكانلىرىغا مۇلازىمەت ھەققى سۈپىتىدە بەرسەك ھەقسىز كۆپەيتىش مەخستىگە يىتەلەيمىز. بۇ ئىجادىي تەپەككۇر كۆپچىلىكنىڭ كۈتكىنىدەك، شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بىرىنجى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشىش يۇڭ زىشيۇڭغا ئېلھام بېرىدۇ. ئۇ يەنە پىكىرداش ساۋاقداشلىرىنى يىغىپ، مەخسۇس ھەقسىز كۆپەيتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمنىلەيدىغان شىركەت قۇرۇپ، بۇ ئۇسۇلنى سودا ئەمەلىيتىدە سىناپ كۆرۈشكە تۇتۇنىدۇ. ياپۇنىيدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوبىيتكىپ قىلغان قۇبۇل قىلىش ئۇچۇرى ۋە تاۋار ئېلانى ناھايتى كۆپ بولۇپ، يۇڭ زىشيۇڭ ئالاقىدار كارخانىلارنى ئىزدەپ تەشۋىقات ۋارىقى ئىشلەشكە باراۋەر ھەق تاپشۇرسىلا ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئېلانىنى ئۇزاققىچە ساقلاتقىلى بولىدىغانلىقى، شۇ ھامانلا تاشلىۋىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى، چۈنكى، ھېچقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى ئاسانلىقچە تاشلىۋەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. سودىگەرلەر بۇ كەسىپكە ناھايتى قىزىقىپ، ھەق تۆلەشنى خالىغاندىن سىرىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈپىتى ياخشى كۆپەيتىش قەغىزى بىلەن تەمنىلەشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. كۆپەيتىش دۇكىنىغا كەلگەندە، يۇڭ زىشيۇڭ ئالدى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كۆلىمى بىر قەدەر كىچىكرەك بىر دۇكاننى تاللايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئانچە ئىشەنچىسى يوق بولۇپ، ئاۋۋال سىناپ باقماقچى ئىدى. ئويلىمىغان يەردىن ھەقىسىز كۆپەيتىش ۋېۋىسكىسى ئېسىلىشىغىلا زور زىل-زىل قوزغاپ، ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆچرەتتە تۇرۇشتىن ئېرىنمەي ساقلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي قوشنا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇنى ئاڭلاپ بۇيەرگە كېلىشىدۇ. كۆپەيتىش دۇكىنى روناق تېپىپ كېتىدۇ. كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجلارغا قارىتا يۇڭ زىشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ھەققىدە كېڭىشىپ، 2006-يىلى ئۆكتەبىردە توكيو ئەتراپىدىكى 19شىركەت بىلەن توختام ئىمزالايدۇ. ئۇلار يەنە ئىنىچكە ئويلىنىش ئارقىلىق كۆپەيتىش دۇكانلىرىغىلا تاينىشتىن ئىبارەت بۇ شەكىلنى، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ھەقسىز كۆپەيتىش ماشىنىسى ئورنىتىشقا كېڭەيتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئاممىۋى تېلفۇن ئىشلەتكەنگە ئوخشاش خالىغان ۋاقىتتا كۆپەيتسە بولىدىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغىنى ئۇلار كارتا ئىشلىتىپ، ياكى پۇل تاپشۇرۇپ يۈرمەي پەقەت كۆپەيتىش ماشىنىسى يېنىغا قويۇپ قويۇلغان بىر تەرپىگە ئېلان بېسلغان ھەقسىز كۆپەيتىش قەغىزىنى ئىشلەتسىلا بولىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن سىرىت ئۇلار قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېلاننىڭ تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۇردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۇڭ زىشيۇڭنىڭ ھەقسىز كۆپەيتىش شىركىتى روناق تېپىپ زورايدى. ئەينى چاغدا بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىگەن ساۋاقداشلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن شىركەتنىڭ لېدىرلىرىغا ئايلىنىپ، ھەممىسى بېيىپ كەتتى. كىچككىنە بىر ئامال، كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىۋاتقان بىر شىركەتنى مەيدانغا كەلتۈردى. يۇڭ زىشيۇڭ مۇنداق دەيدۇ:
بەزى ئاماللارنى كىشلەر ئويلاشنى خالىمايدۇ، مۈمكىن ئەمەس دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئويلاشنى خالىمايدۇ. پەقەت سىز قەتئىي ئىشەنسىڭىزلا، ھەرقانداق ئىشىنىڭ مۈمكىنچلىكى بار. قاپ يۈرەكلىك بىلەن پەرەز قىلىپ، ئېھتىياچانلىق بىلەن ئىزدەنگەندە بىكارلىق تاماقنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.