قاراڭغۇ كېچە، ئەتراپ جىمجىت،ئەل ئۇيقۇدا،ئەمما مەن ئويغاق،ياق-ياق،يەنە مېنىڭ خىيالىمنى يىتەكلىگۈچى يۈرۈكىممۇ ئويغاق.ئۇ مېنى شېرىن خىياللار قۇچىقىدا ئەلەيلىتىپ،خىياللىرىمنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرماقتا،كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق.ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا شۇنچە مەجبۇرلاپ باقساممۇ،يۈرۈكىم مېنى ئۆزىگە بەند قىلماقتا.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئەقىل ئوڭ قۇلىقىمغا پۇشكىننىڭ مۇنۇ شېرىلىرىنى شىۋىرلىدى؛ ئىز تورى بەك ياخشى
<<چۈشۈنىسەن ئاخىرى بىر كۈن،
قۇرۇق خىيالدىن بەخىت تۆرەلمەس.
خىيال شېرىن بولسىمۇ قانچە،
مەڭگۈ ھەمرا بۇلۇپ يۈرەلمەس.>> www.iz.la
مەن شېرىن خىياللاردىن چۆچۈپ ئويغىنىپ،ئەتراپققا،رېئاللىققا قايتىمەن.رېئاللىق بەرىبىر خىيالدىن غالىب! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سول قۇلىقىم تۈۋىدە يەنە يۈرۈكىمنىڭ شىۋىرلىشى ئاڭلاندى؛
<<خىيالدەك ئەركىن پەرۋاز قىلالىساڭ نىمىدىگەن ياخشى بۇلاتتى-ھە؟ئۇ ھالدا سەن خالىغان كىشلىرىڭ بىلەن خالىغان جايلىرىڭدا خالىغان كىشلىرىڭ بىلەن ئەركىن-ئازادە مۇڭدىشالايسەن،ئىچ سىرىڭنى تۆكۈشەلەيسەن،ساڭا ھەر قانداق مۇھىت تۇسالغۇ بۇلالمايدۇ.بۇ دۇنيادا ساڭا مۇتلەق مەنسۈپ نەرسە پەقەت خىيال،ئۇنى ھېچكىم سەندىن تارتىۋالالمايدۇ،نېمە خىيال سۈرۋاتقانلىقىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.مانا بۇ ساڭا تەئەللۇق بولغان ھوقوق!ئەجەبا،مۇشۇ ھوقوقىڭدىنمۇ تۇللۇق پايدىلنالمامسەن؟!>> ئىز تورى بەك ياخشى
ئوڭ قۇلىقىم تۈۋىدە ئەقىل سەۋىرچانلىق بىلەن ئاستا پىچىرلىماقتا؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
<<سەن جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ رامكىدا ياشىغان ئىكەنسەن،سېنىڭ ھەر بىر سۆزۈڭ،ئىش-ھەركىتىڭ يەنىلا شۇ كوللىكتىپ ئىچىدە بۇلدۇ.سەن تۇرمۇش ھەلەكچىلكى بىلەن ئالدىراپ،ھەر خىل ئەلگەكلەردە تاسقىلىپ يۈرسەن،توختىماي ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىزدىنىپ،ئۆزۈڭدىكى يۇشۇرۇن بايلىقنى قېزىپ،ئۆزۈڭنى غايەڭدىكىدەك مۇكەممەل قىلىشقا ئىزدەنمەكتىسەن.خىيالغىلا بەند بۇلۇپ،ئۆزۈڭنىڭ تۇرمۇش رېلىسنى ئورۇنلاشتۇرالمايلا كېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرمەمسەن؟>> بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن كارۋىتىمدىن ئىرغىپ تۇردۇم.شۇ تاپتا مەن ئەقىل بىلەن يۈرەكنىڭ تەڭ شىۋىرلىشى ئارىسىدا نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالغانىدىم.دەل شۇ ۋاقىتتا كۆز ئالدىمدا بىر ئوت پەيدا بولدى.سىنھىلاپ قارىسام،ئۇ ئەسلى ئىرادەم ئىكەن.ئۇ ماڭا چەكچىيىپ قارىغىنچە،كەسكىن خىتاپ قىلدى؛
<<ئەي بەندە،قۇرۇق خىياللاردىن تىزرەك ئويغىنىپ،رېئاللىققا قايت،قورقما،مەن سېنىڭ سادىق ھەمرايىڭ.ئېسىڭدە بولسۇن،قۇرۇق خىيالدىن يىراق بول!>> بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن