_ بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق ؟ _دەپتۇ .
_ بىر قولۇم بىلەن خىش يۆتكىشىپ بېرىمەنما ؟ بەرگىڭىز كەلسە بېرىڭ ،بولمىسا تولا ئەخمەق قىلماڭ ،_دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ .
ئەمما ئايال خاپا بولۇشتا يوق ، ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە دەپتۇ :
_ قاراڭ ،ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ؟مەن قىلالىغان يەردە سىز نېمە دەپ قىلالمىغۇدەكسىز ؟
تىلەمچى ئايالنى ئەمدىلەتىن كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قاپتۇ ۋە بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ئېڭىشىپ خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ .بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ ،ئىككى سائەت ئىچدىلا خىشلارنى پاك -پاكىز يۆتكەپ بوپتۇ .بۇ چاغدا .ئۇ چىلىق -چىلىق تەرلەپ ،چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن ،ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغانىدى . ئايال قاردەك ئاپئاق لۆڭگىدىن بىرنى ئۇزۇتۇپتۇ .تىلەمچى يۈزىنى سۈرتكەن ئىكەن ،لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ .
ئايال ئۇنىڭغا 20 دوللار بېرىپتۇ .تىلەمچى ھەشقاللا -رەھمەت دېگىنىچە پۇلنى ئاپتۇ .
_ نېمىگە رەھمەت دەيسىز ؟_دەپتۇ ئايال ،_بۇ ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل .
_ مەن سىزنى ۋە قىلغان بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن ،_ دەپتۇ تىلەمچى ۋە لۆڭگىنى ئەستىلىك ئۈچۈن سورىۋېلىپ ،چوڭقۇر ئېگىلىپ _پۈكۈلۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ .
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە بىر تىلەمچى كەپتۇ . ئايال خوجايىن ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكەپ بەرسە 20دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . ئىككى قولى ساپمۇساق بۇ تىلەمچى20 دوللارنى ئاز كۆردىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەبى بارمۇ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قاپتۇ . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئوغلى ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقىنىغا ۋەيران بولۇپ سوراپتۇ :
_ بىرىگە ئالدىغا يۆتكە دەيسەن ،بىرىگە كەينىگە يۆتكە دەيسەن ،سەن زادى خىشنى قەيەرگە قويماقچى ؟
ئانىسى :
_ خىشنى نەگە قويۇش مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى تىلەمچىلەرنىڭ خىشنى يۆتكەش _يۆتكىمەسلىكى ،_دەپتۇ .
شۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بىر نەچچە تىلەمچى كەپتۇ . خىشلارمۇ ئۆينىڭ ئالدى -كەينىگە بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپتۇ .
ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بىر كۈنى ،ھويلىدا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر ئادەم پەيدا بوپتۇ . ئۇنىڭ كېيىنىشى سالاپەتلىك ،گەپ _سۆز،يۈرۈش -تۇرىشىدىنلا ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان غالىبلارغا خاس تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى .شۇغىنىسى ،ئوڭ قولى يوق ، يېڭى بوش لەپىلدەپ تۇراتتى . كەلگۈچى ئېگىلىپ بىر قولى بىلەن قېرىلىق يەتكەن ئايال خوجايىننى يۆلىگەچ :
_ سىز بولمىغان بولسىڭىز ،مەن ھازىرقى بىر شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ئەمەس ،ھېلىھەم تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن بولاتتىم ،_دەپتۇ .
ئايال بۇ ئادەمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدى .
_ ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى ،دەپتۇ ئۇ . مۇدىرىيەت باشلىقى ئايالغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى .ئېيتىپتۇ .
_ كەچۈرۈڭ ، بۇلارنى قۇبۇل قىلالمايمىز دەپتۇ ئايال .
_ نېمىشقا ؟
_ھەممىمىز بېجىرىم ئادەملەرمىز .
_ خانىم ،دەپتۇ مۇدىرىيەت باشلىقى قەتئىيلىك بىلەن ،_سىز ماڭا ئادەمنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى ،قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتتىڭىز . شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆي ئېلىپ قويدۇم .ئۇ ئاڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن .
copyright by www.iz.la
ئايال ئاخىرى كۈلۈمسىرەپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ :
_ ئۇنداق بولسا ئۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە ھەدىيە قىلايلى .
بىل گېيتىس : كىشلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆز ئارزۇلىرىمىزدىن ئۈنۈپ چىققان بىخلارنىڭ مەلۇم مەزگىللىك تەرەققىياتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارايدۇ .تەقدىرنى بەلگىلەيدىغىنى بولسا ھەر بىرىمىزنىڭ قارارىدۇر .
تەقدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىدا .مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ھەر بىر تاللاش ، قارار بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ .كىچىك-كىچىك تاللاش قارارلار ،يىغىلىپ كېلىپ بىزنى غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەتكە سۆرەيدۇ .
ئىنسان كىشلىك ھاياتتا ئۇنداق ياكى مۇنداق بالا -قازا ،بوران -چاپقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ .جاھاندا تۈپتۈز يول يوق . توققۇزى تەل ئائىلىدە يېتىلگەن ئادەمنىڭ كېلەچىكى ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ .ئۇنىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىشى ، ھاياتنىڭ ئەقەللىي يۈك _ئېھتىياجلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ .ۋەھالەنكى ،ھەممە سەن ئۈچۈن تەل قىلىپ بېرىلگەن بۇ خىل ھاياتتا نە مەنە ، نە لەززەت بولسۇن ؟ ئىنسان پەقەت ئۆز كۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن غەلبە تەنتەنىسىدىنلا ھەقىقى بەختنى ھېس قىلالايدۇ .
ئىنسان ئۆزىنىڭ رەنجى _بەختىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ .شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پاراغەت ئىچىدە غەپلەتتە قالغانلار تۇرمۇشقا ،جەمىيەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىپ ،ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە ، ئۇ تىركىشىدۇ_يۇ ،ھالاك بولماي قالمايدۇ .
ھاياتنى ھەمىشە تۈپتۈز ،گۈزەل ، ئىللىق بولىۋېرىدۇ دەپ قالماڭ .ھېچقايسىمىز ھاياتقا پۈتمەل قىلىپ بېرىۋېتىلگەن ئەگرى -توقاي ،مۈشكۈللۈك ،.ئامالسىزلىق ،بالا -قازا ،ئازاپ -مەغلۇبىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز .
گېيتىس شۇنداق دەيدۇ : ھاياتتىكى بەختسىزلىكتىن قېچىش مۇمكىن ئەمەس ،ئەمما ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ .ۋاقىت ئاشۇ ئازابلىق ھېسلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ .بۇ "ھېچنىمە ئەمەس " دېگەننى ھەر دائىم تەكرارلاپ تۇرۇڭ . بەختسىزلىكنىڭ زەربىسى تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .بەلكى يەنە شۇنداق ھەرەج تارتماسلىقىڭىز ئۈچۈن،دەس تۇرۇڭ -دە ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا يەڭ تۈرۈڭ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
" بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن" دىن ئېلىندى