دوستۇم سىزمۇ ئىسىل

ۋاقتى:2010-07-03 09:57مەنبە: يوللىغۇچى: ئابلىكىم ئابلىز چېكىلىشى:قىتىم
  
دوستۇم سىزمۇ ئىسىل
ئاپتۇرى: ئابلىكىم ئابلىز
بۇ يىلىقى قۇربان ھىيىت جەريانىدا خىلى يىقىن دوستۇمدىن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئاڭلاپ قالدىم .تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگىنىگە 16يىل بولغان 10نەپەر يىقىن دوسىت بولۇپ ئۇلار ھەر ئايدا بىر قىتىم بىر ئورۇنغا توپلىشىپ ئۆز ئارا پىكىرلىشىپ خىزمەت ۋە تۇرمۇش توغىرسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆتىدىكەن .بۇلار ئەر ئايال بولۇپ 10جۇپ ئىنتايىن يىقىن ئۆتىدىكەن .يۇقاردىكى دوستۇم ئائىلە شارائىتى ناچار بولۇش سەۋەبىدىن تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ناھيە مەركىزىگە يىقىن بىر يىزىدىكى ئائىلىسىگە قايىتىپ يەنە شۇ دىھقانچىلىقھۈنەرىگە تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ ،لىكىن ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈللىكى ھىلىقى ئاغىنلىرى بىلەن بولغان دوسىتلۇق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇپ  مەيلى ھىيىت بايرام بولسۇن ۋە ياكى باشقا ۋاقىتلاردا ئۆز ئارا يوقلىشىپ ئۆتۈشكە سەۋەپ بولۇپتۇ  . بۇ يىل قۇربان ھىيىتتا بىرلىكتە پەتىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئاغىنلەر يەنە توپلىشىپتۇ ، دوستۇم ئۈستىۋىشىغا خىلى ئىسىل كىيىنگەن بولسىمۇ بىشىنى سوغۇق ئۆتۈپ كىتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى مەھەللىدە يالاڭۋاشتاق يۈرۈشنى ئەيىپ كۆرگەنمۇ ئەيتاۋۇرمەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى  تىرىدىن تىكىلگەن تۇماق كىيىپ بىللە پەتىلەپتۇ ،پەتىلەش جەريانىدا مەلۇم بىر دوستىنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە توغرا كەپتۇ ،بۇ چاغدا ھىلىقى دوستى دوستۇمغا :ئاداش بىشىڭدىكى ئاۋۇ بىرنىمىنى تاشلىۋەتسەڭ بىزدەك ئىسىل كۆرنەتتىڭ ئەمەسمۇ ؟ نەدىكى سەت بىر نەرسىلەرنى كىيىپ ئادەمنىڭ ئېسىللىقىغا تەسىر يەتكۈزسەڭ قانداق بولغىنى ؟بالدۇرراق باش كىيمىم يوق دىگەن بولساڭ ئەل ئاغىنىلەر ھىيىتلىق بىرىپ بىشىڭغا بىرەر نەرسە ئىلىپ بەرمەمتۇقدەپ دوستمنى مازاق قىلىپتۇ .دوستۇم ئىنتايىن ئوڭايسىزلىنىپ كىتىپتۇ ۋە تاماكا ئىلىۋىلىشنى باھانە قىلىپ ھىلىقى باشلىقنىڭ ئۆيىگە كىرمەپتۇ .ئۇلار پەتىلەشنى تۈگىتىپ ئۆيلىرگە قايتىپ كەپتۇ .دوستۇم مىنىڭ تۇماق كىيىشىم راستىنلا ئۇلارنىڭ ئېسىللىقىغا تەسىر يەتكۈزەمدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ تۈزۈككىنە ئۇخلىيالماپتۇ ۋە ئەتىسى مىنىڭ ئۆيۈمگە پەتىلەشكە كەلگەندە يۇقارقى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى . مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم .ئۇلارنىڭ يىقىن دوسىتلاردىن ئىكەنلىگىدىن گۇمان قىلدىم . ياز ۋاقتىدىمۇ دوپپا كىيىپسەن دەپ ئەشۇنداق كۆڭۈلسىز سۆزلەرنى قىلىپ ئۆيى يىزىدابولغان ئاغىنلەردىن قانچىسىنىڭ كۆڭلى شەھەرلىك ئېسىلئاغىنلىرىدىن رەنجىيدىغاندۇ ؟ بىزلەرنىڭ دوپپا كيىش . بۇرۇت قويۇشتىن باشقا ئىشلىرمىزدا باشقا ئەركەكلەردىن قانچىلىك پەرىقمىز قالدى؟ .كۇنىلارنىڭ پادا باققاندا دوسىت ئىدۇق ،ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق دىگنىدەك بۇرۇن بىللە ئوقۇغاندا يىقىن دوسىت بولۇپ ئەمدىلىكتە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئازراق پىتلىنىۋىلىپلا شۇنداق يىقىن دوسىتلىردىن تانغىنى قانداق بولغىنىئ؟ .
 مەرھۇم شائىر  روزى سايىت ئەر دىمە ناملىق شېئىرىدا :
ئەسلىدىن تانغاننى ئەر دىمە ،
دوسىتىدىن چانغاننى ھەرگىز ئەر دىمە .
ئادىمىيلىك قىممىتى چىن لەۋزىدىن ،
لەۋزىدىن تانغاننى ھەرگىزئەر دىمە .
دەپ يىزىپ يۇقارقىلارغا ماس كەلمەيدىغانلارنى ئەر دىمىسمۇ بولىدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن .ئۇنىڭدىن باشقامائارىپچى ۋە شائىر ئابدۇللا ئەۋلانىي(1878-1934)نىڭ تۈركى گۇلىستان ياخۇد ئەخلاقناملىق ئەسىرى19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدىن 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرغىچە پۈتكۈل قىرىم تاتارلىرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخدا يۈز بەرگەن ئاقارتىش جەدىدىچىلىك ھەركىتى جەريانىدا قۇرۇلغان يىڭىچە مەكتەپلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەخلاق تەربىيە دەرىسلىگى_ ئەخلاقنامىدۇر .ئاپتۇر بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن يىزىپ بىزگە ئەدەپ ئەخلاق ،پەزىلەت .....قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنىنى ئىلمى ئۇسۇللار ئەمىلى مىساللارئارقىلىق بىزلەرنىڭ ئۈگنىشىمىزگە قالدۇرۇلغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار تا ھازىرغىچەبىزگەتولۇق يۇقمىغان ياكى يۈزەكى قوبۇل قىلىنغان . بىز ئاڭلىق ئادەم تۇرۇپمۇ بۇ خىل تەربيلەرنى ئۈگىنىپ بولالمىغان،ئاپتۇر بۇ كىتابىنىڭ دوسىتلۇق توغىرسىدىكى مەزمۇنىىنى بايان قىلغاندا : دوسىتلۇق دەپ ھەر كىم ئۆزتەڭدىشى ،مەسلەكدىشىنى تىپىپ ئۈلپەت بولماققا ئيىتىلىدۇ،دۇنيانىڭ لەززىتى سادىق دوسىتلار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتىن ئىبارەت . دىگەنكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇزۇرگىمېھر شۇنداق دىگەنكەن :
دۇنيادا شۇنداق خىسلەتلەرمۇ باركى، بۇ خىسلەتلەر ئارقىلىق كىشىنىڭ كىشىگە بولغان چىن دوسىتلۇقى ئىنىقلىندۇ .بۇلار مۇنۇلار :دوستىنىڭ ئەيبىنى يىپىش ،ئۆزىگە لايىق كۆرگەن يەرگە دوستىنى ئولتۇرغۇزۇش ،نامەقبۇل يەردىن دوستىنىى توختىتىپ قىلىش ،دوستىنى قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتتە قويماسلىق،ئۇنىڭ سىرىنى پاش قىلماسلىق، ئۆز سىرىنى ئۇنىڭدىن يوشۇرماسلىق ، بايلىقىنى ئۇنىڭدىن ئايىماسلىق ،ئۇنىڭدىن مال تەلەپ قىلماسلىق  .
دىمەك دوسىتلۇققا قول بەرگەن كىشى ھەرقاچان ھەرقانداق جايدا قايسى خىزمەتنى قىلىش قانداق ئەمىلى بولۇشتىن قەتئىنەزەر دوستلۇقنى قەدىرلەشنى بىلىشى ،دوسىتلىردىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمايدىكەن يۇقارقى مەشھۇرلىرىمىزنىڭ نەسىھەتلىرنى قوبۇل قىلىشىئ ،ئۆگىنىشى ۋە ئەۋلاتلىرغا ئۈگىتىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن .
 دوستۇم سىزمۇ ئىسىل ھىساپلىنىسىز ، پەقەت سىز دوستىڭىزنىڭ قانداق كىيىنىشى ،باي كەمبەغەل بولىشى،نام ئەمىلى قاتارلىقلارغا قارماستىن ئۇنىڭ سىزگە سۇنغان قولىغا قاراڭ. ئۇ سۇنغان قول ھەقىقى دوستىلۇق قولىمۇ ياكى سىزدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلغان قولمۇ ؟مىنىىڭچە ئۇ سىزگە ھەقىقى دوسىتلۇق قەلبىنى ،قەلبىدىكى ئۇلۇغ سەمىمى دوستلۇق ئارغامچىسىنى سۇنغان .ئەگەر بىر نەرسە تەلەپ قىلغان دەپ قارىسىڭىز ئۇ سىزدىن يەنىلا ئەسلىدىكىدەك ھەقىقى دوسىتلۇق مىھرىڭىزنى بىرىشنى تىلىگەن .سىز ئۇنىڭغا ھەقىقى دوستلۇق قولىنى بىرەلىگەن بولسىڭىزلا سىز ھەقىقى ئىسىل ،شۇنداقلا مەڭگۈ ئىسىل .
ياخشىكەن
(6)
85.7%
ناچار
(1)
14.3%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...