بىز ئېلان دەۋرىدە تۇرۋاتىمىز
ئىنسانىيەت ناھايتتى ئۇزۇن يېزا ئىگلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۇرۇپ، شانلىق قەدىم زامان مەدەنىيەتلىرىنى ياراتتى، بۇ دەۋىردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمى بەك ئاستا بولدى.ئۇ چاغلاردە يەر شارى ئىنسانلارغا يەنىلا پۇتۇنلەي تۇنۇش ئەمەس، سىرلىق ئىدى. ئىنسانلار سانىمۇ ھازىرقىدىن كۆپ ئاز ئىدى.بىراق سانائەت دەۋرىنىڭ كىلىشى بىلەن ئەھۋال ئۆزگەردى.ھەممە گويا غايىپ بىر كۇچ بىلەن قوزغالغاندەك جانلىنىپ كەتتى.يىللاپ ماڭىدىغان يوللار ئايلاپ ماڭىدىغان ،كىيىن كۇنلەپ ماڭىدىغان ..... بۇلۇپ ئۆزگەردى.ئادەملەر گويا يەردىن ئۈنگەندەك تىز سۇرئەتتە كۇپەيدى.كىشلەر يىراق سەھرالاردىن شەھەرگە توپلىشىپ غايەت زور بولغان قايناق شەھەرلەرنى بەرپا قىلدى، بۇ شەھەرلەردە ئاسمان -پەلەك بىنالار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىلىنىلپ تاش ئورمانلارنى شەكىللەندۇردى. 21-ئەسىر بىلم ئىگىلىكى دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى دىگەن گەپلەرنى بىز مەتبۇئات ،مىدىيا ۋاستىلىردە دائىم دىگۇدەك ئاڭلاپ تۇرىمىز. بىراق تىخى ھىچكىم ئېلان دەۋرى دەپ باقمىدى. دۇنيانىڭ باشقا يىرى قانداقكىن بىلمەيمەن( تىخى شىنجاڭنىڭ سىرىتىغا چىقىپ باقمىدىم، بىزغۇ نۇرغۇن ئىشلاردا دۇنيانىڭ كەينىدە قالغان خەق، بەزى ھۆكۇمالار بىزئۇلارنىڭ 50يىل 100كەينىدە دىيىشىدۇ) بىزنىڭ بۇيەر ئاللىقاچان ئېلان دەۋرىگە كىردىمىكىن دەيمەن.چۇنكى يۈزى قىلىن ئېلانلار بارلىق تارقىتش ۋاستىلىرنى (گىزىت -ژۇرنال، تېلۋېزور، تور ،تېلفۇن ،يەنە تىخى يول بۇيىدىكى تام)ئىگلەپ بولدى،ئۇنىڭ دائىرسى بەكمۇ كەڭ(مەھسۇلات ئېلانلىرى،داۋلاش ئېلانلىرى، ئۆزىنى تەشۋىق قىلش ئېلانلىرى،ئىشقىلپ ئۇنىڭ دائىرسى بەكمۇ كەڭرى) ئۇنىڭ ئۇستىگە ئېلاننىڭ شەكىللرىمۇ ھەرخىل، بەزىلىرى بىۋاستە ئېلان بېرىدۇ، بەزىلرى ئىئانە ئارقىلىق ئېلان بېرىدۇ،يەنە بەزىلىرى ھەرخىل پائالىيەت، تېلۋىزىيە پىروگىراممىلرى ئارقىلىق ئېلان بېرىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يىقىندا ئارمان شېركىتىنىڭ ئارمان مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېلانلىرى تۇغىرسىدا جەمىئەتتىن پىكىر -تەكلىپ ئىلىش پائالىيتى ئىلىپ بارغانلىقىمۇ يىقىندىن بۇيان شېركەتلەرنىڭ ئېلانغا تىخىمۇ كۇچەپ بېرۋاتقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىر ياخشى تەدبىر بۇلۇشى مۇمكىن.لىكن بۇ يەنىلا بىر مەسلىنى ئاشكارلاپ تۇرماقتا ،ئۇ بولسىمۇ ئېلان ئۇنۇمىنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقى بىلدۇرىدۇ. كشلەر ئېلاندىن بىزار بولماقتا،لىكىن ئېلانلارنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئېلاندىن زارلاش ئوموميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا شېركەتلەرنىڭ ئېلان سەرپىياتىنى كۆپەيتىشى ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئايلاندى، لىكىن مەيلى ئېلان بەرگۇچى بولسۇن ياكى ئېلان كۆرگۇچىلەر بولسۇن تەتۇر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت شەكىللەنسە دەپ ئويلىماقتا.بەلىكم بۇنىڭغا مەلوم جەريان كېرەكتۇر.
ئېلان سەرپىياتىنىڭ كۇپىيىشى يەنە ئېلان شېركەتلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشنى ئىنىرگىيە بىلەن تەمىن ئەتتى.ئۈرۈمچىدە كۆپلەپ مەيدانغاكەلگەن ئېلان-ئۇچۇر شېركەتلىرى بۇنىڭغا گۇۋاھ بۇلالايدۇ. بۇ يەردە بەزى تورداشلار ئۇچۈر شېركەتلىرىنىڭ گىپى بولسا ئاچچىقى كىلىپ،چىرايى ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن، چۇنكى ئۇلار ئۇچۇر شېركەتلىرىنى ئالدام خالتىسىغا چۇشۇپ بۇ زەھەرلىك مېۋىنى تىتىپ قالغان بۇلشى مۇمىكن. مەنمۇ شۇنداق ئشلارنى يېنىمدىلا ئۆتكۈزۋەتكەن ئىدىم. ئۇچۇر شېركەتلىرىنىڭ ئىچىدە خەلىققە ھەقىقىي نەپ بېردىغانىلرىمۇ يوق ئەمەس. ئاشۇ ھارامخوربىر قانچىسىمۇ ھامىنى جازايىنى تارتىدۇ.ھەقىقىي ئېلان شېركەتلىرىنى كۇپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېلانلار ھەرخىل بۇلۇپلا قالماي سەرخىل بۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئىز تورى www.iz.la
كىشلەرنىڭ ئېلاندىن بېزار بۇلشى ئۇنىڭ سەرخىل بۇلۇشى بىلەنلا تۈگەپ كىتەرمۇ؟ ھەسەلنى كۆپ يىسە ئەمەن تىتىيدۇ دىگەن گەپ بار بىزدە، تېلۋىزىيەنى قاپلاپ كەتكەن ئېلانلار ھەرقانچە ئىسىل ،نەپىس بولسىمۇ زورلاپ كۇنىگە ئون قىتىملاپ قۇيۇپ بەرسىڭىز، يەنىلا تىللىشى مۇمكىن. بولمىسا سىناپ بىقىڭ، سىز ياخشى كۆرىدىغان كىنو ياكى ناخشىنى كۆپ بولسا قانچە قىتىم كۆرەلەيسىز؟ مەسلە زادى قەيەردە؟ زىددىيەت تەرەققىيەتنى ئىلگىرى سۇرىدۇ بۇ يەردە شەكىللەنگەن زىددىيەت بىزدىكى ئېلانچىلقىنى تىخىمۇ راۋاجلاندۇرسا ئەجەپ ئەمەس. لىكىن بۇنىڭغا ۋاقىت كىتىدۇ ئەلۋەتتە. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن