چىلبۆرە پەلسەپىسى

ۋاقتى:2010-06-05 14:54مەنبە: يوللىغۇچى: ^*مۇھەممەد*^ چېكىلىشى:قىتىم
  

چىلبۆرە دېگەن نېمە؟

  چىلبۆرە _ ئېكولوگىيىنىڭ تازىلىغۇچىسى، تەبىئەت دۇنياسىدا چىلبۆرە يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. چىلبۆرە بولمىسا، يەرشارىدىكى كېسەل، قېرى، ئاجىز، نىمجان ھايۋانلار كۆپىيىپ كېتىپ، كېسەللىك يامراپ كېتىدۇ.

  چىلبۆرە بولمىسا، ئوتخور ھايۋانلار شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ھايۋانلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  چىلبۆرە _ جەمئىيەتنىڭ نورمال سەۋىيىسىنى ساقلىغۇچى، ئەگەر جەمئىيەتتە «چىلبۆرە» بولمىسا، ھەرقايسى كەسىپ ۋە ساھەلەر كەسپىي سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. پاي چېكى، مەبلەغ ساھەسىنىمۇ قېرى، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ مەبلەغ سالغۇچىلار قاپلاپ كېتىدۇ. سودا ساھەسىنىمۇ تەمتىلەپ ماڭىدىغان يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر قاپلىۋالىدۇ. ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. «چىلبۆرە» بار بولغاچقىلا، بارلىق ئۆزىگە نامۇناسىپ رولغا چىقىۋالغان ناچار ئارتىسلار شاللاپ چىقىرىلىدۇ. كىمكى قايسى كەسىپ ساھەسىنىڭ سەھنىسىگە چىقىمەن دېسە، ھەقىقىي ئىقتىدارى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بولمىسا «چىلبۆرە» ئۇنى «يەۋېتىدۇ». شۇڭا «چىلبۆرە» ياخشى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن



  چىلبۆرە پەلسەپىسى

  چىلبۆرە بىر ئولجىنى نىشانلىغاندا، ئۇنى تۇتمىغۇچە ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەيدۇ.

  چىلبۆرە مەخسۇس توشقان يەيدۇ، توشقان چىلبۆرىنىڭ ئوزۇقلۇقى. مۇبادا چىلبۆرە توشقان ئالدىدا مۈدۈرۈپ كەتسىمۇ توشقان بەرىبىر توشقان، ئۇ مەڭگۈ چىلبۆرە بولالمايدۇ. قائىدە بويىچە ئىش قىلىش، نېمە دېسە شۇنى قىلىش _ توشقاننىڭ ھاياتلىق يولىدۇر. چىلبۆرىنىڭ ھاياتلىق يولىچۇ؟ كۈتمىگەن يەردىن چىقىش، دائىم ئوت - چۆپلۈككە مۆكۈنۈپ، توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈش، ھەرۋاقىت توشقانغا ئېتىلىشقا تەييار تۇرۇش ! www.iz.la

  چىلبۆرە پەلسەپىسىنىڭ بىرىنچى قائىدىسى، يولۋاستەك يۈرەكلىك بولۇش، ئەپكە ماھىر بولۇش، ئۆزىنى ئەپلەش، ئۆزگىنىمۇ ئەپلەش. ئەپلەشنىڭ تۆت مۇھىم نۇقتىسى بار: بىرىنچى، مەن كىم؟ مېنىڭ ھازىرقى ئورنۇم قايسى؟ ئىككىنچى، ماڭا كېرەكلىكى زادى قانداق نەرسە؟ ئۈچىنچى، ئۇ نەرسە كىمدە بار؟ تۆتىنچى، ئۇ نېمىشقا ماڭا ئۇ نەرسىنى بەرگۈدەك؟ مەن ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىمەن؟ بۇلارنىڭ ئېپىنى قىلماي تۇرۇپ قول سالماسلىق؛ مۇبادا ھەرىكەتنى باشلىسا، جەزمەن ئەڭ ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىش. ئىككىنچى قائىدىسى، مەن بىرىنچى. بىرىنچىلەر 100 نومۇرغا ئېرىشكەنلەردۇر. ئىككىنچىلەر بولسا پەقەت ئون نومۇرغا ئېرىشكەنلەردۇر، بىرىنچىلەر ھەممە نەرسىگە ئېرىشىدۇ. ئىككىنچىلەر بولسا پەقەت چىشنىڭ كاۋىكىدىكى نەرسىلەرگىلا ئېرىشىدۇ. ئۈچىنچى قائىدىسى، چوڭغا چوڭچە، كىچىككە كىچىكچە مۇئامىلە قىلىش. شارائىتقا قاراپ ئىش تۇتۇش، كۈچى يەتمىگەندە دەرھال باشقا نۇقتىدىن ھۇجۇم قىلىش. تۆتىنچى قائىدىسى، زەھەرلىك دورىنى ئۈنۈملۈك دورىغا ئايلاندۇرۇش. چىلبۆرە ھۇجۇمدىن قورقمايدۇ. ھۇجۇم _ چىلبۆرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. ئادەتتە چىلبۆرىنىڭ چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىشى ھەرگىزمۇ ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن ئەمەس، بەلكى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. بەشىنچى قائىدىسى، توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى. ئاۋۋال يەتمەكچى بولغان مەنزىلنى ئوبدان بەلگىلىۋېلىپ ئاندىن ماڭىدىغان يولنى بەلگىلەش. شۇ چاغدىلا ئاندىن ئوڭۇشلۇق يولنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلەلەيسىز. ئالتىنچى قائىدىسى، ئۆزىنى بازارلىق قىلىشنىڭ ئېپى. ئاۋۋال مەنزىلگاھنى بەلگىلىۋېلىش، ھازىرقى باشلىنىش نۇقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىش، ئاندىن ئوتتۇرا يولدا ئېنېرگىيە قاچىلايدىغان پونكىتنى بىلىۋېلىش. بۇ ئۈچ نۇقتىنى ئوبدان ئىگىلىۋالسىڭىزلا، ھاياتىڭىزدىكى ئۈچ ئۈندەش بەلگىسىنى تولۇق ئىگىلىۋالغان، بۇ بەلگىنى دەل جايىغا قويغان بولىسىز.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە :«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى سەلتەنەت تورى

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

،تەرجىمان نۇرگۇل ھېيىت

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...