دىھقانغا قاچانمۇ بايرام بولار

ۋاقتى:2010-06-04 10:43مەنبە: يوللىغۇچى: گۈلباھار چېكىلىشى:قىتىم
  
بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپا ئاخشىمى ئۆيدىكىلەر بايراملىق دەم ئېلىش پىلانى تۈزۈۋاتاتتۇق. دادام تۇيۇقسىزلا: «مۇشۇ دېھقانلارنىڭ بايرىمى يوقكەن - ھە!» دېدى. بۇ گەپتىن يۈرىكىم «چىممىدە» قىلدى ...
ھازىر كالېندار بايرام، خاتىرە كۈن، تەشۋىقات كۈنى دېگەنلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. بىر يىلنىڭ بىرەر ئىش خاتىرىلەنمەيدىغان كۈنى ئاساسەن قالماپتۇ. ئاياللار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى، ئارمىيە بايرىمى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بالىلار
www.iz.la

 بايرىمى دېگەندەك چوڭ - چوڭ بايرام، خاتىرە كۈنلەردىن باشقا ھەربىر ساھەنىڭ ئۆزىگە خاس بايرام، خاتىرە كۈنلىرىمۇ كۆپ ئىكەن. ئاشىق - مەشۇقلارنىڭمۇ، ئالدامچىلارنىڭمۇ، سېمىزلەرنىڭمۇ … بايرىمى بار ئىكەن. دەل - دەرەخ، ھايۋاناتلارنىڭمۇ قوغدىلىدىغان تەشۋىقات كۈنلىرى بولىدىكەن. ئەمما ھالال تەر - ئەمگىكى بىلەن دۇنيانى گۈللەندۈرۈۋاتقان، بىزلەرگە ئاش - ئوزۇق بېرىۋاتقان، بىزلەر ئۈچۈن يول ياساۋاتقان، سۇ ئامبىرى ياساۋاتقان، بىزنى كەلكۈندىن  مۇداپىئە قىلىۋاتقان، بوز يەر ئېچىۋاتقان جاپاكەش دېھقانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىرەر بايرام، خاتىرە كۈن ياكى تەشۋىقات كۈنى يوق ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلار، سېسترالار، ئەسكەرلەر، ئالدامچىلار، دەل - دەرەخلەر، ھايۋانلارنىڭ قەدىر -قىممىتى مەلۇم كۈندىكى پائالىيەت ئارقىلىق ھېس قىلدۇرۇلىدىكەن. 4 - نۆۋەتلىك ئاخباراتچىلار بايرىمى ئۈرۈمچىدە تەبرىكلەندى. داڭلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس بۇ بايرامنى تەبرىكلەش سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. قىزىقى شۇكى، كەتمەن چاپىدىغان دېھقانلارنىڭ بايرىمى يوق، چاپقان كەتمەننىڭ ھوسۇلىنىلا خەۋەر قىلىدىغانلار بايرام قىلىدىكەن؛ ئالدامچىلارنىڭمۇ بايرىمى بار ئىكەنغۇ، ھەقىقىي ئەمگەكچىلەرنىڭ بايرىمى يوق ئىكەن. دېھقانلار ھېچقاچان بايرام قىلمايدىكەن. ئەجەبا، دېھقانلار بايرام قىلىشقا لايىق ئەمەسمىكەن!؟

ئىز تورى www.iz.la


ھازىر ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بىر ھەپتە، دۆلەت بايرىمىدا بىر ھەپتە ساياھەت قىلىش، دەم ئېلىش ئارقىلىق بايرام پەيزىنى سۈرۈش دۆلەت ئېتىبار بىلەن قارايدىغان، ئامما خۇشال بولىدىغان چوڭ ئىش بولۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە دۆلەت، كوللېكتىپ خىراجىتىگە ساياھەت قىلىش ئەۋجىگە چىقىدۇ. شەخسىي پۇلغا ساياھەت قىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ھەر خىل قاتناش ۋاسىتىلىرى ئەلا مۇلازىمەتتە تەق بولۇپ تۇرىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دەم ئېلىش، ساياھەت ئەھۋالى بەس - بەستە تەشۋىق قىلىنىدۇ. تېلېۋىزورغا قارىساق، چوڭ شەھەرلەردە، مەنزىرىلىك رايونلاردا سەيلە - ساياھەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چىرايىدىن نۇر ياغىدىغان دۆلەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى. چىرايى ئاپتاپتا قارايغان، گەۋدىسى تارشىدەك قاتقان دېھقانلار كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان »ئالتۇن تاۋاقلىقلار بايرىمى«غا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئاشۇ بايرام كۈنلىرىدە دېھقانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟
مەرھۇم شائىر روزى سايىت مىسرالىرىدا ئېيتىلغاندەك، «دېھقاننىڭ بايرىمى ئوتاش ۋە پۇتاش» بولۇپ، ئۇلار ئېتىز - قىرلاردا، تاغ - يايلاقلاردا، مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ھاشاردا يەنىلا ئۈن - تىنسىز ئەمگەك بىلەن مەشغۇل. ئۇلار ئەمگەكچى، لېكىن ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئۇلار ھاشاردا؛ ئۇلار دۆلەت پۇقراسى، لېكىن دۆلەت بايرىمىدا ئۇلار يەنىلا ھاشاردا. ھېچكىم ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا، دۆلەت بايرىمىدا ئۇلارنى ئەمگەكتىن ئازاد قىلىپ، بايراملىق ئۈچۈن دەم ئېلىش بەرمەيدۇ. ئۇلار بايرام بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز سېزىمى بىلەن ئەمەس، تېلېۋىزوردىن ھېس قىلىدۇ. ئۇلار بايرام قىلىۋاتقانلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالىدۇ …
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دېھقان ھەقىقىي ئەمگەكچى، شۇنداقلا دېھقانلار يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش ئۈچۈن قان ئاققۇزغان. دېھقان بۇ بايراملاردىن بەھرىمەن بولالمىسا، بۇنى قانداقمۇ ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمى دېگىلى بولسۇن؟!
ھەممىمىزگە مەلۇم، سۈن جۇڭسەن قوزغىغان شىنخەي ئىنقىلابى پەقەت ئىشچى، زىيالىي، ئەسكەرلەرنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ شەھەردە ئىنقىلاب قىلغانىدى، دېھقانلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان جۇڭگودا ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالماي مەغلۇب بولدى. ماۋ زېدۇڭ يېزىلاردا ئىنقىلابىي تايانچ بازا قۇرۇپ، دېھقانلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، »يېزىلار ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش« ئىستراتېگىيىسىنى قۇرۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئارمىيىسىمۇ ئاساسەن دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەنىدى. قىسقىسى، دېھقانلار بولمىغىنىدا سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولمايتتى، ھازىرقىدەك زامانىۋىلاشقان تەرەققىيات بولمايتتى. شۇنداق ئىكەن، ئۇلاردا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئەڭ ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بار: ئۇلار بايراملاردا ئەمگەككە سېلىنىپ، بايرام قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالسا، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ماددىي، مەنىۋى، سىياسىي مەنپەئەتى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغانلىق بولىدۇ. «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش» قۇرۇق شوئار بولۇپ قالىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
دېھقانلارمۇ دۆلەت بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن باراۋەر ئاساستا بەھرىمەن بولۇشى، بايرام مەزگىلىدە ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماسلىقى، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى، دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئەڭ ياخشىسى، دۆلەت دېھقانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق كۈننى بېكىتىپ، يىلدا بىر قېتىم دېھقانلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى زۆرۈر. شۇ بايرام كۈنىدە گېزىت، تېلېۋىزور، رادىئولار زوق - شوخ بىلەن دېھقانلار بايرىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى دېھقانلار بايرىمىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتسا؛ شۇ كۈندە قويۇق دېھقانلار بايرىمى كەيپىياتى يارىتىلسا، قالتىس مەنىلىك ئىش بولغان بولاتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
«دېھقانلار بايرىمى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ نېمىدېگەن چىرايلىق. ناۋادا ئارزۇلار ئەمەلگە ئېشىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار بايرىمى تەبرىكلىنىپ، دېھقانلار ئۆزىنىڭ بايرىمىدىن شاد - خۇراملىق ھېس قىلسا تېخىمۇ چىرايلىق ئىش بولىدۇ. بىز دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم دېھقانلار بايرىمى ئۆتكۈزگەن بولىمىز (مەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دېھقانلار بايرىمى كۈنى بارلىقىنى ئاڭلىمىدىم).
دېھقانلار بايرىمى »بايرام قانۇنى«غا كىرگۈزۈلۈپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدالسا، دېھقانلار شادلىققا تولسا، بۇ يالغۇز دېھقانلارنىڭلا ئەمەس، دېھقان تېرىغان ئاشلىقنى يەۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ئورتاق بايرىمى بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئارزۇ نېمىدېگەن گۈزەل ! دېھقانلار قاچان بايرام قىلار؟ تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقانلار بايرىمىنى قاچان تەبرىكلەمىز؟
ياخشىكەن
(6)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بۇرۇتلۇق خانىم

    ئىجادىي ھېكايە...

  • بالىنىڭ ئىلتىجاسى

    بالا تۇيۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى ۋە: _ دادام ، ئۇ... ئۇ... ئۆلۇپ كېتىدۇ، _ دىدى....

  • پراكتىكىدا

    ئالي مەكتەپنىڭ گۈزەللىكىنى دىمىسەممۇ ھەر بىر ئوقىۋاتقان ھەم ئوقۇپ بولغانلار بىلسە كىرەك. بەش يىل ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ئۆتۇپ كىتىپتىكەنمەن . مەجبۇرى ھالدا مەكتەپتىن دوختۇرخانىغا ھەيدەلگەندە ،يەنىلا شۇ شوخلىقىمىز بىلەن ئۆتۇپ كىتىمىزغۇ دەپ ئەزرائىلنىڭ باش بىك...

  • يۇمۇرلار

    (خۇشاللىق ھەممەيلەنگە يار بولسۇن) تەسىرات بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ. ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكېلىپ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە سىر سۈركەپ ؛ - مەن گەپ قىلمىغۇچە مېدىرلىماڭ ھە!- دەپ تاپىلاپتۇ. يولدىشى ئ...

  • قىزلار مەڭگۈ ئوغۇللارنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ.........

    4.قىزلار ئوغۇللارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىنمۇ ئۆزىدىن شۇنداق سەمىمى ھەل سورايدىغانلىقىنى مەڭگۇ بىلەلمەيدۇ....

  • ئاق ئەتىرگۈل

    (پوۋسېىت) 1 رۇخسار ئۆيگە كەلگەندە تام سائىتى كەچ سائەت ئونغا داڭ ئۇرغاندى . دادىسى دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئىش پۇتكەندىن كىين تامىغىنى يەپلا ئۆيگە ئارانلا كىلىۋالدى . ئانىسى دادىسغا ھەمرا بۇلۇپ قالماقچى بولغاندى . بىراق يىرىم...

  • ئاھ!مۇھەببەت سەندىن ۋاز كېچەي

    ئاھ!مۇھەببەت سەن مەندىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلغان ئىكەنسەن،مەنمۇ سەندىن ۋاز كەچمەي تۇرالمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سېنى كۆڭلۈم تۆرىدىن ئۇرۇن ئالدۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ سېنىڭ مېنى ئالداۋاتقانلىقىڭنى،سېنىڭ مەندىن ئاللىبۇرۇن كۆڭلۈڭ...

  • جاۋاپسىز سۆيگۈ

    ۋاپاسىز يايرىم ئېسىڭدىمۇ؟ چاڭقاپ لەۋلىرىڭ گەز باغلىغاندا،مەن ساڭا شېرىن شەربەتلىرىمنى تۇتقان ئېدىم. سەنچۇ؟ سەن جاۋاپ ئورنىدا جامىمغا زەھەرلىك يۇندىنى قۇيدۇڭ،سەن سۇنغان زەھەرلىك يۇندىنى زەم-زەم ئورنىدا كۈرۈپ ئىچىپ ئازاپتىن ئاچچىق تولغاندىم. تۇمۇز ئىسسىقتا...

  • سەن كېتىپ قالدىڭ

    سەن كېتىپ قالدىڭ............... تىنىقلىرىمدىن تىنىقلىرىڭنى،كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىڭنى،ھېسلىرىمدىن ھېسلىرڭنى،سۆيگۈلۈرۈمدىن سۆيگۈلىرىڭنىئېلىپ كەتتىڭ. ئەمما سەن ماڭا بۇلارنى قالدۇرۇپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ...گۈللەر توزىدى،يۇپۇرماقلار تۈكۈلدى.بىغۇبار سۆيگۈمىز خازا...

  • ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق !

    ئىشەنچنى يوقىتىش ھەممىدىن قورقۇنچلۇق نيۇيورك ساقچى ئىدارىسىدا يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى . بىر قېتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىدە جىنايەتچى ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى . ئۈچ ئايدىن دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئۇ باشقىچىلا بىر ئادەم...