قانداق پۇل تاپىمىز
خەن شاۋ گوڭ
سىلەر مېنى سۆز قىلىپ بەرسۇن دەپسىلەر. نېمىنى سۆزلەپ بەرسەم بولار؟ نېمىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرسىلەر؟ بۇ بۇرادەر سىلەرنى قانداق پۇل تېپىشنى بىلىشنى بەك خالايدۇ دەيدۇ. ئۇنداقتا ياخشى، بۈگۈن قانداق پۇل تېپىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ بېرەي.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پۇل تېپىشتا ئالدى بىلەن ھېسابات قىلىشنى بىلىش كېرەك. سىزلەر ھەممىڭلار ھېسابات قىلىشنى بىلسىلەر، بىراق، بىرقانچە ھېساباتنى تېخى ھېسابلاپ باقمىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن:
بىرىنچى: ساغلامبولغانلىقنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق. ھازىر داۋالىنىش پۇلى بەك قىممەتلىشىپ كەتتى، سىز نەچچە ئونمىڭ، نەچچە يۈزمىڭ پۇل تاپسىڭىزمۇ، بىر كېسەل بىلەنلا قاخسەنەم بولوپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا، كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، بىزنىڭ بۇيەردە نامراتلىشىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى. يىگىرمە نەچچە ياشتا قان بېسىمى، قىرىق نەچچە ياشتا سەكتە بولوپ، پالەچ بولىدۇ، سەۋەبى نېمە؟ ھاراق تاماكىنى زىيادە ئىستىمال قىلىش، قالايمىقان يەپ-ئىچىش بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ يوق ؟ سىلەرنىڭ سېرىق ماينى ئىشلەتمەي، قىچا تېرىماي، يىل بويى چوشقا يېغى ئىشلەتكەنلىكىڭلار بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ يوق؟ سىلەرنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۈگىنىشكە دىققەت قىلماسلىقىڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ؟ بالىلار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ساختا ۋە سۈپەتسىز يىمەكلىكنى سېتىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلىمەسلىك بىلەن مۇناسىۋېتى بارمۇ يوق؟ سىلەر جىفىڭ يېزىسى، سەنجىياڭ بازىرىدىكى قاپ-قارا ئىس-تۈتەكلەرگە، سانجاق-سانجاق تۇرخۇنلارغا قاراڭلار، زەھەرلىك ئىس ئادەمنىڭ بۇرنىنى ئېچىشتۇرىدۇ. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئاۋۇيەردە ئەخلەتلەرنى يېغىۋېلىش سودىسى قىلىشىۋاتىدۇ، ئۇلار بەلكىم پۇل تاپىدۇ، ئەمما، ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغۇنىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى كېسەل قىلدى، زادى پايدىلىقمىكەن، زىيانلىقمىكەن؟
ئىككىنچى: پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ ئۆزى پۇل تاپقانلىق.