بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟!
ئاپتورى ؛ ئۆزھال
مەن كىتاپقا تولىمۇ ئامراق، شۇڭلاشقا بىكار بولساملا كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ تۇرىمەن. يېقىندا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە يېڭى نەشىردىن چىققان مەلۇم بىر كىتاپنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ناھىيە مەركىزىدىكى xxx كىتاپخانىسىغا كىرىپ قالدىم. شۇنچە چوڭ،ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران 5 ئادەم باربولۇپ، تولىمۇ جىمجىت ئىدى. يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى ئېسىل ، بىباھا كىتاپلار ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،ئىختىيارسىز ئەگەر پۇلۇم جىق بولغان بولسا ھەممىنى ئۆزەم سېتىۋالاركەنمەن دەپ كەتتىم. شۇ
ھامان كۆز ئالدىمغا قايسى كۈندىكى بىر ئىش كەلدى؛
ئۇ كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن جىددى كۆرۈشمەكچى بولۇپ تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇن ئۇلانمىدى. سۈرۈشتۈرسەم مەلۇم قاۋاقخانىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاۋاقخانىغا بېرىشقا توغرا كەلدى، ئىشىك ئالدىغا كەلسەم بۇسۇغا تۈۋىدىلا بىرسى ئاغزىغا قولىنى تىقىپ ياندۇرغىلى تۇرۇپتۇ،قۇلۇم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم ، تېخى كۈندۈز بولۇشىغا قارىماي شۇنچە كۆپ ئايرىمخانىلار ئادەم بىلەن لىق تۇشۇپتۇ، قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ بۇلارنىڭ دەپ ئويلاپ قالدىم . قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى بىلەن قاڭسىق ھاراق بۇسى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق كىشىنىڭ دىمىغىنى ئېچىشتۇراتتى. تېخى بىر ئايرىمخانىدىن دۇتتار،تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ، ئاھاڭىنى بۇزۇپ ئالا-تاغىل ئۆچكىدەك مەرىشىپ ئېيتىۋاتقان ‹‹دىككا-دىككاڭ زورىخان››دېگەن ناخشا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن،سورۇندا ئولتۇرۇشقا قىلغان تەكلىپلىرىگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئاران سىرىتقا چىقىۋالدىم ۋە ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم... ... ...