رەڭ بويىچە ئۇلاش
سىمنىڭ بىرىنچى بېشى مۇنداق رەتلەنسۇن
رەڭ بويىچە رەتلەش
ئاق يىشىل
يىشىل
ئاق سېرىق
كۆك
ئاق كۆك
سېرىق
ئاق قۇڭۇر
قۇڭۇر
سان بويىچە پەرىقلەندۈرەلىسىڭىز مۇنداق رەتلەڭ.
3 6 1 4 5 2 7 8
سىمنىڭ ئىككىنچى بېشى مۇنداق ئۇلانسۇن
ئاق سېرىق
سېرىق
ئاق يىشىل
كۆك
ئاق كۆك
يىشىل
ئاق قۇڭۇر
قۇڭۇر
سان بويىچە پەرقلەندۈرەلىسىڭىز مۇنداق رەتلەڭ.
1 2 3 4 5 6 7 8
رەتلەپ، تور سىم بېشىغا ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىغا ئۇلايسىز ۋە ئىككى كومپيۇتېرنىڭ IP ئادرىسىنى تەڭشەيسىز.
مەسىلەن:
بىرىنچى كومپيۇتېر
192.168.1.2
255.255.255.0
192.168.1.1
ئىككىنچى كومپيۇتېر
192.168.1.3
255.255.255.0
192.168.1.1
تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن نورمال ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى بۇ ئىككى كومپيۇتېرنىڭ گۇرۇپپا ئىسمى ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ "كومپيۇتېرىم" نىڭ ئۇستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، خاسلىقنى تاللاپ، چىققان كۆزنەكتىن "كومپيۇتېر ئىسمى" نى تاللاپ، 计算机名"نى بېسىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىسمىغا ئىككىلا كومپيۇتېرغا ئوخشاش ئىسىم كىرگۈزىسىز، كومپيۇتېرنىڭ ئىسمىغا بولسا باشقىچە ئىسىم كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خابور ئىشلەتمەيلا ئىككى كومپيۇتېرنى ئۇلاش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مىنىڭ سىناق قىلىشىمچە بۇ تور سىمى 50 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا نورمال ئىشلىدى.