دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك كومپيۇتېر مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى
بۇ كومپيۇتېر 17 تېترامېتىل بېنزولدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى بارلىق نانو تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئۈسكۈنىلەرنى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلىشى مۇمكىن. كىشىلەر بۇ كومپيۇتېرنى نانو ئۈسكۈنە ‹‹دۇبۇلغا›› ئىچىگە ئورنىتىپ، ئۇنى ئادەملەرنىڭ قېنىغا كىرگۈزۈپ، راك ھۈجەيرىسىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ‹‹تۆمۈر پالۋان››غا ئايلاندۇرۇشنى پەرەز قىلىشماقتا. copyright by www.iz.la
ياپونىيە دۆلەتلىك ماتېرىيال تەتقىقات ئورنىدىكى دوكتۇر تېترامېتىل بېنزولنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۇ قارىماققا كىچىك ماشىنىغا ئوخشايدۇ››. ئۇ دائىم ئالاھىدە ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا ئورگانىك ماددىنى تەتقىق قىلىدۇ. مىكروسكوپ ئاستىدىكى بۇ ‹‹كىچىك ماشىنا›› نىڭ ‹‹ماشىنا گەۋدە››سى ئالتە تەرەپلىك بېنزول ھالقىسىدىن تۈزۈلگەن، ‹‹چاق››ى تۆت سىلىندىر شەكىللىك كاربون – ھىدروگېن بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ‹‹ماشىنا گەۋدە›› سىگە ئۇلانغان، مۇلېكۇلىلارنىڭ دىيامېتىرى بىر نانودىن كىچىك بولۇپ، بۇ كۆرۈنىدىغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ نەچچە يۈزدىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇشۇنداق 17 مۇلېكۇلىدىن بىر كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئىز تورى بەك ياخشى