كومپىيۇتېرنىڭ خاسلىقىنىڭ تەڭشىكىنى باشقىلارنىڭ ئۆزگەرتىۋىتىشىنى خالىمىسىڭىز،تۆۋەندىكى كودنى تېكىست ھۆججىتىگە چاپلاپ،كېڭەيتىلگەن نامىنى reg قىلىپ ساقلاڭ.مەسىلەن:كودنى چاپلاپ بولغاندىن كىيىن ATAMAN.txt نى ATAMAN.reg قا ئۆزگەرتىڭ.(ئەگەر سېستىمىڭىز Win98 بولسا بىرىنچى قۇرنى REGEDIR4 كە ئالماشتۇرۇڭ. )
ئەگەر چەكلەشنى ئەسلىەە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز dword نىڭ قىممىتىنى 0 گە ئۆزگەرتىڭ.مەسىلەن:dword:00000000
ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى تورخانىدا ئاچسىڭىز،خەتلەرنىڭ قىرى قوپال بىرخىل چىقىپ قالىدۇ،بۇنى تەڭشەش ئۈچۈن مىنىڭ كومپىيۇتېرم (我的电脑)نىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ،يۇقىرى دەرىجە(高级) دىگەن تىزىملىكتىن ئىقتىدار(性能)دىن تەڭشەش(设置)نى تاللاڭ،ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ئاستىنقى تاللاش تۇرلىرى ئىچىدىكى ئېكراندىكى خەتلەرنىڭ قىرىنى سىلىقلاش(平滑屏幕字体边缘) نى تاللاپ قۇيۇڭ.ئەمدى توربەتلەردىكى خەتلەرگە قاراپ بېقىڭ،خەتلەرنىڭ قىرى سىلىقلىشىپ بۇرۇنقىدىن كۆركەم بولىدۇ.بەزى تورخانىلاردا مىنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ خاسلىقىنى چەكلىۋەتكەچكە،يۇقۇرقى خەت قىرىنى سىلىقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايمىز.مىنىڭ كومپىيۇتېرمنىڭ خاسلىقىنى دەل يۇقۇرقى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئاچسىڭىز بولىدۇ.مىنىڭ كومپىيۇتېرمىنىڭ خاسلىقىنى يەنە تەڭشەش تاختىسى(控制面板)نىڭ ئىچىدىكى سېستىما (系统) دىنمۇ ئاچقىلى بولىدۇ.