ج: ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاۋاز كارتىسىنى بىر كومپيوتېردا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىراق تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1.IRQ بىلەن IO توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، BIOS دىن ياكى Windows دىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
2. مەشغۇلات سىستېمىسى پەقەت بىر ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە يول قويىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كونترول تاختىسىدىن نۆۋەتتە ئىشلەتمەكچى بولغان ئاۋاز كارتىسىنى تاللاش كېرەك.
3. ئىككى دانە ئاۋاز كارتىسىنى تەڭ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ئىككى دانە كۆرسىتىش كارتىسى، ئىككى دانە قاتتىق دىسكىنى تەڭ ئىشلەتكەنگە ئوخشىمايدۇ. بەڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوق، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا بىرىنى ئىشلىتىڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
س: كومپيوتېر قوزغالغاندا ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرۈش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: كومپيوتېرنى قوزغىتىپ BIOS قا كىرىپBIOS Features setup دىن Quich power on self test نى Enable قىلىپ تەڭشەپ، F10كونۇپكىسى بىلەن ساقلاپ چېكىنگەندىن كېيىنمەسىلە ھەل بولىدۇ.
س: بىر نەچچە ئىچكى ساقلىغۇچنى بىرلىكتە ئىشلەتكەندە كومپيوتېر مۇقىم ئىشلىمەيدىكەن بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: 1.ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىنى ئالماشتۇرۇڭ.
2.نەشىر نۇسخىسى يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاڭ.
3. ئاساسىي تاختا قوللىغان ئەھۋالدا ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى بىردەك بولمىسا ، چاستوتىسى تۆۋەن بولغان ئىچكى ساقلىغۇچنى ئۆلچەم قىلىپ، ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى تەڭشەڭ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
س: ئىچكى ساقلىغۇچنى تەكشۈرگەندىكى قىممىتى بىلەن ئەمەلىي قىممىتى ئوخشاش ئەمەس ھەم نورمال ئىشلىمەيدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: بۇ ھادىسە ئېنىقكى ، كومپيوتېرغا ۋىرۇس يۇققانلىق سەۋەبىدىن بولغان ، ۋىرۇسBIOS قىمۇ يۇققان.
1. يېڭى نەشىردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ۋىرۇس تازىلاڭ.
2. CMOS پارامېتىرلىرىنى ئۆچىرىدىغان سىم ئاتلاتقۇچ ئارقىلىق ياكى CMOS باتارىيىسىنى ئېلىۋېتىش ئارقىلىق CMOS ئۇچۇرلىرىنى يۇقىتىۋېتىپ كومپيوتېرنى قايتىدىن قوزغىتىپ CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك پارامېتىرلارنى قايتىدىن توغرىلاپ تەڭشەڭ.
س: ئىچكى ساقلىغۇچ بىرىنچى قىستۇرۇش ئوقىرىدا نورمال ئىشلەيدۇ، ئىككىنچى ئوقىرىغا ئالماشتۇرغاندا نورمالسىز. بۇ قانداق ئەھۋال؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ج: بۇ كۆپ كۆرىلىدىغان ھادىسە، ھەر ئىككى قىستۇرۇش ئوقىرىغا ئىچكى ساقلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرسىڭىز نورمال ئىشلەيدۇ، ئادەتتە بىرىنچى قىستۇرۇش ئوقىرىنىڭ مۇقىملىقى باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرلىرىدىن ياخشى بولىدۇ، ئەگەر بىر دانە ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا بىرىنچى قىستۇرۇش ئوقۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
س: كومپيوتېر ئىچكى ساقلىغۇچىنى چوڭايتقاندىن كېيىن دائىم قېتىۋالىدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: 1. ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن، يېڭى نەشىردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ۋىرۇس تازىلاڭ.
2. كېيىن سەپلىگەن ئىچكى ساقلىغۇچ ماسلاشمىغان ياكى سۈپىتى ياخشى ئەمەس بولىشى مۇمكىن، كېيىن سەپلىگەن ئىچكى ساقلىغۇچنى ئېلىۋېتىڭ. ئىز تورى www.iz.la
3. چوقۇم ئوخشاش ماركىدىكى، ئوخشاش تىپتىكى ئىچكى ساقلىغۇچنى سەپلەش كېرەك.
س: توساتتىن BIOS تا قاتتىق دىسكا كۆرۈنمىدى، بۇ قانداق بولغىنى؟
ج: 1. ۋىرۇس قاتتىق دىسكىنىڭ رايونغا بۆلۈش جەدۋىلى ۋە يېتەكلەش رايونىنى بۇزىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولسا ۋىرۇس تازىلاڭ. ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
2. قاتتىق دىسكىغا لوگىكىلىق قۇلۇپ سېلىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن . يېتەكلەش رايونىدىكى سانلىق مەلۇماتلار زاپاس ساقلانغان بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، زاپاس بولمىسا قايتىدىن رايونلارغا ئايرىپ فورماتلاڭ.
3.يەنە مەسىلە ھەل بولمىسا، قاتتىق دىسكىدا فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولغان تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
س: قاتتىق دىسكىنى رايونلارغا ئايرىغىلى بولمايدۇ ھەم بىر قىسىم دىسكا رايونىنى ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: دىسكىنىڭ رايونغا ئايرىش ئۇچۇرلىرىدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپۈنچە ماركىلىق كومپيوتېردا كۆرىلىدۇ. Norton8.0 نى قاچىلاڭ ھەم قوزغىتىپEdit disk نى ئىجرا قىلىپتەكشۈرۈش ۋە تەڭشەش ئېلىپ بېرىڭ.
س: دىسكا سۈپۈرۈش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلغاندا قاتتىق دىسكىدا خاتالىق، بۇزۇق سېكتور كۆرۈلگەندە قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
ج: قاتتىق دىسكىدا كۆرىلىدىغان بۇزۇلۇش ئاساسلىقى لوگىكىلىق بۇزۇلۇش ۋە فىزىكىلىق بۇزۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر لوگىكىلىق بۇزۇلۇش بولغان بولسا بىر تەرەپ قىلىشتا يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ، دىسكا سۈپۈرۈش بۇيرۇقى ئارقىلىق، Fotmat بۇيرۇقى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئەگەر فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولسا، بۇزۇق ماگنىت يولى كۆرۈلگەن بولساPQ Magic ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
س: كومپيوتېرنى قوزغاتقۇچ دىسكا بىلەن قوزغىتىپ ، دىسكا بەلگىسىنى كىرگۈزگەندە sector not found دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ، بۇ قانداق ئەھۋال؟
ج: قاتتىق دىسكىنىڭ سىكتور ۋە ماگنىت يولىدا كاشىلا كۆرۈلگەن.
1. CMOS دىن قاتتىق دىسكىنىڭ ھەر بىر سېلىندىردىكى سىكتور سانىنى 42گە ئۆزگەرتىڭ.
2. قايتىدىن رايونغا ئايرىپ NDDبىلەن تەكشۈرۈڭ ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
3.:C دىسكىنى فورماتلاپ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاڭ.
س: قاتتىق دىسكىنى تەكرار فورماتلاش زىيانلىقمۇ؟
ج: قاتتىق دىسكىنى فورماتلاش قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيانلىق ئەمەس، قاتتىق دىسكىنى فورماتلاش ئادەتتە قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن يېزىش - ئوقۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغان بىلەن ئوخشاش بولۇپ ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق.
ئىز تورى بەك ياخشى
قاتتىق دىسكىدا ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا كۆرۈلگەندە (فىزىكىلىق كاشىلا) قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا قاتتىق دىسكىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى، مۇقىملىقىغا تەسىرى چوڭ بولىدۇ.
قاتتىق دىسكىنى يوقىرى دەرىجىدە فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى بولمايدۇ، پەقەت تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۈمرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولىدۇ.
س: كومپيوتېرنى قايتا قوزغاتقاندا قاتتىق دىسكىنى تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ، قاتتىق دىسكىنىڭ چىرىقى بولسا ئىزچىل يورۇق تۇرىدۇ، بۇ قانداق بولغىنى ؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ج: BIOS دىن قاتتىق دېسكىنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر BIOS قاتتىق دىسكىنى نورمال تەكشۈرمىگەن بولسا: 1. قاتتىق دىسكىنىڭ توك مەنبە سىمى ۋە ئۇچۇر سىمى ئۇلانمىغان ياكى ياخشى تۇتاشمىغان. 2.قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇلاش ئېغىزى توك يولىدا مەسىلە بار، باشقا كومپيوتېرغا ئۇلاپ سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر BIOS قاتتىق دىسكىنى نورمال تونۇپ مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغالمىغان بولسا: 1. قاتتىق دىسكا رايونلارغا ئايرىلمىغان، فورماتلانمىغان دىسكا بولىشى مۇمكىن. 2. مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن. 3. قاتتىق دىسكىدا ئېغىر دەرىجىدە فىزىكىلىق بۇزۇلۇش بولغان .