Win7نىڭ ھەقىقى نەشىرى تارقىتىلغاندىن باشلاپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر Win7گە دىققەت قىلىپ كەلدى، Win7نىڭ كۆركەم بولغان سىرتقى كۆرۈنىشى ھەم نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلىرى جەمئىيەتتىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ Win7ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە، ئەمما ئۇنىڭ بىر قىسىم دېتاللارنى نورمال تۇنۇماسلىقى شۇنداقلا بىر قىسىم دېتاللارنىڭ Win7سېستىمىسىدا ئىجرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن بىر قىسىم كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى Win7 ئىشلىتىشتە بىر قىسىم چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماقتا، تۆۋەندە مەن XP/2003 قاچىلاپ تۇرۇپمۇ Win7نىڭ ئۆزگىچە مۇھىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان دىتالنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي، ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي Win7 گە ئوخشىمىسىمۇ ئەمما كۆپ قىسىم سىرتقى كۆرۈنۈشى سىزنى ئۆزگىچە مۇھىتقا ئىگە قىلىدۇ، كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى بار ھۆججەتلىرىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
1.قاچىلىنىدىغان دىتال
بۇ ھۆججەتنى توردىن چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يەشسەكلا قاچىلاش كۆزنىكى چىقىدۇ، ئاندىن باشلاش كۆزنىكىگە كىرىپ
“安装设置”باسىمىز.باسقاندىن كېيىن قاچىلاش كۆزنىكى شەكىللىنىدۇ،ئىچىدە 11خىل تاللاش قاچىلاش مۇندەرىجىسى بار
بۇ كۆزنەكتىن 0نى كىرگۈزۈپ باسساقلا 1دىن 10غىچە بولغان بارلىق قاچىلاش بۇيرۇقلىرى ئاپتۇماتىك قاچىلىنىدۇ،11نى كېيىن ئايرىم قاچىلايمىز
قاچىلاش جەريانىدا بىر قىسىم قول ئارقىلىق قاچىلىنىدىغان قەدەملەر بار يەنى مائۇس كۆرسەتكۈچىسى ۋە ئۇسلۇب قاتارلىق ، بۇنى ئۆزىمىزنىڭ قىززىقىشىغا ئاساسەن تاللايمىز. ئادەتتە ھەممىسىنى نورمال تاللاپ كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتسەك بولىۋېرىدۇ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاچىلاپ ئۇسلۇبلارنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن قارسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز Windows7 گە ئوخشاپراق قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشتا چىققان تىزىملىككە كىرىدۇ بۇيەردىن 11 نى بېسىپ يەنە Enter كونۇپكىسىنى بىسىۋەتسىڭىز سىز ئۇقمايدىغان بىرمۇنچە نەرسىلەرنى كۆچۈرۈش ۋە باستۇرۇش مەشغۇلاتلىرىنى قىلىدۇ ساقلاپ تۇرسىڭىز بۇ مەشغۇلاتلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن كومپيۇتېرنى بىر قوزغىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
دېمەك بىر قاتار مەشغۇلاتلاردىن كېيىن كومپىيۇتېرىڭىز Win 7 نىڭ كۆزنىكىگە ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ يەنىلا Win7نىڭ سىرتقى كۆرۈنمە يۈزىنىلا ئۆزگەرتىدۇ خالاس ئەمما ئىقتىدارلىرى يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ئەلۋەتتە Win7 نى ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئەمما ئۆزىگە لازىملىق سېستىمىلارنى تۇنۇتالمىغان مەندەك Win7 ھەۋەسكارلىرى Win7 نىڭ ئىقتىدارلىرى مۇكەممەللەشكۈچە بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقساقمۇ بولىدۇ،
شۈنلىدا چۈشىدۇ ھە....! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!