1. قايتۇرۇش كۇنۇپكىسى (Enter)نى كۈچەپ چېكىش؛
2. كۇنۇپكا تاختىسىنى تاماق ئۈستىلى ئورنىدا ئىشلىتىپ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىش، ئىچىملىك ئىچىش؛
3. ئوپتىك تەخسىنى ھەمىشە ئوپتىك قوزغاتقۇچ (光驱) ئىچىدە قويۇش (يەنە VCD كۆرگەندە ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇپ سىرتقا ياكى تاماققا چىقىپ كېتىش)؛
4. كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپلا يەنە قايتىدىن قوزغىتىش؛
5. ئاپپارات ساندۇقىنىڭ قېپىنى ئېچىپ قويۇپ مەشغۇلات قىلىش؛
6. ئېكراننى قول بىلەن سىلاش؛
7. ئىزچىل بىر خىل ئېكران سۈرىتى ياكى ھەرىكەتسىز كۆرۈنۈشلۈك ئېكران ئاسراش پروگراممىسى ئىشلىتىش؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
8. ئوپتىك تەخسە ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرسەتكۈچنىڭ ئۈستىگە قويۇش؛
9. كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپپاراتىغا پۇتىنى ئارتىۋېلىش؛
10. كومپيۇتېر بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچ، تېلېۋىزۇر قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ئوخشاش توك مەنبە روزېتكىسى ئىشلىتىش؛
11. كومپيۇتېرغا پاسسىپ تاماكا چەكتۈرۈش (كومپيۇتېر ئالدىدا تاماكا چېكىپ كومپيۇتېرنى ئىسلاش)؛
12. قوزغىتىش پروگراممىسىنى توختىماستىن ئالماشتۇرۇش؛
13. ناھايىتى كۆپ سىناق نەشردىكى ياكى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يۇمشاق دېتالنى قاچىلاش؛
14. سىستېما ئىجرا قىلىنىۋاتقاندا نورمالسىز قايتا قوزغىتىش؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
15. قاتتىق دىسكىنى سكانلىماسلىق ۋە رەتلىمەسلىك؛
16. مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچقا دائىرە بېكىتمەسلىك؛
17. يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرگەندە ئۆچۈرۈش پروگراممىسىنى ئىجرا قىلماي، ھۆججەت قىسقۇچنى بىۋاستە ئۆچۈرۈش؛
18. بەك كۆپ ئوخشاش ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتالنى يۈكلەش ياكى قاچىلاش.
مەنبەروھلان تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!