ئېكران رەسىمى يەنى 桌面背景 رەسىمىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كومپىيۇتېرغا پايدىلىق،ئەمما ئۆزىمىز لاھىيلىگەن ياكى كۆپ كىشىلەر ئىشلەتمەكچى بولغان كومپىيۇتېرلارغا ئۆزىمىزنىڭ تەشۋىقات لاھىيەلىرىمىزنى قىستۇرماقچى بولۇپ،ئېكران رەسىمىنى بېكىتىپ قويساق ئاددىلا مەشخۇلات ئارقىلىق ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ،تۆۋەندە ئېكران رەسىمىنى مۇقىملاشتۇرۇۋېتىپ،قەتئىي ئۆزگەرتىكىلى بولمايدىغان بىر خىل ئۇسۇل تونۇشتۇرىلىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئاۋال 开始→运行 نى ئېچىپ ئىجرا كۆزنىكىگە regedit نى كىرگۈزۈپ،تىزىملاش ھۆججىتى پىروگىراممىسىنى ئېچىڭ،ئاندىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە كىرىڭ: HKEY_CURRENT_USER\Software\Microsoft\Windows\CurrentVersion\Policies كىرگەندىن كىيىن Policies دىگەن تۈرنى تاللاپ ئوڭ كۇنۇپكىنى چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن 新建 يېڭىدىن قۇرۇشقا كىرىڭ،项 نى بېسىپ يېڭى بىر تۈر ھۆججىتى قۇرۇپ ئىسمىنى ActiveDeskop دەپ قۇيۇڭ. ئاندىن يېڭى قۇرغان ActiveDeskop دىگەن تۈرنى ئوڭ چىكىپ چىققان تىزىملىكتىن 新建 يېڭىدىن قۇرۇشقا كىرىڭ، DWORD值 دەپ باسسىڭىز ئوڭ تەرەپتىكى كۆزنەكتە يېڭىدىن بىر ھۆججەت قۇرۇلىدۇ،ئىسمىنى NochangingWallPaper دەپ ئۆزگەرتىڭ.ئاندىن شۇ ھۆججەتنى تاللاپ ئوڭ كۇنۇپكىنى بېسىپ 修改 دىگەن تۈرگە كىرگەندىن كىيىن 数据 قىممىتىنى 1 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز ئېكران رەسىمىنى قايتا-قايتا ئالماشتۇرسىڭىزمۇ يەنىلا ئەسلىگە كىلىپ قالىدۇ. بۇ خىل چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز 数据 قىممىتىنى 0 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!