ىر قىسىم يۇنىكودسىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەردىكى قۇرمۇ –قۇر يېزىپ چاپلاشنىڭ ئاۋارچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاددىي بولسمۇ قىلمىغاندىن ياخشى دەپ تۈزۈپ قۇيدۇم. مەزكۇر يۇمشاق دېتال كىڭەيتىلگەن رايۇندا يۇنىكود بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ياسالغان.
ئالاھىدىلىكى: كىڭەيتىلگەن رايۇندا تەتۈر كۆچۈرۈش ۋە ئوڭ كۆچۈرۈش، ئاساسلىق يۇنىكودسىز يۇمشاق دىتاللارغا ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ياسالدى. نۆۋەتتە بۇ يۇمشاق دېتال يەنىمۇ ئىچكىرلەپ html,asp,c++,c,c#قاتارلىق تىللارنىڭ كودنى تەھرىرلىيەلەيدىغان ۋە ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ، Adobe Photoshopقا
بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدىغان قىلىپ ياسالماقتا. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىشلەش مۇھىتى: NET2.0 سۇپىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.
بىلىمىم چەكلىك، ۋاقىت قىس بولغاچقا ئاددىي قىلىپ تۈزۈپ چىقتىم . ئىشلىتىش جاريانىدا خاتالىق بايقالسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، بىز تۈزىتىپ قايتا چىقىرىمىز. ئەسىرسوفت يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىمىز بارلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە بىلىم ئىگەللەپ بىرلىكتە تەرەققى قىلىشنى ئۈمىت قىلىدۇ. شۇڭا كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىز بىلەن
بىرلىكتە پىكىرئالماشتۇرپ بىرلىككە ئۈگۈنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېت شىمالى مەكتەپ رايونى.
www.iz.la
ئالاقىلاشقۇچى: ئەسىرسوفت
Tel: 13579800953
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن