ھۆججەت( تېكىست) كىرگۈزۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشWord نىڭ ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى كىرگۈزۈلگەن سۆزلەرنىڭ (ئىنگلىزچە، خەنزۇچە) توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرەلەيدۇ. ئەگەر خاتالىق بايقىسا دەرھال توغرا بولغان سۆز بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. ئاپتوماتىك تۈزىتىلىدىغان سۆزلەرنى مەشغۇلاتچى ئۆزى خالىغانچە بەلگىلىگىلى بولىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىقتىدارنى ياخشى جارى قىلدۇرغاندا، كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
1. سۆز كىرگۈزۈشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش
Word دا ھۆججەت تەھرىرلىگەندە دائىملا ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە خەنزۇچە يېزىقتىكى سۆزلەرنى ئارىلاش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇچاغدا ئۇيغۇرچە بىلەن ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە كىرگۈزۈش شەكلىنى تولا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىپ،خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىۋېتىدۇ. ئەگەر بىز ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساق باشقا تىلىدىكى سۆزلەرنى كىرگۈزۈش شەكلىنى ئالماشتۇرماي تۇرۇپلا شۇ خىل تىلدىكى سۆزنى كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز. مەسىلەن: ئەگەر بىز بىر توختام يېزىۋاتقان بولساق، A تەرەپ ۋە B تەرەپ دېگەن سۆزلەرنى كۆپ كىرگۈزىمىز. بۇ چاغدا، Word تىزىملىكىدىن قورال ← ئاپتوماتىك تۈزىتىش ( 工具← 自动更正选项) دېگەن تۈرنى بېسىپ، چىققان دىئالوگ رامكىسىدىكى ئاپتوماتىك تۈزىتىش دېگەن تاللاش تۈرى ئىچىدىكى ئالماشقۇچى (替换) دېگەن يەرگە ئالماشتۇرۇلماقچى بولغان سۆزنى كىرگۈزىمىز مەسىلەن (ئا)، ئالماشتۇرۇلغۇچى دېگەن يەرگە« Aتەرەپ» دەپ كىرگۈزۈپ، قوشۇش(添加) دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا بۇ سۆز قوشۇلغان بولىدۇ. ھۆججەت تەھرىرلەش جەريانىدا بىز ئا دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ( Enter) قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى ياكى بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى باسساقلا Aتەرەپ دېگەن خەتكە ئاپتوماتىك ھالدا ئالمىشىدۇ. ھۆججەتنى تەھرىرلەپ بولغاندىن كىيىن ئەگەربىز بۇ ئىككى سۆزنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىساق ئاپتوماتىك تۈزىتىش تاللاش رامكىسىدىكى ئالماشتۇرۇش دېگەن يەرگە ئا دەپ كىرگۈزسەك ئا ۋە Aتەرەپ ھەر ئىككىلىسى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن ئۆچۈرۈش دېگەن كۇنۇپكىنى باسساقلا ئۆچۈرۈلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
2. تۈرلۈك بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش
ئەگەر بىزتەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتتە ×،÷ قاتارلىق ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى كۆپلەپ كىرگۈزۈش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ئۇنى كېسىپ چاپلاش ئۇسۇلى ياكى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا سۈرئەت ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەقەت ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساقلا ئىشلار ئىنتايىن ئاددىيلىشىدۇ.Word تىزىملىكىدىن قورال ئاپتوماتىك تۈزىتىش ( 工具← 自动更正选项) نى تاللاپ ئالماشقۇچى ( 替换) دېگەن جايغا * نى كىرگۈزۈپ، ئالماشتۇرۇلغۇچى(替换位) دېگەن يەرگە × نى كىرگۈزۈپ قوشۇش(添加) نى باسساقلا بولىدۇ. ئەمدى بىز پەقەت * نى كىرگۈزسەكلا ئاپتوماتىك ھالدا × بەلگىسى قىستۇرۇلىدۇ. ÷ بەلگىسىنى قىستۇرۇشمۇ × نى كىرگۈزۈشتىكى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور