CTRL+C كۇنۇپكىسى: تاللانغان ھۆججەت ياكى ئوبېيېتكنى كۆچۈرۈپ ۋاقتلىق ساقلاش تاختىسىغا ساقلايدۇ.
CRTL+X كۇنۇپكىسى تاللانغان ھۆججەتنى كېسىپ ئېلىپ ۋاقتلىق ساقلاش تاختىسىغا ساقلايدۇ.
CTRL+V كۇنۇپكىسى چاپلاش رولى بار(ۋاقتلىق ساقلاش تاختىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ساقلانغان ھۆججەتنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا چاپلاش رولى بار)
CTRL+A ھەممىنى تاللاش رولى بار. (بەلگىلەنگەن مۇندەرىجە ياكى مەشغۇلات رايونىدىكى ھەممە ھۆججەت ياكى ئوبيېكتىنى بىراقلا تاللايدۇ.)
CTRL+Z نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مەشغۇلاتنى ئارقىغا ياندۇرۇش رولى بار
CTRL+Y شۇ قېتىملىق ئارقىغا ياندۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش رولى بار. ئىز تورى www.iz.la
ALT كۇنۇپكىسى: نۆۋەتتىكى كۆزنەكنىڭ تىزىلىك رايونىنى ئاكتىپلاش رولى بار. مەسىلەن سىز ALT كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇپلا شۇ كۆزنەكنىڭ تىزىملىك رايونىغا قارىسىڭىز تىزىملىك رايونىدىكى بىرىنچى تىزىملىك 文件\ھۆججەت تىزىملىكىنىڭ ئاكتىپلانغانلىقىنى كۆرىسىز ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مەلۇم كۇنۇپكىلار ئارقىلىق شۇ تىزىملىكىنىڭ كوماندا ۋە بۇيرۇقلىرىنى بىۋاستە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.
TAB كۇنۇپكىسى: نۆۋەتتىكى ئاكتىپ نۇقتىنى يۆتكەش رولى بار.
ALT+TAB كۇنۇپكىسى: بىر قانچە كۆزنەكنى ئېچىۋالغان ئەھۋالدا كۆزنەكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش رولى بار.
WINDOWS+D كۇنۇپكىسى: WINDOWS كۇنۇپكىسى دېگىنىمىز مىكروسوفت ماركا بەلگىسى بار بولغان كۇنۇپكا (تۆت چوڭ چېكىتلىك كۇنۇپكا)نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى بىۋاستە 桌面\ ئۈستەل يۈزى(ئېكران يۈزى) ھالىتىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ENTER كۇنۇپكىسى: نۆۋەتتىكى مەشغۇلاتنى جەزىملەش رولى بار
ESC كۇنۇپكىسى: نۆۋەتتىكى مەشغۇلاتنى ئىناۋەتسىز(بىكار) قىلىش رولى بار.
F1 كۇنۇپكىسى: كۆپ ھاللاردا ياردەم كۆزنىكىنى بىۋاستە قوزغىتىش رولى بار
F2 كۇنۇپكىسى: مەلۇم ھۆججەتكە ياكى ھۆججەت قىسقۇچقا باشقا ئىسىم قويماقچى بولساق شۇ ئوبيېكت تاللانغان ھالەتتە F2 كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.
F3 كۇنۇپكىسى: ئىزدەش كۆزنىكىنى قوزغىتىپ بېرىدۇ. (F4تىن باشلاپ F12 گىچە بېسىپ سىناپ بېقىڭ ئوخشىمغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشەلەيسىز.. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛ مۇختاج تورى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!