
شاپتۇلنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ، ماي ، شېكەر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ، ھەر خىل ۋىتامىنلار ) ، كالتىسىي ، فوسفور ، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئۇساش ، ئىچى قېتىش ، ئىسسىقتىن بولغان ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى يوقىتىش ۋە مىجەز تەڭشەش ئۈچۈن ، شاپتۇلنى بىر نەچچە كۈن ئىستېمال قىلسا يۇقىرىدىكى ئىللەتلەر تۈگەيدۇ . قۇرۇق ئىسسىقتىن باش ئاغرىش ، قان قويۇلۇش ۋە قان بېسىمى ئۆرلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ، شاپتۇل يېسە ياكى شاپتۇل قېقى ، سوقا چىلان ، قوناق ساقىلى ، ئۈجمە يىلتىزى قاتارلىقلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ دەملەپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرىقى ئىللەتلەر تۈگەيدۇ . قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بەدەندە قىزىتما پەيدا بولغاندا سۇلۇق شاپتۇلدىن تويغىچەيېسە ، ياكى شاپتۇل قېقى ، سوقا چىلان بىلەن دەملەنگەن چاينى ئىچسە قىزىتمىنى ياندۇرىدۇ . شاپتۇل قېقى ، تەبئىي ئىسسىققا مايىل بولۇپ ، ئۆپكە تۇبېركۇليوز سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قان تۈكۈرۈش ، دائىم كۆڭلى ئاينىپ قۇرۇق ھۆ قىلىش ، كۆپ تەرلەش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدۇ .
مەنبە؛ تۇرمۇش ساۋاتلىرى دىگەن كىتابدىن ئىلىندى
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!