زەيتۇن مېيى زەيتۇن مېۋىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ ، سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ ، ئۇ يەنە << سۇيۇق سېرىق ئالتۇن >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن A ،E،D،Kلار مول بولۇپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېرە ئاسان قۇبۇل قىلىدىغان ، ماينى ئېرىتىدىغان ۋىېتامىنلاردۇر ، زەيتۇندا ۋىتامىن E نىڭ مىقدارى ئەڭ مول بولۇپ ھەر 100 گرام زەيتۇندا سەككىز مىللىلىتېر ۋېتامىن E بار .

زەيتۇن مېيى دانىخورەكنى يوقىتىدۇ
زەيتۇن جەۋھىرىنى دانىخورەك ئۇچىغا تەككۈزۈپ قويسا ، يېپىلىپ قالغان تەر تۆشۈكچىسىنى ئاچىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تېرە مېيى تەبئىيلا سىقىپ چىقىرىلىپ دانىخورەك يۇمشايدۇ -دە ، دانىخورەك تەبئىيلا يوقايدۇ .
زەيتۇن مېيى تېرىنى پاقىرتىدۇ
يۈزنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ سۈرتكەندىن كېيىن پاختىنى زەيتۇن مېيىغا تەككۈزۈپ ، يۈزگە سۈرتۈپ 10 - 15 مىنۇت تۇرغۇزىمىز ، ئاندىن ئىسسىق لۆڭگىدە يۈزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ئاندىن سۈرتىۋەتسەكلا بولىدۇ ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇغا ئازراق زەيتۇن مېيى قۇيۇپ بەدەنگە سۈرۈپ ، ئۇۋىلاپ بەرسەك تېرە سۈزۈك ، پارقىراق بولىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زەيتۇن مېيى قورۇق ۋە داغنى يوقىتىدۇ
ئىككى تامچە زەيتۇن مېيىغا مۇۋاپىق سەبرە ( ئالوي ) قوشۇپ مەلھەم ياساپ يۈز تېرىسىگە سۈرۈپ بەرگەندە قورۇقنى سۇسلىتىدۇ ھەمدە داغ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . بىر قوشۇق زەيتۇن مېيىنى ھامىلدارلىق سىزىقچىسىگە سۈرۈپ ئاستا ئۇۋۇلاپ بەرسەك ، ھامىلدارلىق سىزىقچىسىنى سۇسلاتقىلى ھەم يوقاتقىلى بولىدۇ .
زەيتۇن مېيى چاچنى ئاسرايدۇ
بىر تال تۇخۇم سېرىقىغا مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مېيىنى ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ چاچنى پاكىزە يۇيۋەتكەندىن كىيىن ، چاچقا سۈرۈپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزۇپ يۇيۋەتكەندە ، چاچ تېخىمۇ پارقىراق ، ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
زەيتۇن مېيى گىرىم قىلغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ
گىرىم قىلغاندا تەگلىك مېيىغا بىر - ئىككى تامچە زەيتۇن مېيىنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرگەندە ، تېرە تېخىمۇ پاقىراق ، جانلىق كۆرۈنىدۇ . گىرىمنى يۇيغاندا ، پاختا پەلكۈچكە ئىككى تامچە زەيتۇن مېيى تىمىتىپ يۈزگە سۈرتكەندە قېتىپ قالغان ، ياكى سۇ تەگسىمۇ چىقىپ كەتمەيدىغان گىرىملەر ئاسان چىقىپ كىتىدۇ .
زەيتۇن مېيى لەۋنى نەملەشتۈرىدۇ
ئۇخلاشتىن ئىلگىرى لەۋنى ئىسسىق لۆڭگىدە سۈرتۈپ ، پاختا پىلكۈچنى زەيتۇن مېيىغا تەككۈزۈپ ، لەۋنى سۈرتكەندە ئەتىسى كىشىنى تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىدۇ . بولۇپمۇ ھەر كۈنى لەۋلىك سۈرتىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ خىل لەۋنى ئاسراش ئۇسۇلى تېخىمۇ مۇھىم .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
زەيتۇن مېيى ئورۇقلىتىدۇ
زەيتۇن مېيىدىكى ۋىتامىن يې نى تېرە ئاساسەن قۇبۇل قىلىدۇ ، بۇنىڭ بەدەن ھالىتىنى ساقلاشقا پايدىسى بار ، ئۇ يەنە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماي ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك .
زەيتۇن مېيى پۇتنى ئاسرايدۇ
1. دېڭىز تۇزى بىلەن زەيتۇن مېيىنى ئىككىدە بىر نىسبەت بويىچە تەڭشەپ ، پۇتقا سۈرۈپ ئۇۋۇلاش ،ئاخىرىدا قۇرۇق لۆڭگىدە سۈرتۈش كېرەك .
2.ۋازىلىنغا ئازراق زەيتۇن مېيى ئارلاشتۇرۇپ ، ھەپتىدە بىر قېتىم پۇتقا سۈرۈپ ئۇۋۇلاپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زەيتۇن مېيىنى تاللاش
1.قاراش ، ئەلا سۈپەتلىك تەبئىي زەيتۇن مېيى پاقىراق ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بولىدۇ . زەيتۇن مېيىنىڭ رەڭگى قانچىكى قېنىق بولسا سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ .
2.پۇراش ، سۇس مېۋە پۇراقلىق ، ئۆرۈك مېغىزىدەك پۇرايدىغىنى ئەڭ ياخشىسى ھىسابلىنىدۇ .
3 تېتىش ، تەمى زەيتۇندەك چۈچۈمەل بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن