تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھازىر كىشىلەر ئائىلىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. ئەمما، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىلا مائاشلىق ئائىلىلەرگە ماس كېلىشى ناتايىن. بىراق، مائاشلىق ئائىلىلەر مۇنداق 10 تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرىنى سىناپ باقسا بولىدۇ:
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بىرىنچى، پۇل ئامانەت قويۇش. پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش - قولايلىق، جانلىق، بىخەتەر، ئەڭ تۇراقلىق مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدۇر. ئەمما،ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى - ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ئۈنۈم باشقا مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن. ئەمما، بىخەتەر بولۇشنى ئويلايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇسۇلدا پۇلنىڭ قىممىتىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
ئىككىنچى، پاي چېكى. پاي چېكى سېتىۋېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى، خەۋپ-خەتىرىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىدۇر. پاي بازىرىدىكى خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن پەرز قىلىغىلى بولمايدۇ. پاي چېكى ئوينىغاندا، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن يۇقىرى خەۋپ - خەتەر قوشكېزەك بولۇپ كېلىدۇ. پايغا مەبلەغ سېلىش كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساپاسى، لوگىكىلىق تەپەككۈرى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا بىر قەدەر يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئۈچىنچى، ئۆي - زېمىن. بۇ، ئۆي - زېمىن سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نوقتىسى بولۇپ، بانكىدىن قەرز ئېلىپ مەبلەغ سالغىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، مائاشلىقلارغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. بۇ ھازىر بارغانسېرى خەۋپ - خەتىرى ئاز، قىممىتىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى زور مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدىن ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە ئۇزۇنراق ۋاقت كېتىدۇ.
تۆتىنچى، زايوم. پايغا مەبلەغ سالغانغا قارىغاندا، زايومغا مەبلەغ سېلىشنىڭ خەۋپ - خەتىرى ئاز، ئىناۋىتى يۇقىرى، ئۆسۈمى كۆپ، ئۈنۈمى تۇراقلىق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەشىنچى، تاشقى پېرىۋوت. تاشقى پېرىۋوتقا مەبلەغ سېلىشنى پۇل ئامانىتىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ياردەمچىسى قىلىشقا بولىدۇ. خەلقئارادا ئەمەلىي كۈچى بار پۇللارنى خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلاپ بانكىغا ئامانەتكە قويغاندا، كۆپرەك پۇرسەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. تاشقى پېرىۋوتقا مەبلەغ سېلىشتا قاتتىق دېتالغا ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا مەبلەغ سالغۇچىدىن خەلقئارادىكى پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچ مائاشلىقلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى كۆپ ساندىكى مائاشلىقلارغا ماس كەلمەيدۇ.
ئالتىنچى، ھۆسىنخەت، رەسىم ۋە تەۋەرۈك بۇيۇملار. مەشھۇر خەتتات، رەسساملارنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرى - ئائىلىدىكى بايلىقلار ئىچىدە يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە قىممىتى ئاشىدىغان بۇيۇملاردۇر. www.iz.la
ئەمما، ھۆسىنخەت، رەسىملەرگە مەبلەغ سېلىش مائاشلىقلار ئۈچۈن سەل تەس، يەنە كېلىپ، ھازىر ساختا ھۆسىنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇمۇ ھۆسىنخەت، رەسىم ئەسەرلىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى مائاشلىقلار ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىپ قويسىلا بولىدۇ.
يەتتىنچى، پوچتا ماركىسى. ئەگەر پوچتا ماركىسى بازىرى قېلىپلاشقان بولسا، پوچتا ماركىسىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. تەۋەرۈكلەر ئىچىدە پوچتا ماركىسىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى، پوچتا ماركىسى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى ھەممە شەھەر، ناھىيەدە ئاز دېگەندە بىرەردىن پوچتا ماركىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئېلىپ - سېتىش ئورنى قۇرۇلۇشى مۇمكىن. دېمەك، پوچتا ماركىسى مائاشلىقلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەككىزىنچى، ئۈنچە - مەرۋايىت. ئۇنچە - مەرۋايىتقا مەبلەغ سالغاندا، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ. ئۈنچە - مەرۋايىتنىڭ قىممەت ساقلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەلقئارادا ئالتۇن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مائاشلىقلار ئۈنچە - مەرۋايىتنى قىممىتى ساقلىنىدىغان ھەشەمەتلىك ئىستېمال بۇيۇمى قىلسا بولىدۇ. ئەمما، مەبلەغ سېلىش تۈرى قىلمىغىنى ياخشى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
توققۇزىنچى، لاتارىيە. كېسىپ ئېيتقاندا، لاتارىيە ئويناشنى بېيىشنىڭ يولى ھېسابلاشقا بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنى ئوينايدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بەزىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن بىراقلا بېيىپمۇ كېتىدۇ. ئەمما، لاتارىيەنىڭ قانۇنىيىتى يوق، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. www.iz.la
ئونىنچى، پۇل يىغىش. پۇل قەغەز پۇل، تەڭگە پۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىختا ئىشلىتىلگەن پۇللارنىڭ ھەقىقەتەن ئەتىۋارلىق ياكى ئەتىۋارلىق ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ راست - يالغانلىقىنى، ئىشلەنگەن يىلى، ئورنى ۋە ئەتىۋارلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئايرىشقا توغرا كېلىدۇ. قىممىتى بار پۇللار تاسادىبى ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى ئىزدەپ تېپىش تەس. قىسقىسى، مائاشلىقلارنىڭ بۇ تۈرگە مەبلەغ سالىمەن دەپ زىيادە كۆپ زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!