جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ماي :
جۇڭگو بانكىچىلىق جەمئىيىتى 30-ماي جۇڭگو ئىناۋەت كارتىسى كەسپى تەرەققىياتى 2010-يىللىق كۆك تاشلىق كىتاب ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. كۆك تاشلىق كىتابتا ئايان بولىشىچە، 2010-يىلى جۇڭگودا ئىناۋەت كارتىسى تارقاتقۇچى ئاپپاراتلارنىڭ خەتەرنى كونترول قىلىشى تەدرىجىي كۈچەيتىلگەن، كارتا تارقاتقۇچى بانكىلار نوقۇل ئابۇنتلار سانىنى ئاشۇرۇشنى قوغلىشىشتەك يىرىك تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئابۇنتلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئابۇنتلار تەسىراتىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى، مۇلازىمەت قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتكەن.
نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئىناۋەت كارتىسى بازىرىنىڭ كۆلىمى ۋە كەسپى تەدرىجىي كېڭەيمەكتە، ئىناۋەت كارتىسى ئىستىمال سوممىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %32 گە يېتىدۇ، ئىناۋەت كارتىسى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىستىمال قىلىشتىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى، 2010-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئىچىدە ئىناۋەت كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى مىليونغا يەتتى
ئىز تورى www.iz.la
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!