ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
131 - ماددا ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، زور ئۇچۇش
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ھادىسىسى سادىر قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىشى ياكى ئادەم ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ] بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ] بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن www.iz.la بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن www.iz.la بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن ئىز تورى www.iz.la ئىز تورى www.iz.la
132 - ماددا تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈريول ترانسپورتىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
133 - ماددا قاتناش - ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەكە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قاتناش - ترانسپورت ھادىسىسى تۇغدۇرغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە قەبى宾 قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قېچىپ كېتىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى پەيدا قىلغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
134 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىشچىلارنى قائىدىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا زورلاپ زور تالاپەت تۇغدۇرغانلارغا ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبى宾 بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
135 - ماددا زاۋۇت، كان، ئورمانچىلىق مەيدانى، بىناكارلىق كارخانىسى ياكى باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئالاقىدار تارماقلار ياكى شۇ ئورۇننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنمۇ يوشۇرۇن ئاپەتكە تەدبىر قوللىنىلماي زور تالاپەت ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبى宾 بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
136 - ماددا پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
137 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
138 - ماددا مەكتەپ بىناسى ياكى مائارىپ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەدبىر قوللانماي ياكى ئۇنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي زور تالاپەت پەيدا قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
139 - ماددا ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قانۇن - نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نازارەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئىجرا قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
3 - باب سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى
بۇزۇش جىنايىتى
1 - پاراگراف ساختا، ناچار تاۋار ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
140 - ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ياكى ئۆلچەمگە لايىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتنى ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىپ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا 2 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 2 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
141 - ماددا كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان دورا ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان يالغان دورا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يالغان دورا ھېسابلىنىدىغان ۋە يالغان دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان دورىلارنى، دورا ئەمەس نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
142 - ماددا ناچار دورا ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلاردىن كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ناچار دورا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ناچار دورا ھېسابلىنىدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
143 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلاردىن يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
144 - ماددا ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقان يېمەكلىككە يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرغانلارغا ياكى يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالار ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 141 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
145 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىشلەپ چىقارغان ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبى宾 بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
146 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، بېسىملىق قاچا ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان مەھسۇلات ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
147 - ماددا يالغان دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان مال دوختۇرلۇق دورىسى ۋە يالغان خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپ چىقارغان، يالغان ياكى كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلار ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئۇرۇقنى ئۆلچەمگە توشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
148 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقارغان ياكى تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
149 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 141 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشمىسىمۇ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
مۇشۇ پاراگرافنىڭ 141 - ماددىسىدىن 148 - ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتكىمۇ توشىدىغانلىرىغا ئېغىرراق جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
150 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 140 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
2 - پاراگراف ئەتكەسچىلىك جىنايىتى
151 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، يادرو ماتېرىيالى ياكى يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتال ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
1-، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
152 - ماددا پايدا تېپىش ياكى تارقىتىش مەقسىتىدە، شەھۋانىي كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ - ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت، كىتاب - ژۇرنال ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
153 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 151-، 152-، 347 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا مال ۋە بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:
(1) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان ، قاچۇرغان باج سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
(2) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە، ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(3) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
كۆپ قېتىم ئەتكەسچىلىك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارغا ئەتكەس مال، ئەتكەس بۇيۇملىرىنىڭ ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
154 - ماددا تۆۋەندىكى ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىدىن مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە توشىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 153 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
(1) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئىمپورت قىلىشقا تەستىقلانغان، پىششىقلاپ ئىشلەپ بېرىشكە، قۇراشتۇرۇپ بېرىشكە كىرگۈزۈلگەن ۋە تۆلەم سودىسىغا كېرەكلىك بولغان خام ئەشيا - ماتېرىيال، دېتال، تەييار مەھسۇلات، ئۈسكۈنە قاتارلىق باجدىن خالىي ماللارنى چېگرا ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىپ پايدا ئېلىش؛ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(2) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، بېجى ئالاھىدە بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم قىلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان مال ۋە بۇيۇملارنى چېگرا ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىپ پايدا ئېلىش.
155 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، مۇشۇ پاراگرافتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ:
(1) دۆلەت ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز يول بىلەن بىۋاسىتە سېتىۋالغانلار ياكى ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلغان باشقا مال ۋە بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز يول بىلەن بىۋاسىتە سېتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلار؛
(2) ئىچكى دېڭىز ۋە دېڭىز تەۋەلىكىمىزدە، دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان ۋە ئېلىپ - ساتقانلار ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورتقا چەك قويغان مال ۋە بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان ۋە ئېلىپ - ساتقانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلار ۋە قانۇنلىق ئىسپاتى بولمىغانلار؛ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
(3) تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقنى چېگرا ئىچىگە توشۇپ كىرگەنلەر.
156 - ماددا ئەتكەسچى جىنايەتچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنى قەرز پۇل، مەبلەغ، ھېسابات نومۇرى، تالون، ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەنلەر ياكى ئۇلارغا توشۇش، ساقلاش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قۇلايلىقى ياكى باشقا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەنلەر ئەتكەسچىلىك قىلغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
157 - ماددا ئەتكەسچىلەرنى قوراللىق قوغدىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 - ماددىسىنىڭ 1 -ۋە 4 - تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇشقا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 277 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىرنەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
3 - پاراگراف شىركەت ۋە كارخانا باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى
يەتكۈزۈش جىنايىتى
158 - ماددا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا يالغان ئىسپات - ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرىدىغان كاپىتالىنى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن يالغان مەلۇم قىلىپ، شىركەت تىزىملاشقا مەسئۇل ئورگاننى ئالداپ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇۋالغانلاردىن يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسىنىڭ 1 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 5 پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. www.iz.la
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
159 - ماددا شىركەت تەشەببۇسچىلىرى ۋە پايچىلىرىدىن شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرمىغان ياكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكىمەي كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان ياكى شىركەتنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقارغان مەبلىغىنىمۇ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، كۆز بوياپ چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ياكى ئېلىۋالغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 2 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 10 پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
160 - ماددا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، پاي خېرىدار نامىسىدە، شىركەت، كارخانىلارنىڭ زايوم توپلاش چارىسىدە مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ ياكى زور يالغان مەزمۇن ئويدۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومى تارقاتقانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەك سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 1 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، 5 پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
