ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
81 - ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا مۇددىتىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئىجرا قىلىنىپ بولغانلار، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازاسى ئەمەلىيەتتە 10 يىلدىن ئارتۇقراق ئىجرا قىلىنغانلار تۈرمە قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، تەربىيە ۋە ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن توۋا قىلىش ئىپادىسى بولۇپ، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتكە قايتا خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان بولسا، شەرتلىك قويۇپ بېرىلسە بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال بولسا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلىشنىڭ يۇقىرىقى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزگەن، شۇنىڭدەك قاتىللىق قىلىش، پارتلىتىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇتۇپ كېتىش قاتارلىق زورلۇق خاراكتېرىدىكى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىلەردىن 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئىز تورى www.iz.la
82 - ماددا جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇشۇ قانۇننىڭ 79 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
83 - ماددا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى سىناش مۇددىتى ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازا مۇددىتى بىلەن چەكلىنىدۇ؛ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى سىناش مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ سىناش مۇددىتى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
84 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى جاكارلانغان جىنايەتچىلەر تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
(1) قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىش، نازارەتچىلىككە بويسۇنۇش؛
(2) نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى مەلۇم قىلىپ تۇرۇش؛
(3) نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش؛
(4) ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيىدىن كەتمەكچى ياكى كۆچمەكچى بولسا، نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش.
85 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەرنى شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى نازارەت قىلىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 86 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە، شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆكۈمدىكى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئۇ ئاشكارا جاكارلىنىدۇ.
86 - ماددا شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە يېڭى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 71 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرنەچچە جىنايىتى قوشۇپ جازالىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، ھۆكۈم جاكارلىنىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمگە كىرگۈزۈلمەي قالغان باشقا جىنايەتلىرىمۇ بارلىقى سېزىلگەنلىرى شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 70 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرنەچچە جىنايىتى قوشۇپ جازالىنىدۇ.
شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن شەرتلىك قويۇپ بېرىپ سىناش مۇددىتى ئىچىدە، قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەنلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، يېڭى جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسىمۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە شەرتلىك قويۇپ بېرىش بىكار قىلىنىپ تۈرمىگە ئېلىنىپ، ئىجرا قىلىنىپ بولمىغان جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
8 - پاراگراف ۋاقىت چېكى
87 - ماددا تۆۋەندىكى مۇددەتتىن ئېشىپ كەتكەن جىنايەت سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ:
(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا 5 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا توشمايدىغان بولۇپ، ئارىدىن 5 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛ ئىز تورى www.iz.la
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بولۇپ، ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛
(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بولۇپ، ئارىدىن 15 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛ ئىز تورى بەك ياخشى
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى جازا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى بولۇپ، ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسا سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارالسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىش شەرت.
88 - ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەشكە كىرىشكەن ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەھقىقلىنىشتىن ياكى سوت قىلىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلارنى سۈرۈشتۈرۈشتە مۇددەت چېكى بولمايدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە شىكايەت قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دېلو ئېچىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، دېلو ئاچمىغان بولسا، سۈرۈشتۈرۈشتە مۇددەت چېكى بولمايدۇ. copyright by www.iz.la
89 - ماددا سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى جىنايەت سادىر بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ جىنايى قىلمىش ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ياكى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، جىنايى قىلمىش ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. copyright by www.iz.la
سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى ئىچىدە يەنە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىلگىرىكى جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇددىتى كېيىنكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
5 - باب باشقا بەلگىلىمىلەر
90 - ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئانچە مۇۋاپىق كەلمەي قالغان مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاپتونوم رايونلۇق ياكى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسىي پرىنسىپلارغا بىنائەن، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قويسا بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
91 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جامائەت مال - مۈلكى تۆۋەندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ:
(1) دۆلەت مال - مۈلكى؛
(2) ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى مال - مۈلكى؛
(3) نامراتلارنى يۆلەش ۋە باشقا جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىئانە ياكى مەخسۇس فوند مال - مۈلكى.
دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كوللېكتىپ كارخانىلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى باشقۇرۇۋاتقان، ئىشلىتىۋاتقان ياكى توشۇۋاتقان خۇسۇسىي مال - مۈلۈك جامائەت مال - مۈلكى ھېسابلىنىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
92 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي مال - مۈلكى تۆۋەندىكى مال - مۈلۈكنى كۆرسىتىدۇ:
(1) پۇقرالارنىڭ قانۇنىي كىرىمى، ئامانەت پۇلى، ئۆي - ئىمارىتى ۋە باشقا تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى؛ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(2) قانۇن بويىچە شەخسكە ۋە ئائىلىگە تەئەللۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى؛
(3) يەككە تىجارەتچىلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ قانۇنىي مال - مۈلكى؛ copyright by www.iz.la
(4) قانۇن بويىچە شەخسكە تەئەللۇق پاي، پاي چېكى، زايوم ۋە باشقا مال - مۈلۈكلەر.
93 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خادىملىرى دۆلەت ئورگانلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجىمائىي تەشكىلاتلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملار، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باشقا خادىملار دۆلەت خادىمى دەپ قارىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
94 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئەدلىيە خادىملىرى تەھقىقلەش، تەپتىش قىلىش، سوت قىلىش، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بولغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
95 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېغىر زەخىملەندۈرۈش تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەن زەخىملەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ:
(1) ئادەمنىڭ پۇت - قوللىرىنى مېيىپ قىلىش ياكى چىراي - شەكلىنى بۇزۇۋېتىش؛
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(2) ئادەمنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ئەزالىرى ياكى باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىش؛
(3) ئادەمنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا زەخىملەر.
ئىز تورى بەك ياخشى
96 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ۋە بېكىتمىلىرىگە، گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي نىزام، بەلگىلىمىلىرىدىكى مەمۇرىي تەدبىرلەرگە، گوۋۇيۈەننىڭ بېكىتمە ۋە بۇيرۇقلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
97 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باش ئۇنسۇرلار جىنايەتچىلەر گۇرۇھى ئىچىدە ياكى توپلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇيۇشتۇرۇش، پىلانلاش، قوماندانلىق قىلىش رولىنى ئوينىغان جىنايەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
98 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دەۋا قىلىنغاندىلا سوراش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەۋا قىلغاندىلا سوراشنى كۆرسىتىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى زورلۇق ۋە تەھدىتكە ئۇچراپ دەۋا قىلالمىغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
99 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان «... دىن يۇقىرى ... دىن تۆۋەن»، «... ئىچىدە» دېيىلگەنلەر شۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
100 - ماددا قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ئەسكەر بولىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان چاغدا، ئۆزىگە بۇرۇن جىنايى جازا بېرىلگەنلىكىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوشۇرماي ئەينەن مەلۇم قىلىشى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
101 - ماددا بۇ قانۇننىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى جىنايى جازا بەلگىلەنگەن باشقا قانۇنلارغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ، لېكىن باشقا قانۇنلاردىن ئالاھىدە بەلگىلىمە بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
2 - قىسىم خاس پرىنسىپ
1 - باب دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى
102 - ماددا چەت ئەل بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
103 - ماددا دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
104 - ماددا قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە كۆتۈرگەنلەردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنى، قوراللىق قىسىم خادىملىرىنى، خەلق ساقچىلىرىنى، خەلق ئەسكەرلىرىنى قۇترىتىش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش يولى بىلەن قوراللىق ئىسيان ياكى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
105 - ماددا دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان ۋە ئېلىپ بارغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىغۋا توقۇش، تۆھمەت چاپلاش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايىتى ئېغىرلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103-، 104-، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
107 - ماددا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاپپارات، تەشكىلات ياكى شەخسلەر چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەرنىڭ مۇشۇ بابنىڭ 102-، 103-، 104-، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە ماددىي ياردەم بەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
108 - ماددا دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى قوراللىق قىسىم خادىملىرى، خەلق ساقچىلىرى، خەلق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
109 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىش ئورنىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ، ئاسىيلىق قىلىپ چېگرا سىرتىغا قېچىپ ياكى چېگرا سىرتىدا ئاسىيلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىرىگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دۆلەت مەخپىيىتىنى ئىگىلەپ تۇرغان دۆلەت خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
110 - ماددا تۆۋەندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قىلىپ دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(1) جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلار ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتىدىن ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىدىن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلار؛
(2) دۈشمەنگە توپقا تۇتۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلەر.
