پادىشاھ نېمە ئىش قىلىدۇ؟

ۋاقتى:2011-03-18 23:42مەنبە: يوللىغۇچى: ئالىم چېكىلىشى:قىتىم
   بۇ ھېكايىدە ئېيتىلغىنى ھەقىقەتەن بولغان ۋەقە

پادىشاھ سۇلتان مۇراتخان بۈگۈن بىر قىسمىلا كۆرۈنەتتى. گويا سۆزلەيدىغان بىر سۆزى باردەك ئىدى. ئەمما چىرايىدىن سۆزلىيەلمەيۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. چىرايىدىن يا خۇشال ئىكەنلىكى، ياكى خاپا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئاخىرى ۋەزىر ئەزەم سىياۋۇش پاشا سورىدى.
- ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، بىرەر ئىشتىن ئىچىڭىز سىقىلىۋاتامدۇ، قانداق؟
- ئاخشام غەلىتە بىر چۈش كۆردۈم.
- ئىنشائاللاھ ياخشى چۈشتۇ؟
- ياخشىمۇ، يامانمۇ بىرلىكتە بىلىمىز…
- قانداق قىلىپ؟
- تەييارلان، سىرتقا چىقىمىز. copyright by www.iz.la
شۇنداق قىلىپ پادىشاھ بىلەن ۋەزىر موللا قىياپىتىدە ياسسىنىپ سىرتقا چىقىپتۇ. ۋەزىر كېتىۋېتىپمۇ پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. ئەمما ۋەزىر پادىشاھنىڭ مېڭىشىدىن بارىدىغان يەرنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بۇلار مېڭىپ بەيازىتقا كەپتۇ، ئاندىن پەسكە مېڭىپتۇ. ئۇنكاپى ئەتراپىغا كېلىپ بىردەم تۇرۇشۇپتۇ ۋە ئەتراپىغا دىققەت بىلەن قاراشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ ۋاقىتتا، پادىشاھ يەردە ياتقان بىر جەسەتنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار جەسەتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەتراپتىكى كىشىلەردىن، بۇ كىشى كىم؟ دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر: يائاللاھ ، ئاللاھ ساقلىسۇن، ئۇ جەسەتنىڭ يېنىغا يېقىنلاشماڭلار ! ئۇ نام چىقارغان زىناخور، ئۇچچىغا چىققان ھاراقكەش، بەڭگى، بەدبەخت دېيىشىپتۇ، بىر ئېغىزدىن…

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- سىلەر قانداق بىلىسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ پادىشاھ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- ئازاپلار بازىرىدا سەرەپتە كېيىدىغان تاسمىلىق ياغاچ ئاياق ياسايدۇ، تاپقان پۇلىغا ھاراق، بەڭ سېتىۋالىدۇ، نەدە پاھىشىلەرنى كۆرسە سۆزلىشىپ ئەگەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئىشەنمىسەڭلار خەلقى ئالەمدىن سوراڭلار، بۇ ئىنساننى جامائەت ئىچىدە بىرەر قېتىم كۆرمىگەن ئىنسان بارمىكەن. ئۇ ھاياتىنى ئەتراپنى ئايلىنىپ تاپقان پۇلىغا ھاراق، بەڭ، پاھىشە خۇتۇنلارنى يىغىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم، دېيىشىپتۇ ۋە يەردە ياتقان جەسەتكە غەزەپ بىلەن لەنەت ئوقۇشۇپتۇ.
ۋەزىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ جەسەت يېنىدىن كەتمەكچى بولغان ئىكەن، پادىشاھ ۋەزىرنىڭ ئالدىنى توسۇپ؛

www.iz.la

- نەگە؟ دەپتۇ.
ۋەزىر:
- بىلمەيمەن ھەر ھالدا بۇ ئادەمدىن يىراقراق تۇرغۇم كەلدى – دەپتۇ
پادىشاھ:
- خەلق نېمە دېسە دېسۇن، ئەمما بىز بۇ ئادەمنى تاشلاپ قويۇپ كەتسەك بولمايدۇ، دەپنە قىلىشىمىز كېرەك.
- ياخشى، ئوردىدىن بىرقانچە خىزمەتچى يوللايمىز – دە قۇتۇلىمىز، دەپتۇ ۋەزىر.
پادىشاھ: – ياق!

ئىز تورى بەك ياخشى

چۈشۈمدىكى ھېكمەت تېخى يېشىلمىدى.
- ۋەزىر-ئۇنداقتا مېنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيسىز؟
موللىلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ بۇ جەسەتنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ غۇسلى قىلىمىز ، ئاندىن نامىزىنى چۈشۈرىمىز دەپتۇ پادىشاھ.
ۋەزىر:
- يېقىن ئەتراپتا بىر مەھەللە مەچىتى بار، شۇ يەرگە ئاپىرايلى.
پادىشاھ:
- ياق.
ۋەزىر:
- نېمىشقا؟
پادىشاھ:
- سەن ئۆلسەڭ نامىزىڭنىڭ قايسى مەچىتتە چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمۈت قىلىسەن؟
ۋەزىر:
- ئايا سوفيا، سۇلايمانىيە، ھېچ بولمىغاندا فاتىھ مەچىتىدە چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئايا سوفيا، سۇلايمانىيە مەچىتلىرىدە دۆلەت ئەركانلىرى ناماز ئوقۇيدۇ، بىزنى تونۇيالماسلىقى ئۈچۈن فاتىھ مەچىتىنى ياخشى دېدىڭ، دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ مېيىتنى كۆتۈرۈشۈپ فاتىھ مەچىتىگە ئەكىلىپتۇ. ۋەزىر ئەزەم ئىزدەپ يۈرۈپ كېپەنلىك بىلەن تاۋۇت تەييارلاپتۇ. پادىشاھ مىس قازانغا ئوت يېقىپ، سۇ ئسسىتىپتۇ ۋە مېيىتنى ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن يۇيۇپتۇ. ئاندىن كېيىن پادىشاھ بىلەن ۋەزىر مېيىتنى كېپەنلىمەكچى بولۇپ قاراپ ھەيرانلىقتا نېمە دېيىشلىرىنى بىلىشمەي بىر – بىرىگە قاراپلا قېلىشىپتۇ. چۈنكى مېيىتنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان بىرخىل ئىللىقلىق بىلىنىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئىككىسى ھەيرانلىق ئىچىدە مېيىتنى كېپەنلەپ تاۋۇتقا سېلىپ تەييار قىپتۇ. ئەمما ناماز ۋاقتىغا خېلى بار ئىكەن. ۋەزىر ساقلاۋېرىپ بىر ئاز ئىچى سىقىلىپتۇ-دە : پادىشاھقا پادىشاھىم، بىز خاتا قىلىۋاتامدۇق قانداق؟ دەپتۇ . www.iz.la
- قانداق دەيسەن؟، دەپتۇ پادىشاھ.
ۋەزىر: – بىز ھاياجاندىن ئۆزىمىزچە مېيىتنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدۇق، بەلكىم بۇ كىشىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بولۇشى مۇمكىن.
راست دەيسەن دەپتۇ پادىشاھ، سەن مېيىتنىڭ يېنىدا ساقلاپ تۇر، مەن مەھەللىنى ئايلىنىپ بۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي دەپتۇ ۋە بۇ مېيىتنىڭ دەسلەپ ياتقان يېرىگە كېلىپ، كىشىلەردىن سوراپ يۈرۈپ مېيىتنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ. ئىشىكنى قېرى بىر ئايال ئېچىپتۇ، پادىشاھنىڭ دېگەنلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپتۇ. بۇ ئايالنىڭ چىرايىدىن گويا ئەھۋالنى ئالدىن بىلىدىغاندەك بىر ئىپادە بىلىنىپتۇ. ئايال پادىشاغا، ئوغلۇم بەك جاپا تارتىپسەن،رازى بولغىن دەپتۇ. ئىشىككە يۆلۈنۈپ قوللىرىنى تۈگۈپ ئىڭىكىگە تىيەپ خىيالغا چۈكۈپتۇ. بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئايال چۆچۆپ خىيال دۇنياسىدىن چىقىپتۇ ۋە پادىشاغا قاراپ، ئوغلۇم سەن بىلەمسەن دەپ، دەردىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
مىنىڭ يولدۇشۇم بىر دۇنيا ئىدى،كەچكىچە ئىشلەيتتى. ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگىچە ھەرقانداق بىر يەردە ھاراق ساتقاننى كۆرسە بار پۇلىنىڭ ھەممىسىگە ئۇ ھاراقلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئۆيگە كەلگەندە تۆكۈۋىتەتتى.
نېمىشقا ؟ پادىشاھ ھەيران قېلىپ سوراپتۇ.
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ئۇ ھاراقتىن ئىچىپ گۇناھكار بولمىسۇن دەپ شۇنداق قىلاتتى.
پادىشا- توۋااا….
بەزەن كىشىلەرنى زىنائى ھارامدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىرقانچە پاھىشەلەرنى ئۆيگە ئەكىلەتتى، ھەققىنى بېرەتتى ئاندىن، مەن سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنى سېتىۋالدىممۇ؟ دەيتتى ئاندىن كىيىن ئەمدى ئارام ئېلىڭلار دەپ قۇيۇپ چىقىپ كېتەتتى. مەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلاتتىم، قۇرئان كەرىم ئۇقۇپ بىرەتتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
پادىشا ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە توۋا دەپتۇ، ياقىسىنى تۇتۇپتۇ، ئاللاھ دەپتۇ. ئاندىن:
ئەمدى ئاڭلاپ باققىن، سىنىڭ يولدۇشىڭنى كىشىلەر نېمە دەيدىكەن.
- كىشىلەرنىڭ نېمە دىيىشى بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئىدى، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك يىراقتىكى مەچىتلەرگە كېتەتتكى، مەن كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئۇقۇسام كەبىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ناماز ئۇقۇغۇدەك تەقۋادار ئىمامنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەيتتى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇنداق تەقۋادار ئىماملاردىن قانچىسى قالدى دەيسەن؟.
ھەتتا بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا- ئۇنداق قىلمىسىلا، سىلە ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش ئۈچۈن ئۆمۈرلىرىنى ئاتىدىلا، ئەمما پۈتۈن قوشنىلار سىلىگە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسىلە جىنازىلىرى تالادا قالىدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


پادىشاھ؛- توغرا دەيسەن.
رەھمەتلىك ھېچكىمنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ باغچىمىزغا يەرلىكىنى ئۆزى كولىدى. مەن يەنە؛

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

- بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگەمدۇ؟ ئەگەر ئۆلسەڭ سېنى كىم كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ، يۇيۇپ، كېپەنلەيدۇ؟ نامىزىڭنى كىم چۈشۈرۈپ، تاۋۇتۇڭنى كىم كۆتۈرۈپ، جەسىدىڭنى كىم يەرلىكىڭدە قۇيىدۇ دېدىم.
پادىشاھ: ھە!…..، نېمە؟ دېدى…
….. ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاقاھلاپ كۈلدى-دە، ئاللاھ بۈيۈكتۇر! پادىشاھ نېمە ئىش قىلىدۇ؟! دېدى

copyright by www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • نېمىشقا يەۋەتتىڭىز [يۇمۇرلار]

    كۈلىۋېلىڭ ... نېمىشقا يەۋەتتىڭىز ... بىر بالا بىر ئېغىر ئاياغ ئايالدىن سۇراپتۇ : __ قۇرىسقىڭىزدىكى نېمە ؟ __ مېنىڭ بالام ! __ ئۇنى ياخشى كۈرەمسىز ؟ __ ئەلۋەتتە ! __ ئەمسە ئۇنى نېمىشقا يەۋەتتىڭىز ؟ نېمىشقا پۇل تۈلىگۈدەكمەن ... پىخسىقلىقتا داڭقى بار بىر دېھ...

  • قانغىچە كۈلۈڭ

    راكىتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا؛ ئېيتىپ باققىنە؛راكىتانىڭ سۈرئىتى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تېز؟ ئوقۇغۇچى؛كاسسىسىغا ئوت يېقىلسا سوك-سوك ئېشەكمۇ ئۇنۇڭدىن تېز يۈگۈرەيدۇ....

  • تورداشلارغا قەبىھ چاقچاق(ئۆرۈكجان)

    جۇت بولسىمۇ تورداشلىرىم ياز بىلىپ، قەلەم تۇتسام يازغىنىمنى ئاز بىلىپ. يىمەكچىمۇ بولۇپسىلەر قېقىمنى، ئۈندىمىسەم مېنى يوۋاش تاز بىلىپ. باھار كەلدى چېچەك ئاچماي بولامدۇ؟ چېچەك ئاچسا بىرى ئۇرۇپ سولامدۇ؟ ياشلىق دىگەن بۇ ئۆمۈردە بىر قېتىم، چۈشۈپ قالغان پۇل جايىدا...

  • مىھرايغا كەتتى~

    خۇش كىلىپسىز ئىز تورىغا، ئىزلىرىڭىز ئۆچمىسۇن! بىكىتىمىز مەنزىلى، يادىڭىزدىن كۆچمىسۇن. كىرىپ تۇرۇڭ ھەر كۈنى، يوللاپ تۇرۇڭ تىمىنى، مىھراي قىنى دەپ ئۇلار، سىزنى تاشلاپ كەتمىسۇن! ئايلار ئۆتتى، كۈن ئۆتتى، دەريالار ھەم قۇم كۆچتى، توخماق چىقىپ تۇلۇمدىن، مىھرايخا...

  • ئىز تورىدىكى دوستلارغا چاخچاق

    تورداشلارغا قىلىنغان شېئىرى چاخچاق...

  • ئەپەندىم ھەققىدە ھېكايىلەر(2)

    كىمگە ئىشنىسەن مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان ؛ بىر قېتىم موللا نەسىردىن ئۆيىگە تۇلمۇ كەچ قايتىپ كەپتۇ. -نەسىردىن قايسى ۋاقىت بولدى؟-سوردى خۇتۇنى، نەسىردىن ئەملىيەتنى ئاساس قىلىپ جاۋاپ بەردى؛ -تىخى بالدۇرغۇ،سائەت ئەمدىلا11 دىن چارەك ئۆتتى. -مېنى ئا...

  • ئەپەندىم ھەققىدە ھېكايىلەر(1)

    ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش بىر قېتىم موللا نەسىردىن فىرانسىيىدە خۇتۇنى بىلەن كومېدىيىلىك بىر ئۇيۇننى كۆرگىلى باردى،خۇتۇنىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى ،ھەزىلكەش ھەر قېتىم سەھنىگە چىقىپ يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلسا ياكى قىزىقارلىق ھەركەتلەرنى چىقارسا موللا نەسىردىن ئا...

  • 10 ئادەمدىن 9 خاتا جاۋاپ بىرىدىغان سۇئال

    سۇئال : بىر يىگىت دۇككانغا سوۋغات ئالغىلى كىرىپتۇ. ئۇ ئالماقچى بولغان سوۋغاتنىڭ باھاسى 21 يۈەن، تەننەرقى 18 يۈەنكەن. يىگىت يانچۇقتدىن 100 يۈەن چىقىرىپ خوجايىنغا سۇنۇپتۇ، خوجايىندا پارچە پۇل يوق ياندىكى دۇككان خۇجايىنى پارچىلاپ بىرىپتىكەن، يىگىتكە 79 يۈەن...

  • كۈلۈپ ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە مەن ئىگە ئەمەس

    كۈلۈپ ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە مەن ئىگە ئەمەس...

  • ئەڭ ياخشى تاللاش

    لوندونغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان ئامېرىكلىق بىر قىز ئامېرىكا ئەرلىرىنى ساياھەت ھەمراھى بولۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپتۇ. ئۇلار قىزغا، بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەنلەرمۇ، شىمالىدىن كەلگەنلەرمۇ بار، ئۆزىڭىز...

  • 10 تال تاۋۇز^_^

    ئۆچ ئادەم پاراخوتقا چىقىپ دىڭىزغا سەپەر قىلىپتۇ، دىڭىزدا تەيفىڭ بورىنى چىقىپ، پاراخوت پاچاقلىنىپ كىتىپتۇ، ئۈچ ئادەم ئۈچ تال شالغا چىقىۋىلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بىر ئارالغا چىقىپ قاپتۇ، ئارالغا چىقىپ قالسا نۇرغۇن بۆرە تۇرغۇدەك، ئۇ بۆرىنىڭ كەينىدە تەخىتتە بىر...

  • ئۈچ بالا(كارامەت يۇمۇر)

    بىر ئايال بىر ئەۋلىيانىڭ قىشىغا بىرىپتۇ، ئەۋلىيا دەپتۇ، بىرىنجى بالىڭىز بەك ئەقىللىق، ئىككىنجىسى بەك ئەدەپلىك، ئۈچىنجىسى بەك ھاكاۋۇ بولىدىكەن دەپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئايال راستىنلا ئۈچ بالا تۇغۇپتۇ، بىرىنجىسى تۇغۇلۇپلا بىر كەرە بىر تەڭ بىر دەپ چۈشۈپتۇ، ئىك...

  • كۈلمىسىڭىز مەيلى ، چىدىيالىسىڭىز!

    [تاللانغان يۇمۇرلار] ئويلىماپتىمەن بىر قىز ساقچىغا؛ مەن پۇلنى ئىچ كىيىمىمنىڭ يانچۇقىغا سالغانىدىم،كېلىشكەن بىر يىگىت ئوغرىلاپ كەتتى،-دەپتۇ. ساقچى؛ -ئۇ ئوغرىلىق قىلغاندا ئازراقمۇ سەزمىدىڭىزمۇ؟ -ئۇ پورىتمالىمنى سىلىغانىدى،پەقەت ئويلىماپتىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرى...