(يۇمۇرلار)

ۋاقتى:2011-03-17 02:02مەنبە: يوللىغۇچى: رۇستەم چېكىلىشى:قىتىم
   تازا ھېجىيىدىغان بولدۇڭلار! (يۇمۇرلار)
                                              تەييارلىغۇچى ؛ رۇستەم 
                                                             قايچا ئىزدەش
چاچلىرى ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن بىر يىگىت ساتىراشخانىغا چېچىنى ياساتقىلى كىرىپتۇ. ساتىراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن، بىر ماگنىتنى يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈتكىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىىق ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن ؛
-ئۇستام، بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ؟ ---دەپ سۇراپتۇ.
-ياق، مەن قايچىنى ئىزدەۋاتىمەن، --- دەپتۇ ساتىراش پەرۋاسىزلا.
 
                                            تەكلىپ قىلىشنىڭ سەۋەبى
-بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز؟ ---دەپ سۇراپتۇ بىر چىش دوختۇرىنىڭ ئايالى ئېرىدىن.
-ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن، ---دەپتۇ دوختۇر.
 
                                                             پەرقى يوق
ئايالى ئېرىنى يوقلاپ تۈرمىگە بېرىپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن؛
-بۇ يەردە كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ، جاپا چېكىۋاتامسىز؟---دەو سۇراپتۇ.
-ئۆيدىكى كۈنلىرىم بىلەن ئانچە پەرقى يوق، بۇ يەردىمۇ سىرىتقا چىققىلى قويمايدۇ،ھاراق ئىچكىلى قويمايدۇ، تامىقىمۇ بەك ناچار، ---دەپتۇ ئېرى زارلانغان ھالدا.
 
                                                        توينىڭ مەسلىھەتى
دادىسى قىزىغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ؛
-تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن، مەن ئاخىر قوشۇلدۇم..
قىزى ؛
 -بىراق دادا، مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا توي قىلغۇم يوق،-- دەپتۇ. 
دادىسى ؛
--شۇنداقمۇ، قىزىم سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق، بولدى، ئاپاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن!
 
                                                                          ئۇخلىتىش
بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا ؛
ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟، - دەپ سۇراپتۇ..
.-ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
 
                                                       ئالدىنى ئېلىش
بىر قوقۇنچاق كىشى ئوپراتىسيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپتۇ. ئۇ دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن ماسكىسىنى تاقىماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ.
-بولمايدۇ، بىز چوقۇم ماسكا تاقىشىمىز كېرەك، بۇ دېگەن تۈزۈم، --- دەپتۇ دوختۇر.
-بولدى مېنى ئالدىماڭلار، سىلەر ئوپراتىسيە جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، مېنىڭ سىلەرنى تونۇۋېلىپ كېيىن ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر، ---دەپتۇ كېسەل.
 
 
                          مەنبە ؛  شىنجاڭ ‹‹ئامانلىق›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.
2010-يىل 5-سان.
 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
75%
ناچار
(1)
25%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • نېمىشقا يەۋەتتىڭىز [يۇمۇرلار]

    كۈلىۋېلىڭ ... نېمىشقا يەۋەتتىڭىز ... بىر بالا بىر ئېغىر ئاياغ ئايالدىن سۇراپتۇ : __ قۇرىسقىڭىزدىكى نېمە ؟ __ مېنىڭ بالام ! __ ئۇنى ياخشى كۈرەمسىز ؟ __ ئەلۋەتتە ! __ ئەمسە ئۇنى نېمىشقا يەۋەتتىڭىز ؟ نېمىشقا پۇل تۈلىگۈدەكمەن ... پىخسىقلىقتا داڭقى بار بىر دېھ...

  • قانغىچە كۈلۈڭ

    راكىتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا؛ ئېيتىپ باققىنە؛راكىتانىڭ سۈرئىتى نىمە ئۈچۈن شۇنچە تېز؟ ئوقۇغۇچى؛كاسسىسىغا ئوت يېقىلسا سوك-سوك ئېشەكمۇ ئۇنۇڭدىن تېز يۈگۈرەيدۇ....

  • تورداشلارغا قەبىھ چاقچاق(ئۆرۈكجان)

    جۇت بولسىمۇ تورداشلىرىم ياز بىلىپ، قەلەم تۇتسام يازغىنىمنى ئاز بىلىپ. يىمەكچىمۇ بولۇپسىلەر قېقىمنى، ئۈندىمىسەم مېنى يوۋاش تاز بىلىپ. باھار كەلدى چېچەك ئاچماي بولامدۇ؟ چېچەك ئاچسا بىرى ئۇرۇپ سولامدۇ؟ ياشلىق دىگەن بۇ ئۆمۈردە بىر قېتىم، چۈشۈپ قالغان پۇل جايىدا...

  • مىھرايغا كەتتى~

    خۇش كىلىپسىز ئىز تورىغا، ئىزلىرىڭىز ئۆچمىسۇن! بىكىتىمىز مەنزىلى، يادىڭىزدىن كۆچمىسۇن. كىرىپ تۇرۇڭ ھەر كۈنى، يوللاپ تۇرۇڭ تىمىنى، مىھراي قىنى دەپ ئۇلار، سىزنى تاشلاپ كەتمىسۇن! ئايلار ئۆتتى، كۈن ئۆتتى، دەريالار ھەم قۇم كۆچتى، توخماق چىقىپ تۇلۇمدىن، مىھرايخا...

  • ئىز تورىدىكى دوستلارغا چاخچاق

    تورداشلارغا قىلىنغان شېئىرى چاخچاق...

  • ئەپەندىم ھەققىدە ھېكايىلەر(2)

    كىمگە ئىشنىسەن مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان ؛ بىر قېتىم موللا نەسىردىن ئۆيىگە تۇلمۇ كەچ قايتىپ كەپتۇ. -نەسىردىن قايسى ۋاقىت بولدى؟-سوردى خۇتۇنى، نەسىردىن ئەملىيەتنى ئاساس قىلىپ جاۋاپ بەردى؛ -تىخى بالدۇرغۇ،سائەت ئەمدىلا11 دىن چارەك ئۆتتى. -مېنى ئا...

  • ئەپەندىم ھەققىدە ھېكايىلەر(1)

    ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىش بىر قېتىم موللا نەسىردىن فىرانسىيىدە خۇتۇنى بىلەن كومېدىيىلىك بىر ئۇيۇننى كۆرگىلى باردى،خۇتۇنىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى ،ھەزىلكەش ھەر قېتىم سەھنىگە چىقىپ يۇمۇرلۇق گەپلەرنى قىلسا ياكى قىزىقارلىق ھەركەتلەرنى چىقارسا موللا نەسىردىن ئا...

  • 10 ئادەمدىن 9 خاتا جاۋاپ بىرىدىغان سۇئال

    سۇئال : بىر يىگىت دۇككانغا سوۋغات ئالغىلى كىرىپتۇ. ئۇ ئالماقچى بولغان سوۋغاتنىڭ باھاسى 21 يۈەن، تەننەرقى 18 يۈەنكەن. يىگىت يانچۇقتدىن 100 يۈەن چىقىرىپ خوجايىنغا سۇنۇپتۇ، خوجايىندا پارچە پۇل يوق ياندىكى دۇككان خۇجايىنى پارچىلاپ بىرىپتىكەن، يىگىتكە 79 يۈەن...

  • كۈلۈپ ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە مەن ئىگە ئەمەس

    كۈلۈپ ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە مەن ئىگە ئەمەس...

  • ئەڭ ياخشى تاللاش

    لوندونغا بېرىپ ساياھەت قىلماقچى بولغان ئامېرىكلىق بىر قىز ئامېرىكا ئەرلىرىنى ساياھەت ھەمراھى بولۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپتۇ. ئۇلار قىزغا، بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەنلەرمۇ، شىمالىدىن كەلگەنلەرمۇ بار، ئۆزىڭىز...

  • 10 تال تاۋۇز^_^

    ئۆچ ئادەم پاراخوتقا چىقىپ دىڭىزغا سەپەر قىلىپتۇ، دىڭىزدا تەيفىڭ بورىنى چىقىپ، پاراخوت پاچاقلىنىپ كىتىپتۇ، ئۈچ ئادەم ئۈچ تال شالغا چىقىۋىلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن بىر ئارالغا چىقىپ قاپتۇ، ئارالغا چىقىپ قالسا نۇرغۇن بۆرە تۇرغۇدەك، ئۇ بۆرىنىڭ كەينىدە تەخىتتە بىر...

  • ئۈچ بالا(كارامەت يۇمۇر)

    بىر ئايال بىر ئەۋلىيانىڭ قىشىغا بىرىپتۇ، ئەۋلىيا دەپتۇ، بىرىنجى بالىڭىز بەك ئەقىللىق، ئىككىنجىسى بەك ئەدەپلىك، ئۈچىنجىسى بەك ھاكاۋۇ بولىدىكەن دەپتۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئايال راستىنلا ئۈچ بالا تۇغۇپتۇ، بىرىنجىسى تۇغۇلۇپلا بىر كەرە بىر تەڭ بىر دەپ چۈشۈپتۇ، ئىك...

  • كۈلمىسىڭىز مەيلى ، چىدىيالىسىڭىز!

    [تاللانغان يۇمۇرلار] ئويلىماپتىمەن بىر قىز ساقچىغا؛ مەن پۇلنى ئىچ كىيىمىمنىڭ يانچۇقىغا سالغانىدىم،كېلىشكەن بىر يىگىت ئوغرىلاپ كەتتى،-دەپتۇ. ساقچى؛ -ئۇ ئوغرىلىق قىلغاندا ئازراقمۇ سەزمىدىڭىزمۇ؟ -ئۇ پورىتمالىمنى سىلىغانىدى،پەقەت ئويلىماپتىمەن،-دەپ جاۋاپ بېرى...