ئىز تورى www.iz.la www.iz.la
شائىر، يازغۇچى ئۆمەرجان سىدىق 1971 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسىنىڭ جايىغوجام كەنتىدە مەدەنىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغان. 1992 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكائىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرۈپ، تۇرپان گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن تارتىپ مۇخبىرلىق، مۇھەررىرلىك، بۆلۈم مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن. كەسپىي خىزمەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ئاخبارات ماقالىلىرى بىلەن يەتتە قېتىم شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتىغا نائىل بولغان، تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر ياش»، «10 مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇ كەسپىيخىزمەتلەرنى بېرىلىپ ئىشلەپلا قالماستىن، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئاخبارات يېزىقچىلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكىمەتبۇئاتلاردا 800 پارچىغا يېقىن شېئىر، ھېكايە، نەسر، ئەدەبىي خاتىرىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. شېئىر، نەسر، تارىخىي تەزكىرە، ئەدەبىي خاتىرە، ئوچېرىكلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان 10 پارچە كىتابى نەشر قىلىنغان. ئىككى قېتىم خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان تۇرپان ئاستانىدىكى مەشھور جەمەت -مۇھىتلار جەمەتىنىڭ تارىخىغا بېغىشلاپ يازغان «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى» ناملىق كىتابى زىلزىلە قوزغىغان. باشقا كىتابلىرىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولغان. ئۆمەرجان سىدىق 40 يىللىق ھايات مۇساپىسى، ئاز – كەم 25 يىللىق ئىجادىيەت سەپىرىدە توختاۋسىز ئىزدەنگەن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن، تۇرپاندا كۆپلىگەن ئەدەبىيات – سەنئەت، نورۇز، ساخاۋەت ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ياش جامائەت ئەربابىغا ئايلانغان، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.
بۇ كۈنىئۈرۈمچىدىن ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن ھالاھىيتەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن مامبەت تۇردى، پولات ھېۋىزۇللا، تۇرغۇن يىلتىز، يالقۇن روزى، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، بەگمەت يۈسۈپ، ئەسقەر ياسىن، مۇھەممەت سالىھ مەتروزى، ئابلەت ئابدۇرېھىم، ئەسقەر رېقىپ، مۇھەممەت يۇنۇس، ئەخمەتجان خۇما، ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر قاتارلىق يازغۇچى، شائىر، ئەدىپ، سەنئەتكارلار؛ ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكترون چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇللا ئۆمەر، «باشئەگىم» كىيىم - كېچەك لايىھىلەش تىكىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورلىرى لىتىپجان، بۇۋىھەجەرلەر، «قىزىل تۆگە» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇۋەلى، «كىنارە» بىئوخىمىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ درېكتورى ئالىمجان قاتارلىق ساخاۋەتچى كارخانچىلار يىغىن مەيدانىدا جەم بولۇپ، يىغىننىڭ داغدۇغىسى، دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. مۇھاكىمە جەريانىدا يازغۇچى، شائىر، ئاخباراتچىئۆمەرجان سىدىقنىڭ 20 نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئۇنىڭئەسەرلىرىگە ئوبيېكتىپ، لىللا باھا بېرىلدى. ئۆمەرجان سىدىقنىڭ كەسىپتىكىتىرىشچانلىقى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى پەزىلەتلىرى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىتەشكىللەشتىكى قابىللىقى قاتارلىق تەرەپلەر جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغاقويۇلۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ يەنە بىر قتېىملىق قايىللىقىنى قوزغىدى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسىمامبەت تۇردى، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، تونۇلغان تەنقىدچى يالقۇن روزى قاتارلىق ئۆمەرجان سىدىقنىڭ تىرىشچانلىقى، دوستلۇقنى قەدىرلەشتەك ئېسىلخىسلىتى، لەۋزى ھالاللىقتىن ئىبارەت پەزىلىتىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، شائىر ئەسقەر ياسىن، «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇخبىرى، داڭلىقئاخباراتچى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت قاتارلىقلار ئۆمەرجان سىدىق بىلەن تونۇشۇش، دوستلىشىش جەريانلىرىنى، ئۆمەرجان سىدىقنىڭ تۇرمۇشقا، كەسىپكە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ھەققانىي لىللا باھالىدى. پىچان ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭئوقۇتقۇچىسى ئېلى ھېمىت، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ كادىرى، ئەدەبىيتەنقىدچى ئەخمەتجان خۇما قاتارلىقلار ئۆمەرجان سىدىقنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىپيازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، سورۇننىڭ مۇھاكىمە كەيپىياتىنى تىخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.