جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دۆلەتلىك كۇتۇبخانا كېلىپ، بۇ يەردە ئۆتكۈزىلىۋاتقان «شىنجاڭدىكى تارىخى ھۆججەتلەر ۋە قەدىمىي كىتابلارنى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە- يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان 1-قېتىم پايتەخت بېيجىڭدا شىنجاڭدىكى قىممەتلىك تارىخى ھۆججەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆرگەزمە قىلىنىشى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى قەدىمىي كىتابلارنى قوغداش خىزمىتى مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى. كۆرگەزمىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ 2007-يىلى «جۇڭخۇا قەدىمىي كىتابلارنى قوغداش پىلانى»يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭ قەدىمىي كىتابلارنى قوغداش خىزمەت نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنىڭ قەدىمىي كىتابلارنى قوغداش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ تارىخى مۇساپىسى ئۇزۇن، مەزمۇنى مول، قىممىتى زور، چىن سۇلالىسىدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 23 يىغىپ ساقلاش ئورنى ئېلىپ كەلگەن 320 كۆرگەزمە بۇيۇمى - 22 خىل ھەر مىللەت يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈك، ھۆججەت، قەدىمىي كىتاب، نۇسخا چۈشۈرۈلگەن قەغەز قاتارلىق تۈرلۈك ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ھازىرغىچە بىرلا نۇسخىسى بار، 21 خىل قەدىمىي كىتاب «دۆلەتلىك قىممەتلىك قەدىمىي كىتابلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن، نۇرغۇن ھۆججەتلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىندى.
ئىز تورى www.iz.la
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن