ۋىناس ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان سىر

ۋاقتى:2010-10-28 13:11مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   يۇناننىڭ قەدىمكى زامان ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتنىڭ گۆھىرىدۇر. ئۇ دۇنيا گۈزەل سەنئەت تارىخىدا جۇلالىنىپ كېيىكىلەرگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. ۋىناس- يۈنان ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىدىكى نادىر نەمۇنىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭدا رىم رىۋايــــەتلىرىدىكى مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك ئىلاھى - ۋىناسنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. ۋىناسنىڭ گۈزەل ئوبرازىدا ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىسىل پەزىلىتى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگـــــەن بولۇپ، ئۇ سۈرلۈك، مېھرىبان، ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ. يۈنان ھەيكەلتىراشلىرىنىڭ نەپىس ھۈنەر سەنئىتى سىڭدۈرۈلگەن بۇ ئەسەر كىشىلەرگە ئاجايىپ ئېستىتىك تۇيغۇ بەخىش ئىتىدۇ. كىشىلەرنى گۈزەللىككە ئېنتىلدۈرىدۇ. ۋىناس- قەدىمكى يۈنان ئەپسانىلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئىلاھە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئافرودېت، ۋىناس ئۇنىڭ لاتىنچــە ئاتىلىشى بولۇپ، ئاشۇ لاتىنچە نام بىلەن دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن. يۈنان سەنئەتكارلىرى ياۋرۇپا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىگە ئالاھىدە تۆھپــە قوشقان. ئۇلار باشقا ئىلاھ ۋە ئىلاھەلەرنىڭ، شۇنداقلا قەھرىمانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساش بىلەن بىرگە يەنە  ئافرودېتنىڭمۇ نۇرغۇن ھەيكىلىنى ياسىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ نەپىس ئىشلەنگىنى 1982 - يىلى باھاردا، ھازىرقى گىرېتسىيىنىڭ مىلو ئارىلىدىن تىپىلغـــــان، مەرمەر تاشتىن ئويۇلغان  ئافرودېت ھەيكىلى بولۇپ، بۇ ھەيكەل ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ تېپىلغان جايىنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ < مىلو ئارلىدىكى ۋىناس >  دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەيكەلنى گرېتسىيىلىك مىلو ئارىلىدىكى پوتونىس ئىسىملىك بىر دېھقان تېرىقچىلىق قىلىۋاتقاندا توپا ئاستىدىن تىپىۋالغان. ئۇنىڭغا دەسلەپتە ھەيكەلنىڭ ئۈستىنكى يىرىم بەدەن قىسمى ئۇچىرىغان، كىيىن يەنە تۆۋەنكى يىرىم بەدەن قىسمىمۇ تىپىلغـــان. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ ھەيكەل قۇراشتۇرۇلۇپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. بۇ ھەيكەلنىڭ ئومۇمىي ئىگىزلىكى 202 سانتىمېتىر بولۇپ، ھازىر پارىژدىكى لوۋېر موزىيىدا ساقلانماقتا. گۈزەل سەنئەت تارىخچىلىرى ئۇنى قەدىمكى گرېتسىيە مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋر ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-، 5- ئەسىرلەر) دە نامەلوم بىر ھەيكەلتىراش تەرىپىدىن ياسالغان دەپ قارىماقتا. لىكىن بۇ ھەيكەلنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا، ھەيكەل ئاشۇ دەۋرلەردە يۈناندا ياشىغان پىدىياسنىڭ ئەسىرى بولىشى مۈمكىن دېگەن پەرەز ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ چاغدىكى يۈنان ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى: گارمونىيىلىككە ئىگە بولغان ئادەم بەدىنى گۈزەللىكىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت ئىدى. < مىلو ئارىلىدىكى ۋىناس > دەل شۇ دەۋردىكى يۈنان ھەيكەتىراشلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى سەنئەت دۇنياسىدىكى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. ھەيكەلدە، ئۇنىڭ چېچى ئىككى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قايرىپ قىسقا بۈدرە قىلىنغان، سول قولى بىلىكىگىچە، تولۇق، ئوڭ قولى مۆرە ئاستىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن، بېشىدىن بىلىگىچە بولغان بەدىنى يالىڭاچ، بېلىنىڭ تۆۋەن قىسمى پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە قەدىمكى دەۋرگە خاس تاۋاردىن ئىشلەنگەن ئىسىل پەرىجە بىلەن ئورالغان. ئۇنىڭ سول پۇتى سەل ئالدىغا ئىگىلگەن بولۇپ، ھەيكەلنىڭ بۇ ھالىتى ۋىناسنىڭ تەبىئىي ھالدا ئالدىغا لەرزان قەدەم تاشلاپ مىڭىۋاتقان قىياپىتىنى شەكىللەندۈرگـــــــەن. دېمەك، ھەيكەلنىڭ ئوڭ قولى، مورە، قورساق، يۈز قىسمى زىدە بولغاندىن سىرت، باشقا جايلىرى ئاساسەن مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتىدىكى لېۋەنلىكى، تەمكىن، ئالىجاناپ ھەم گۈزەل تۇرقى ۋە چىراي ئىپادىسى بىزگە ئاجايىپ بىر خىل ھايا ئىچىدىكى تارتىنچــاقلىق ۋە كۈچلۈك زىرەكلىك تۇيغۇسى بېرىــــــدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگــــە خاس مەنىۋى ساغلاملىقى بىلەن خۇددى ئەركىلەۋاتقاندەك ھالىتى بىزگە تېخىمۇ ئومـــاق كۆرىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ئۈستىنكى يىرىمى يالىڭاچ بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىپايىلىقى ۋە سالمـــاقلىقى تولۇق ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قولى گەرچە بۇزىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىياپەت گۈزەللىكى بىلەن مەنىۋى  گۈزەللىكى يۈكسەك دەرىجىدە نامايەن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئازادە كىيىمى بىلەن ئوچۇق، پاكىز بولغان ئۈستى يىرىم بەدىنى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغـــــــان. بولۇپمۇ كىيىمىنىڭ قات- قات پۈرمىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر پۈتكۈل بەدەننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قوشۇلۇپ ، كۈچلۈك ئىستېتېك تۇيغۇنى بارغـــــانسىرى چۇڭقۇرلاشتۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ قوللىرى تولۇق بولمىسىمۇ، ئەمما كىشىگە يەنىلا مۇكەممەل گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ بەدىنىنى چوقۇم ئاياللار بەدەن گۈزەللىكىنىڭ نەمۇنىسى دېگەن ھېسياتقــــــا كەلتۈرىدۇ. ئوچۇق ئەمما يەككە ھالەتتىكى ئۈستى يېرىم بەدىنىنىڭ مۇسكۇللىرى بىلەن تۆۋەنكى يېرىم بەدىنىدىكى كىيىمنىڭ مۈرەككەپلىكى شەكىللەندۈرگەن كۈچلۈك سىلىشتۇرمىدىن بىر خىل مۈرەككەپ ھەرىكەتچان ۋەزىن ھاسىل بولغان. بۇ ۋەزىن ئارقىلىق جانلىق بولغان ھەرىكەت گۈزەللىك زوقى ئىپادىلەنگەن.   ھەيكــەل بايقالغاندىن بۇيان، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ھەيكەل دەپ تونۇلماقتا. ئۇنىڭ بەدىئىي سېھرى كۈچى مەڭگۈلۈككە ئىگە.  قەدىمكى ھەيكەلتىراشلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەزەلدىن تەلپۈنۈپ كېلىۋاتقان، سالاپەتلىك ئىچىدە نەپىسلىك بولۇش، سۇباتلىق ئىچىدە لېۋەنلىك بولۇشتىن ئىبــــارەت گۈزەللىك غايىسى ھەققىدىكى ئورتاق ئۆلچىمىنى ھېس قىلىپ يەتكەن، ئۇ سەنئەتكارلارنىڭ ئۇلۇغلىقىمۇ ئىنسانلارنىڭ گۈزەللىك ھەققىدىكى غايىسىنى گۈزەل بەدىئىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەنلىكىدە، ۋىناس ھەيكىلىنىڭ ئىنســـانىيەت مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى مەڭگۈ كۆز چاقنىتىدىغان خاتىرە مۇنارىسى بولۇپ قالالىشىدىكى سەۋەبمۇ ، دەل موشۇ يەردە .
خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(2)
33.3%
ئالقىشلايمەن
(4)
66.7%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...